- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 62
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 64
- تىزىملاتقان
- 2011-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-2
- UID
- 18860
- يازما
- 62
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 64
- تىزىملاتقان
- 2011-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-2
- توردا
- 33 سائەت
|
شىنجاڭ ھۇررا!»، «شىنجاڭ ھۇررا!» …. سىز بۇ خىل ئادەمنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدىغان كەيپىيات ئىچىدە بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر سىز «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى (بۈگۈن) شىنجاڭ ئىككىنچى قەسىر (新疆二宫) تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭ تاشئالما (海棠) كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن پاراۋۇز (火车头) كوماندىسى ۋە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز (三高) كوماندىسىنىڭ تىركىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرگەن بولسىڭىز بۇ ئاۋاز سىزگە ناتۇنۇش ئەمەس.
ئەگەر بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرمىگەن بولسىڭىز، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. شۇڭا كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە مەن بۇ قېتىمقى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)» نىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى قالدۇرۇپ قوياي:

ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مېنىڭ پۇتبول ھۈجەيرەم 2002-يىلى بەدىنىمدە ئاستا-ئاستا ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلار مەن ئەمدىلا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بارغان ۋاقىتلار بولغاچقا مەن پۇتبول دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جىياڭسۇ-ۋۇشى چىڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە يىغىلغان ئۆگىنىشتە ياراملىق ئوغلانلىرى ھەر يەكشەنبە كۈنىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ۋە قىشلىق تەتىل ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي پۇتبول ئويناپ، مەندەك بىر تەكلىماكاننىڭ كىندىكىدىن بارغان سەھرالىقنىڭ دىلىغا پۇتبول ئىشقىنى سېلىپ، پۇتبول ھۈجەيرىلىرىمنى ئويغاتقان ئىدى.
لېكىن، قاچانلاردا ئالىي مەكتەپكە چىقتىم، شۇنىڭدىن باشلاپ، مەندىكى شۇنچە جۇشقۇن پۇتبول ھۈجەيرىلىرى ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كىرىپ، ئودا بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر غەپلەت ئۇيقۇدا ياتقان ئىدى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى)» مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىككىنچى قەسىر تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەن دوستۇمنىڭ بىلەت ئېلىپ قويۇشى بىلەن شۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرگەندىن كېيىن بەدىنىمدىكى ئاشۇ غەپلەت ئۇيقۇدىكى پۇتبول ھۈجەيرىلەر يەنە ئاستا، ئاستا ئويغىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى «شىنجاڭ ھۇررا!»، «شىنجاڭ ھۇررا!» دېگەن بۇ ھاياجانلىق ئاۋاز مېنىڭ ئاشۇ غەپلەتتە قالغان ھۈجەيرىلىرىمگە خۇددى تەيفېڭ بورىنىدەك ھۇجۇم قىلىپ، دىلىمنى ھاياجانغا سېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئويغىتىۋەتتى. مانا شۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنكى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنىمۇ قولدىن بەرمەي كۆرۈپ كەلدىم.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن شۇنى بايقىدىمكى، بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىدىن كۈچلۈك ئىكەن. مەيلى توپ تېپىش ماھارىتى بولسۇن ياكى توپنى ئېلىپ مېڭىش ۋە پاس بېرىش بولسۇن، بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسىنىڭ كۈچىنىڭ خېلى روشەن دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ قېتىم ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسى بىر توپ سېلىپ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى نۆل ھالەتتە مۇسابىقە ئاخىرىلىشىپ قالدى. مەيداندا «ھۇررا!» ئاۋازى توختىمايتتى. بۇ قېتىم مەيدانغا كەلگەن تاماشىبىن سانى ئالدىنقى قېتىملىق 35 مىڭ ئادەمدىن بىراقلا 46 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى» دىكى ئالدىنقى قېتىم ياراتقان ئەڭ يۇقىرى رىكوتنى قايتا بۇزۇپ تاشلىدى. 46 مىڭ تاماشىبىننىڭ «ھۇررا!» (خەنزۇلارمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەتراپىدىكىلەردىن: سىلەرنىڭ توۋلىغىنىڭلار غەيرەت قىلىڭلار (加油) دېگەن گەپمۇ؟ ئۇ ئۇيغۇرچە گەپمۇ دەپ سوراپ، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەيدان كەيپىياتىغا جەم بولۇپ، ئۇلارمۇ ۋۇلا، ۋۇلا دەپ «ھۇررا!» ئاۋازىغا قېتىلىپ كەتكەنلىكتىن مەيداندىكى «ھۇررا!» ئاۋازى ئالاھىدە ھاياجانلىق ئىدى.) دېگەن ئاۋازى پۈتكۈل مەيداننى ئالاھىدە بىر خىل ھاياجانلىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.
بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسى نۆلگە قارىشى بىر نەتىجە بىلەن كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. مەيداندىكى ھەممە تاماشىبىنلار شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئالدىنقى مەيداندا نسىبەتەن ئاجىز بولغان كوماندا تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى بىلەن نۆلگە قارىشى نۆل نەتىجە بىلەن تەڭ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسى روشەن كۈچلۈك بولۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. بارلىق تاماشبىنلار ئەندىشىگە چۈشۈشكە باشلىدى. «شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى يېڭىلىپ قالارمۇ؟» ھەممە ئادەمنىڭ خىيالى شۇ سۇئالدا ئىدى.
ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشمۇ تۈگىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدانلىق مۇسابىقە باشلاندى. 10 مىنۇتقا بارمايلا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ناھايىتى چىرايلىق ھالدا تۇنجى توپنى سالدى. مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى قولاقنى يېرىۋەتكۈدەك ياڭراۋاتاتتى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە 17 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى يەنە بىر توپنى ئۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىرگە قارىشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئەۋزەللىكە ئىگە بولدى. ئەمدى بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسى سەل تەمتىرەشكە باشلىدى. قارىغاندا روھىي بېسىم ئۇلارغا تەسىر قىلىشقا باشلىغاندەك قىلاتتى. كېيىنكى ۋاقىتتا مۇسابىقە يەنىلا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپ توختىماستىن ئادەم ئالماشتۇراتتى. مانا شۇنداق قىلىپ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە ۋاقىتىمۇ توشۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بېيجىڭ ئۈچ ئېگىز كوماندىسىنى بىرگە قارىشى ئىككى نەتىجە بىلەن يېڭىپ، بۇ يىللىق ھازىرغىچە قاتناشقان جەمئىي بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان تەڭ بولۇپ قېلىش، ئۈچ مەيدان يېڭىش بىلەن «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى» دە ئىزچىل ئەۋزەل شارائىتقا ئۆتتى.
«شىنجاڭ كوماندىسى ھۇررا!»….
شىنجاڭ كوماندىسى مەندەك بىر پۇتبول ھۈجەيرىسى ئاللىبۇرۇن غەپلەت ئۇيقۇغا پاتقان ئادەمنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتىپ، يېڭىچە پۇتبولچە جۇشقۇن كەيپىياتقا ئىگە قىلدى. شۇڭا مەن «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى» نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، جۇشقۇن كەيپىياتقا ئىگە قىلىشىنى، ھازىرقىدەك ئەرلەر كۆپىيىۋاتقان ئەمما ھەقىقىي ئەركەكلەر ئازلاپ كېتىۋاتقان دەۋردە ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىردەك «ھۇررا!» ساداسىغا جەم بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ قودرەت تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىغا تىلەكداشمەن
|
|