«مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى»دىن قورقۇش
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى(2012.03.03)
«مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى»دىن قورقۇش - ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ پىسخىكىسى
«مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى» خۇددى بىر خىل ناھايىتى كەڭ تارقالغان ئەندىشە بولۇپ، ئومۇمەن بەزىلەرنىڭ قاتتىق تەشۋىشلىنىپ، غەربنىڭ «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى»دىن ھۇشيار بولۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىراق زادى قانداق ھەرىكەتلەر «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى» ھىسابلىنىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە، بىز تېخى بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر ئۆلچەم تاپالمىدۇق ئەگەر ئۆلچەم بېكىتىلىپ، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى قىلمىشى دېگەن - مەجبۇرلاش خاراكتىرىنى ئالغان، پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا، بىز چەت ئەل كىنولىرى، چەت ئەل تېز تائاملىرى، چەت ئەل بايراملىرى ۋە چەت ئەل سۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا دىيارىدا كەڭ تارقىلىپ، مەدىنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچار بولغىنىمىزنى ئالدىراپ-تېنەپلا ئېتىراپ قىلغان بولىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىۋاتىمىزكى، غەرب جەمئىيىتى باھار بايرىمىمىزغا ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ خەنزۇ تىلى تېخىمۇ كۆپلىگەن چەت ئەللىكلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگۇنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىدى. روشەنكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆزگۈرىشلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئىسپاتى دېسە بىز ئەلۋەتتە ئۇنىمايمىز.
?شۇڭلاشقا، مانا مۇشۇنداق ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن نورمال ھادىسلەرگە نىسبەتەن ئۇنچىۋىلا ھەددىدىن زىيادە جىددىلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولۇدۇ. ھەددىدىن زىيادە جىددىلىشىش ئاجىز دۆلەتلەر پىسخىكىسىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى.مەدەنىيەتتە كونىسىنى چىقىرىۋېتىپ، يېڭىسىنى قوبۇل قىلىش، ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قوشۇلۇشلار ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى شەكلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر بىز مەدەنىيەتتىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە ئاجىز دۆلەت پىسخىكىسىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىساق، ئۆزىمىزنى «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى نەزەريەسى »گە باغلىۋالساق، ئەكسىچە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بېكىنمىچىلىك قىلغان ۋاقتى ئەلۋەتتە ئېچىۋېتىلگەن ۋاقتىدىن تولىمۇ قىسقا.
. يەنە كېلىپ، ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەزمۇنى بولىدۇ.مەدىنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزلۈكسىز تۈردە سىڭىپ كىرىۋاتقان تاشقى مەدەنىيەتنىڭ بەزىبىر ئامىللىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىسى. بىراق بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى تولۇق كۆچۈرۈپ كېلىشى بۇ ئەلۋەتتە ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىش.پۈتۈنلەي غەرىبلىشىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، بۇ پەقەت قالاق دۆلەتلەر تۈزۈم ۋە تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر خىل ھەممە تەرەپلىمىلىك ئۆگىنىش ۋە دورامچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ياپونىيە مىڭجى يېڭىلىقنى قوغداش دەۋرىدە پۈتۈنلەي غەرىبلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بىراق، پۈتۈنلەي غەرىبلىشىپ 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز ھەقىقىتەنمۇ دائىم دېگۈدەك ياپونىيە مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى جەريانىدا شۇنچىلىك ياخشى قوغدالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز. ئىلغار مەدەنىيەت ھەقىقىتەنمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت بولالايدۇ. ئىچكى جەھەتتىن تەرەققىيات ئىقتىدارى پەيدا بولىدىغان مەدەنىيەت.ئۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە غەيرىي مەدەنىيەتتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇنداق مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ باشقا مەدەنىيەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ.
ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى غەرب بىلەن سېلىشتۇرساق، نۆۋەتتە خېلى زور پەرىق ماۋجۇت.پەرىققە يۈزلەنگىنىمىزدە، جىددىيلىشىش، سەگەكلىشىپ كېتىش، ئالدىنى ئېلىشلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىلا بولىدىغان ئىنكاس. ھەقىقى تۈردىكى ئاقىلانە بولغان پوزىتسىيە چوقۇم ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە قوشۇلۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆز-ئۈزىمىزنى قوغداشقا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش بىزنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز.
(ئاپتۇرلار: ۋېي جىمىن. شۈ شاشا. ئايرىم –ئايرىم ھالدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەتشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتى جۇڭگو ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى ) ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى
ئەسلى مەنبەسى گۈلىستان تورى|
www.gulistan.cn ئەسلى تېكىستى:
http://arislan.105.idcxin.com/bb ... wthread&tid=729
بۇ ماقالىنىمۇ كۆرۈپ قويۇش كېرەكتەك قىلىدۇ.خېلى پايدىلىنىش قىممىتى باركەن.