تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: 11yillar

راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
32798
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 23:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈڭلا يازە يالقۇن دەپ ھېچكىم ھېچنىمە يازماس بوپ كېتەرمۇ ئەمدى.

UID
32572
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 00:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىما بىر يەردە قېلىپ ساپلا بىرقىسىم شەخسلەر توغرىسىدا گەپ بۇلىۋېتىپتا ، ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ سەنىمىگە دەسەپ قايسى سەنەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايلا كەتتى .

UID
33603
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 00:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن ئەپەندىگە ئون سۇئال
ئەلى غوجاخۇن

2-3كۈندىن بۇيان تولۇق 3-يللىقلارنىڭ تەكرارى،شەھەرنىڭ 2-قېتىملىق مانېۋىر ئىمتىھان نەتىجىلىرى بىلەن بولۇپ تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىدىم.قارىسام مۇنبەردە يالقۇن ئەپەندى مەندىن سورىغان سۇئاللىرىغا ئۇ ياندىن بۇ ياندىن قىلىپ بىرەر قۇر جاۋابمۇ چىقىپمۇ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلىرىگە يازمامدا ئەسلى جاۋابمۇ بار ئىدى.ئەمدى مەنمۇ سوراپ باقسام:
1.ئۇيغۇرلار ھازىر ئاخبارات-تاراتقۇ،گېزىت-ژورنال قاتارلىق يېتەكچى ئورۇندىكى ۋاستىلەردە غەرپنىڭ يۇمشاق مۇستەملىكىچىك تەشۋىقاتىنىڭ ۋاستىسىگە ئۇچراپ كېتىۋاتامدۇ؟ياكى باشقا ئېدىيە-چۈشەنچىلەرنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچراۋاتامدۇ؟ئەسلى ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كەلسە نېمىدىن ئېىھتىيات قىلىش كېرەك؟
2.كېيىنكى مۇستەمىكىچىلىك ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رايوندا ئۆز تەسىرىنى ئىدىيە-چۈشەنچە،بىلىم،ھوقۇق،مەدەنىيەت ئامىللىرى ئارقىلىق ساقلاپ قېلىش،داۋاملاشتۇرۇشقا قارىتا ئېيتىلىدۇ.ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار؟بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار ھازىر قانداق ئەھۋالدا؟
3.غەرپنىڭ مەرىپىتى ھامان ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە كىشىلىك ھوقۇق،دېمۇكىراتىيە قاراشلىرى بىلەن بىرلىشىپ،ئۇلارنىڭ شەرقشوناسلىق(شەرقچىلىق) تەتقىقاتىدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.ئۇنداقتا،بىز بۇ ئىلىمغا قارشى تۇرىشىمىز كېرەكمۇ؟ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، تۈرك-رونك يېزىقىنىڭ باشقىچىمۇ بىر ئوقۇلىشىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ،يېڭى بىر ئوقۇلىشىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەكمۇ؟...غەربتىن بارلىق شەرقشوناسلىق ئونېۋېرستىتىلىرىنى تاقىۋتىشىنى تەلەپ قىلىپ كوللىكتىپ ئېتراز بىلدۈرىشىمىز كېرەكمۇ؟
4.«بەيدۇ قامۇسى»دا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ: ......سەئېد ئۆزىنىڭ «شەرقشۇناسلىق» دېگەن كىتابىدا غەربنىڭ شەرقنى قۇل قىلغانلىقىغا،مۇستەملىكە قىلغانلىقىغا كەڭ ئورۇن بەرگەن.ئەمما شەرقنىڭ ھەم غەربنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  مىللىي كۇلتۇرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئېغىر يېتەرسىزلىكنى سادىر قىلغان.بۇتەرىپىنى چوڭ ئەپسۇسلۇق دېمەي بولمايدۇ.....
يالقۇن ئەپەندى، نەزىرىڭىزدىكى بۇ كاتتا كىشىگە نوپۇزلۇق مۇنبەردە ئېيتىلغان بۇ سۆزگە قانداق قارايسىزكىن؟
5.ۋېكپىدىيانىڭ ئېدۋارد سەئىد دېگەن ئىسىمغا بەرگەن ئىزاھاتىدا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:
«ئېمست گېلنېر سەئېدنىڭ غەرب دۇنياسى شەرققە 2000 يىلدىن ئارتۇق يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى دېگەن گېپى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.چۈنكى تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى غەرىبكە ئېغىر تەھدىت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى،دەپ قارايدۇ.» ۋېكپىدىيادا يەنە نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىنىڭ سەئىدنىڭ قاراشلىرىغا تەنقىد يۈرگۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.يالقۇن ئەپەندى بۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سۆزىگە قانداق قارايدىكىن؟
6.نەزىرىڭىزدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش شۇنچىلىك قىممەتسىز،تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ئىشمۇ؟ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاتالمىش«كاتتىلار» سۆز قىلغاندا ئۇنى-بۇنى دېمەي رايىشلارچە بىر ياندا ئاڭلاپلا بەرسىلا بولامدۇ؟
7.سىزنىڭچە،مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئاتالغۇلارنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان،تايىنىش نۇقتىسى ئىشەنچىسىز بولغان،«ۋە»دېگەنگە ئوخشاش ئاددى بىر باغلىغۇچىغىمۇ دىققەت قىلمايدىغان،ئايرىملىقنى ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋېتىدىغان،پاكىت مانا مەن دەپ تۇرسىمۇ جاھىلانە قارشىلىق كۆرسىتىپ مېنىڭ راست ،ئۇنىڭ ئسمى مۇشۇنداقتى.....دەيدىغان ئادەم ۋاراى-ۋارىچى بولامدۇ؟يا پاكىتنى ئاساس قىلغان ئادەممۇ؟
8.باشقىنى قويۇپ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن يېڭىدىن  چىقىرىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»،«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»دېگەن ئۈچ تومۇقتىن كىتاپلارنىڭ ئالدى ئارقىدىلا بىرەر يۈزگە يېقىن شەرقشوناس ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىلغانلىقى كۆرسىتىلىپ بۇ شەرقشوناس ئالىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن.سىزنىڭچە كىتاپ تۈزگۈچىلەرنىڭ بېشى ئىششىپ قالغانمىدۇ؟يا سىزنىڭ«شەرقشۇناسلىقنى پايدىلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە لوگىكا جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.»دېگەن ئەسكەرتىشىڭىزدىن ئۇلار خەۋەرسىز ھالدا ئېپ سالغانمىدۇ؟
9.« شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە كۆپلىگەن زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ چۈشەنچىسى تايىنلىق ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ يەنىلا رەددىيە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.»دەپسىز.بۇ گەپچە،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىلىم پەننىڭ  نازۇك قاتلىرى ھەققىدە سىزدىن باشقا ئادەم جىق نەرسە بىلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟
10.ئۆزىڭىزگە ياراپ كەتكەن يۇقۇرى سۈپەتلىك تېز يازمىڭىزدا« جاھانگىرلىك قارا نىيىتى ئۇرغۇپ تاشقان غەرب خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ غەپلەتتە قالغان، ئاجىز، قالاق مۇسۇلمان ئەللىرىگە ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرگە قانداق رەزىل پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.»دەپسىز.ئۇلار قانداق رەزىل پىلانلارنى تۈزگەندۇ؟ئۇلار نىيىتىنى ئاشۇرىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ئاشۇرالمىسا قانداق بولىدۇ؟قايسىسى بىزگە پايدىلىق؟ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا تازا چۈشىنەلمىدىم.چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟



UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 00:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         يالقۇن روزىنىڭ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ئوبزۇرىنى  يىپ ئۇچى قىلغان بۇ مۇنازىرنى ھازىرغىچە 9000ئادەم قېتىم كۆرۈلۈپ، 101ئادەم قېتىم ئىنكاس يېزىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ( ئەلۋەتتە ، باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تازىلانغان ئىنكاسلار بۇنىڭ  سىرتىدا) .
     مۇنازىرىدە ئەلى خوجاخۇن «راستىنلا »شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئۆزىنىڭ «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» ناملىق ئوبزۇرغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، ئارقىدىنلا يالقۇن روزى ئەلى خوجاخۇننىڭ يۇقۇرىقى ئوبزۇرىغا نىسبەتەن قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ   شەرقشۇناسلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىلەپتۇ.
    بىز ئالدى بىلەن «كىمنىڭ قارىشى يوللۇق » دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشتىن ئىلگىرى،  بۇنداق مۇنازىرىنىڭ بولىشى نورمال ھادىسىمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ دېگەن مەسىلىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى.
    مېنىڭچە، بۇ بىر بورمال ھادىسە، ئوىشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مانازىرىنىڭ مەيلى توغرا بولسۇن،  مەيلى خاتا بولسۇن ئېلىپ بېرىلىشى ئەلمىساقكتىن نورمال ھادىسە دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچقايسىمىز ئۈچۈن غەلىتىلىك تۇيۇلمىسا كېرەك.
     بىزنىڭ ئېنتىرنىت بىلەن ئۇچرىشىشمىز بىلەن تەڭ ، ئۆز تىلىمىزدىكى بىر قاتار مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەرقانداق بىر شەخسنى مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىلەرگە بولغان ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى بىر ئېغىزدىن بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى، جۈملىدىن ، تورداشلارنى كەڭ پىكىر قىلىش سورۇنى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ مۇنبەردە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە  ئىگە بولغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز.
    ئەسلى گەپكە كەلسەك، مۇشۇ يېقىندىن بېرى  مۇنبەر دېگەنگە كىشىلەر ئىتىراپ قىلغان، كۆپكە تونۇلغان كىشىلەرنىڭ كىرىشى مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن دېگەن قاراشقا كېلىپ قالدىم.  بىز ئەسلەپ باقايلى: مەيلى ئىلگىرىكى مۇنبەرلەر بولسۇن ياكى ھازىرقى مۇنبەرلەر بۇلسۇن «داڭلىق»لار بىلەن بېۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ھەرقانداق بىر تېما ئۈستىدىكى مۇنازىرە ناھايىتى ئىلمىي ئېلىپ بېرىلماقتا. قايسى بىر تېما ئۇيغۇرنىڭ زىيالىسىغا چېتىلىدىكەن شۇ تېمىدا ، «ئاق ئىت، قارا ئىت» بولۇپ تالىشىش ئادەتتىكى ئىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا ،مۇنازىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالماقتا. مەن بۇنىڭغا قاراپ ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قارا يۈز، ئەڭ ئىككى يۈزلىمىچى، ئەڭ تۆھمەتخور، ئەڭ تۇترۇقسىز ...كىشىلەر ئۆزلىرىنى «زىيالى» ئاتاپ يۈرگەن  كىشىلەر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.   
      بىز مۇشۇ تېمىغا نەزەر سالساق : يالقۇن روزى بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزۇرچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، مېنىڭچە ، ئۇنىڭ ئوبزۇرلىرىنى زور كۆپچىلىك نورمال ئوقۇرمەن ناھايىتىمۇ ياختۇرىدۇ. ئۇنى قوللايدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۇنىڭدەك بىر ئوبزۇرچىنىڭ بولىشىنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.  بىزدە «ئوردا شائىرى » دەپ بىر سۆز بار، بۇ سۆز مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر قەسىدە  يېزىشنى كەسىپ قىلغان شائىرلاردۇر. بۇنداق شائىرلار پەقەتلا باشقىلارنى ماختاشنى ئاساس قىلغان  بولۇپ ئۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنى خۇشال قىلىپ ئۆتسىمۇ، ئەمما، باشقىلارنى رەنجىتىش ئۇنىڭغا نىسىپ بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن بېخەتەر ياشايدۇ، باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىش ئۇنىڭغا نىسىپ بولمايدۇ.
     نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى زۆر بىر تۈركۈم ئوبزۇرچىلار خۇددى ئاشۇ «ئوردا شائىر»لىرىغائوخشاش يول تۇتقان بولۇپ ، ئۇلار قولىغا بىر ئەسەرنى ئېلىپ ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوبزۇر يازمايدۇ، بەلكى  ،مەلۇم شەخس ياكى يازغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئوبزۇر يازىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا،« زاكاس قوبول قىلىپ » ئەسەرنى ماختايدۇ. نېگىزىدىن ئېيتقاندا ، گەپ ئەسەر ئۈستىدە كېتىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ، مەلۇم مەخسەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئەسەر ئاپتۇرىغا قۇيرۇق شىپاڭشىتىدۇ.
   يەنە بىر خىل ئوبزۇرچىلار باركى ، ئۇلار ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ ئەسەرگە ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ تۈرلۈك  ئۆلچەملىرى بويىچە تەلەپ قويۇشنى، تەنقىد قىلىشغا تېگىشلىكلىرىنى تەنقىد قىلىشنى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ قولىغا قەلەم ئالىدۇ. مېنىڭچە، يالقۇن روزى مۇشۇ خىلدىكى ئوبزۇرچى. ئۇنىڭ ئەسەرگە قويغان تۈرلۈك تەلىپى ماھىيەتتە يازغۇچىغا قويۇلغان تەلىپى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم . يەنە بىر نوقتىنى ئەسكەرتىش مۇھىمكى، يالقۇن روزى ئەزەلدىن ئۇيغۇرنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە ( ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىر،مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر... ۋاھاكازالار )  ئوبزۇر يازدى.يازغۇچىغا ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى قويۇپ كەلدى. نامى چىقمىغان ئەدەبىيات كوچىسىدا ئەمدىلا تەمتەم مېڭىۋاتقان ھەۋەسكارلارغا تەلەپنى ئۇنچە قاتتىق قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى، ئەگەر شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىك بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ، يالقۇن روزىنىڭ «داڭلىقلار» تاللاپ تەنقىد قىلىشىنىڭ ، ئۇلارغا كەڭ كىتابخانلارغا ۋاكالىتەن تەلەپ قويۇشىىنىڭ ، ئۇلاردىن يەنىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشنى  تەلەپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق يامىنى بولمىسا كېرەك.
       ئەمما، مەسىلە شۇ يەردىكى، بايىقىدەك «ئوردا ئوبزۇرچىلىرى» تولا ماختاپ، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ماختاشقا خۇمار بولۇپ قالغان بىرقىسىم يازغۇچىلىرىمىز ئۇنىڭ بۇنداق :«ساقال تاغىقى» لىقىنى قوبۇل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى. ئەتراپىغا مۇرت توپلاپ ( ئەلۋەتتە ، بۇ مۇرتلارنىڭ موتلەق كۆپ قىسمى قەلەمكەشلەر) ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى.
   ئەگەر يالقۇن روزىنىڭ دۈشمىنى بار دېيىلسە ، شەك شۈبھىسىزكى ئۇلار چوقۇم ئەسىرى يالقۇن روزىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان يازغۇچىلار.ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچى ھەۋەسكارلار. مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ئۇنى ھەرخىل بەتناملارنى تارتۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قەلەمكەشلەردۇر.
    شۇنى ئېتىراپ قىلمىسام بولمايدۇكى ، يالقۇن روزىنىڭ بىردىن بىر ئاجىزلىقى گەپنى قاتتىق قىلىشى،  سىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغان سۆزنىمۇ قوپال ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغانلىقى . ئەمما، ئۇنىڭ بىر ئىككى ئوبزۇرىدا شەخس ئۈستىدە كۆپرەك توختالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، زور كوپچىلىك ئوبزۇرىدا گەپنىڭ ئەسەر ئۈستىدە بولغانلىقىنىمۇ  ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.ئۇنىڭ زوردۇن سابىرنىڭ « ئاتا رومانىمى قېدىرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى» دىكى پوزىتسىيىسىنىڭ « قولۇمدا«تىنچ دون » كەبى بىر دۇنياۋىي ئەسەرتۇرۇپتۇ...» دەپ باشلانغان «ئانا يۇرت» رومانى ھەققىدىكى ئوبزۇرىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ تۈپتىن ئوخشىماسلىقى ئۇنىڭ «يازغۇچىغا ئەمەس، ئەسەرگە باھا بېرىشنى مۇددىئا قىلغان ئوبزۇرچى »ئىكەنلىكىگە پاكىت بولسا كېرەك. چۈنكى ، «ئاتا»رومانىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى» سەۋەبلىك يالقۇن روزى بىلەن زوردۇن سابىر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرنىڭ مەزمۇنى  كەڭ تورداشلارغا قاراڭغۇ بولمىسا كېرەك .
   بۇ ھەقتىكى خۇلاسە شۇكى، يالقۇن روزىنىڭ قىلغانلىرى قىلىۋاتقانلىرى بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىشلار ئەمەس.
     ئەمدى ئەختەم ئۆمەر ئۈستىدە ئازراق توىتىلىشنى لايىق كۆردۈم:
   مېنىڭ قارىشىمچە، ئەختەم ئۆمەر 80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90- يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قەلەم تەۋرىتىش ئەمەس، قەلەم تەۋرىتىش ئۈچۈن خىيال قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغا ساھاگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ« بارىكاللا» سىغا ئېرىشسە، يازغۇچىلارنى ئەندىكتۈرىۋەتكەن  سۆيۈملۈك يازغۇچى ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئۇنىڭ « ئاھ، رەھىم،سىز دەريا»« زىمىن قارا، ئەدەملىرىڭگە» ،«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» ...،قاتارلىق  بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي سىنىپتا ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ دەرسى قۇلىقىمغا كىرمەي، كالا باققىلى چىققاندا كالا باشقىلارنىڭ قوناقلىقىغا كىرىپ، قوناقلىق ئېگىسىنىڭ كالىنى ئېلىپ كەتكىنىنى تۇيماي...  سۆيۈپ تۇرۇپ ئوقۇغانمەن، ئۇ قاچان  تەڭرىتاغ كىنۇ ئىستودىيىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئۈ ئىجادىيەتتە ، چېكىنىشكە باشلىدى.ئۈرۈمچى زىيان قىلغان يازغۇچى بولۇپ قالدى.  بۇ ھەقىيقەتنى قېنى قايسىڭلار ئىتىراپ قىلمايسىلەر . يالقۇن روزىنى كاللاڭلاردىن چىقىرىۋىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ مۇنازىرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان « نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق ئەسىرىنى، «غېرىپ- سەنەم» ناملىق ئەسىرىنى ، يەنە قايسىدۇ بىر تورداش تىلغا ئالغان « تازلار بايرىمى » ناملىق ئەسىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى. ئۆچ ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ   يۇقۇرقى ئەسەرلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ باقايلى ... شۇندىلا ، بىز ئۇيغۇرزادىنىڭ «ئەختەم ئۆمەرنى تەنقىد قىلماي بولمايدۇ» دېگەن گېپىنىڭ قىلچە خاتاسىنىڭ  يوقلىقىنى ھېس قىلىمىز.
      بۇگۈنچە مۇشۇنچىلىك يازاي

باھا سۆز

asliyat  ئەڭ توغرا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىر مۇشۇ بوپتۇ....رەخمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 15:55:54
burkut327  ياخشى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:54:58
kurxat  كۆڭلۈمدىكى گەپ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 16:52:10
ئۆتۈكەن  ئاخىرى يېزىلدى-دە، مەن يازالمايۋاتقان گەپلەر...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 16:10:17
hikmet  تەھلىلىڭىز ناھايتى ئۇرۇنلۇق، پىكرىمىز ئوخشايدىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 02:32:32

UID
10665
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2011-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 01:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى خوجاخۇن مۇئەللىم:
   باشقىلارنىڭ سوئالىغا سېستىمىلىق جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ، «جاۋابى چىقىپ قاپتۇ، ئەسلى يازمامدا جاۋابى بار ئىدى» دېگەن مۇجىمەل جۈملىدىن كىيىنلا ، قارشى تەرەپكە سوئال قويغىلى تۇرسىڭىز تورداشلار : « ئوقۇتقۇچى دېگەن شۇ، بىر ئۆمۈر سوئال سوراپ ئوتىدۇ، جاۋاب بېرىش دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە يوق» دەپ ئويلاپ قالمايلى، سىزنى دوراپ يالقۇن روزى يەنە 10 سوئال تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتسە، مۇنبەر سوئال بىلەن توشۇپ كەتمىسۇن يەنە، ئەڭ ياىشىسى سىز يالقۇن روزىنىڭ 10 سوئالىغا بۇرۇن بېرىلگەن بولسۇن بېرىلمىگەن بولسۇن سېستىمىلىق قىلىپ بىر نەرسە دەۋىتىڭ -دە، ئاندىن سوئالىڭىزنى قويۇڭ.   شۇچاغدا بىز تورداشلار ، مەنپىئەتكە ئېرىشىمىز .

UID
11266
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1764
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 01:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلغۇننىڭ پىكرى تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ .
بىز بۇرۇنقى يازمىلارنى تۇلۇق ئۇنتۇپ كەتمەي تۇرۇپ ھېچكىمگە لىللا مۇئامىلە قىلالمايمىز .
مەيلى يالقۇن روزى بولسۇن ، مەيلى ئەلى غوجاخۇن بولسۇن ياكى زۇلپىقار بارات بولسۇن
ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ مەيدانىنى ئەكىس ئەتتۈرىۋاتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇشۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار ئىسپات بولالايدۇ .
بۇ مۇنازىرىنىڭ داۋام ئېتىش كاپالىتى بولسا ھەممەيلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش .
لېكىن ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى قايىل قىلالماسلىقىغا ئىشىنىمەن .

UID
32098
يازما
229
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
229
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 01:46:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما پېتىق بولۇپ كەتتى.ئاللا دېسە كاللا دەپ چۈشۈپ كېتىشلىرى.
مەنمۇ گېپىمنى دەۋالاي ئەمىسە.يالقۇن روزىنىڭ ئەختەم ئۆمەرنى تەنقىد قىلغىنى توغرا،يازغۇچىلار ئۈچۈن يېزىش ئالۋىنى يوق،بۇنداق ئەخلەتسىمان نەرسىلەرنى يېزىپ جاپا تارتقاندىن،ئىلگىرى يازغانلىرىغا پەخىرلىنىپ ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ.
يالقۇن روزىنىڭ شەرىقشۇناسلىقنى تەنقىد قىلغىنىمۇ توغرا،بۇ كېينىكىلەر ئۈچۈن بىر سېگىنال.
لېكىن مەسىلە ئارلاشتۇرۇلۇپ ئۇماچ قىلىۋېتىلگەچكە،مۇشۇنداق تەپرىق چىقىۋاتىدۇ.يالقۇن روزى شەرىقشۇناسلىققا گەپ قىلغاندا ئېجابى تەرەپلىرىگە لىللا مەيداندا تۇرمىدى.
ئەلى خوجاخۇن بولسا شەرىقشۇناسلىققا ئوڭ كۆزىدە بەك قارىۋالدى.رەدىيە بېرىش ئۈچۈن  بۇ ئىككىلا شەخسنىڭ تۇتىۋالغىنى بىر تەرەپلىمىلىك.
بولمىغىنى يالقۇن ئاكا ئەختەم ئۆمەرگە ئانچە ياراشمىسىمۇ شەرىقشۇناسنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەن دوپپنى كىيگۈزۈپ قويدى،بۇ دوپپا چوڭ كېلىپ قاپتۇ،تەنقىدلەش بەك زۆرۈر،لېكىن بۇنى ماۋۇ شەرىقشۇناسلىققا چېتىۋالمىغان تۈزۈك.
ئەلى خوجاخۇن بولسا ئوڭ تەرىپگە قاراپ ئاقلاپلا كېتىپتۇ،ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ئەسىرى تەنقىدكە مۇھتاج،«ئەستايىدىللىق مەسئولىيەتچانلىق....»دېگەندەك گەپلەر تېخىمۇ ياراشماپتۇ،بۇ دوپپا ئەمدى  كىچىك كېلىپ قاپتۇ.
مېنىڭمۇ قاقشىغۇم كېلىدۇ،مۇشۇ مىللىتىمىزدىكى زىيالى سانالغانلار ئېتقادتقا«نەزەر سېلىپ ئۆتۈپ»كەتمىگەن بولسا بۇنداق خاتالىقلار سادىر بولماستى.ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋادار ئاتالسىلا بولمايدۇ،تەتقىق قىلش كېرەك!تەقۋادارلىق ناماز ئوقۇغىنى ئېمان ئېيتقىنى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئۇنىۋان ئەمەس،ئەگەر بىلسە شەرىقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسىمەيتى،شەيتاننىڭ دېپىنى داراڭلاتمايتى،مىللىي،دىنى،پەلسەپىۋى...يەنە ئاللىقانداق ئەبجەش نەرسىلەرنى بىرى ئاق بىرى كۆك دەپ باھالاپ،خەلىققە ئاۋازغا قويۇپ بۇنداق مېڭىنى بېئارام قىلمايتى!مەنمۇ ھازىر ئىلگىرى ئۈمۈدسىزلەنگەن كىشىلەردىن قايتىدىن ئۈمۈدلىنىپ،زىيالىلاردىن ئۈمۈدسىزلىنىپ قېلىۋاتىمەن.

باھا سۆز

ئۆتۈكەن  ئاۋۇ قالپاقنى چوڭ دەپسىزيۇ كەينىدىنلا يەنە كىيگۈزۈپسىز، توۋا!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 16:13:14
afiyfiy  ناماز توغرىسىدىكى گەپلەرگە، كەينىدىكى گۇپپاڭچى ئىنكاسلاردىن ئۆرگىلەي...  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 10:28:50
afiyfiy  تۆھمەتتىن ئۇيالمايدىغان، ئۇنى گۇناھ سانىمايدىغان بولۇپ كېتىپسىلەر؟!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 10:28:08
ArislanMemet  بارغانسىرى ياخشى پىكىر قىلىدىغان بولۇپ كېتىپ بارىسىز ، مۇنبەر يارىشىپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:07:03
hikmet  توغرا دەيسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 02:35:00

UID
8488
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
266
تىزىملاتقان
2011-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 02:37:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   4 مەزھەپ ئالىملىرىمۇ مىنىڭ پۇتۇنلەي  توغرا دەپ تۇرىۋالمىغان، زىيالىيلىرىمىز ھەمىشە سۆزلىرىنى مۇتلەقلەشتۇرۇۋېلىپ قارشى تەرەپكە يول قويمايدۇ، مۇنازىرە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟

باھا سۆز

uyghurzade  تاماشىخور تورداشلاردا ھەق-ناھەق تۇيغۇسى بولسا ئۇنداق بولمايتتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 12:06:15
ArislanMemet  زىيالىلاردا ئازراق پەزىلەت بولسا ، ئۇنداق بولمايتى .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:09:15

UID
11990
يازما
39
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
819
تىزىملاتقان
2011-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 02:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئۇ ئەسىرىنى مەن قايتىمۇ - قايتا ئوقۇپ چىققان ئىدىم.مىنىڭچە: ئەگەر ئوقۇتقۇچىمىز ئەلى خۇجائاخۇن دىگەندەك «ئەسەر ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى» دىيىلسە يالقۇن روزى ئاكىغا بۇ قالپاق مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئەڭ چوڭ قالپاقلاردىنمۇ چوڭراق  كىلىپ قالىدۇ.مۇمكىن بولسا ئەلىي خۇجائاخۇنغا ئۇ ئەسەرنى، ئۆزىنى بىسىۋىلىپ، ئىسسىق بىر پىيالە چاي دەملەپ ئىچكەچ قايتا بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئەسىرىدە ھىچ قاچان غەرىپلىكلەرنى ئالۋاستى قىلىۋىتىش، شەرىقلىقلەرنى بولسا ئۆز تېنىنى قالقان قىلىپ جان پىدالىق بىلەن قوغداش،يەنە قانداقتۇر ئەختەم ئۆمەر ئاكىنى بىراقلا ئەلنىڭ نەزىردىن چۈشۈرۋىتىشكە ئۇرنىش دىگەندەك شەخسى غەرەز يوشۇرۇنمىغان. مەن ئۇ ئەسەرنى ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا،بولۇپمۇ ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى» سىگە بىرىلگەن ئىزاھلارغا كەلگەندە- يالقۇن روزى ئاكا ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ ئۆزىگە بىر پارچە خەت يازسىمۇ، كۆرۈشكەندە يۇزتۇرانە دىسىمۇ بولاتتىغۇ، نىمە ئۈچۈن ئەسەر قىلىپ باستۇرغاندۇ؟ - دەپ ئۆزۇمدىن سوراپ باققان ئىدىم.
ئەلىي خوجائاخۇننىڭ يالقۇن روزى ئاكىغا بەرگەن رەدىيەسىدىمۇ ئورۇنلۇق بولغان نۇرغۇن تەرەپلەر باردەك، بىراق ئۇنىڭ ئىسپاتلىماقچى بولغىنى يالقۇن روزى ئاكا يورۇتۇپ بەرگەن «سەگەك بولۇش كىرەك» دىگەن مەسلىنى خېمىغا ياندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە پەيدا قىلغان بىر قىتىملىق ئويلىنىش دولقۇنىنىڭ چەمبىركىنى تارايتماقچى بولغاندەك تۇيغۇ بېردۇ ئادەمگە.
گەرچە ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ « نەسىردىن ئەپەندى» سىنى كىتاپخانلاردىن كۆپ ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىغانلىقىم سەۋەپلىك ئۇنىڭغا پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالىمىساممۇ، بىراق يالقۇن روزى ئاكا ئاشۇ ئەسىرىنى ئوقىغان ھەر بىر قەلەمكەشكە -« مۇگدەپ قالمايلى» دىگەن بىر سۆزنى دىيەلىدى. ھەم ئۇلارنى سەل مەڭدىتىپ قويالىدى دەپ قارايمەن. خۇددى مەسچىتكە نامازغا كىرىپ، ناماز ۋاقتى كەلگۈچە ساقلاپ بولالماي مۇگدەپ ئولتۇرغان نامازخاننى يېنىدىكى قېرىندىشى تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىسۇن ئۈچۈن تۇرتۇپ قويغاندەك بولسىمۇ تەسىر پەيدا قىلدى.
ئەلىي خوجائاخۇننىڭ 103- قەۋەتتىكى 10 سوئالنى ئۆز ئىچىگە ئالىمىغان بۇ يازمىسىغا شەخسەن مەن تەشەككۇر ئىيتىمەن. چۈنكى مۇشۇ يازمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ بەزى گادىرماچ تۇيغۇلىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم، ئەمما ئەلىي خوجائاخۇن سىزگە دوستانە بىر تەكلىۋىم بار.
   مەيلى سىز ئىشىنىڭ، ئىشەنمەڭ سىزدەك بىر قارشى نوقتىدا تۇردىغان ئادەمنىڭ چىقىشى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش. چۈنكى سىزمۇ ھەر دائىم يالقۇن روزى ئاكىغا « مۇگدەپ قالماڭ» دەپ تۇرسىز. يالقۇن روزى ئاكىمۇ سىزدەك كىشىلىرىمىزگە «مۇگدەپ قالماسلىق» مەسلىسىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
سوئال مەسلىسىگە كەلسەك ئەسىرىڭىزدە يالقۇن ئاكىنى شۇنچە تەكىتلەپ، مەسلىگە ئىلمىي نوقتىدىن قاراشنى تەۋسىيە قىلىپسىز- يۇ، يالقۇن ئاكا شۇنچىلىك ئىككى سۆزنى ئىشلىتىپ سوئال تاشلاپ قويسا، ئىلمىي نوقتىدىن ھالقىپ، ھىچنىمە كۆزۇڭڭىزگە كۆرۇنمەي ، قىلىچ-قالقان، دوبۇلغا- ساۋۇت بىلەن تەييار تۇرغان 10 چەۋەندازنى مەيدانغا تاشلاپسىز. بۇ تازا ئىلمىي بولمىغاندەك تۇردۇ.
بىر چاغلاردا مۇشۇ مۇنبەردە بىر دوستىمىز ماڭا: سىز دائىم ئۆزىڭىزنى ئومۇمىي بىر توپنىڭ ئۆزى دەپ قارۋالدىكەنسىز - دىگەن ئىدى. بۇ سۆز گەرچە قاتتىق تەنقىد مەنىسىدە دىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما مەن بۇ سۆزگە ھەقىقەتەن قايىل بولغان ئىدىم.
بۇ ئىنكاس پەقەت مىنىڭ شەخسى قارشىم. رەھمەت.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
586
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
586
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
218 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 03:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى يالقۇن روزى ئۆزى كىرسە بولاتتى ، مۇنازىرە نورمال قېلىپقا چۈشەتتى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش