umudwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 16:46 
ئەختەم ئۈمەرگە ئوخشاش ئەل دىلىغا ياققۇدەك كىشىنى قايى ...
دىگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، ئەمما ھەر ئىككى ماقالىدىكى مەسلە ھەرگىزمۇ ئەختەم ئۆمەر ئاكىنى تاياق ئاستىغا ئېلىش ئەمەس، بەلكى خاتاسىنى كۆرسىتىپ بېرىش. ئەگەر يالقۇن روزى ئاكىدا شۇنداق بىر خاتالىق بولغان بولسا ئىدى. ئۇنى ئەختەم ئۆمەر ئاكا قامچىلىسا بولىۋىرەتتى. ئەلۋەتتە يالقۇن روزى ئاكىمۇ بەزى كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا ئەلىي خوجائاخۇن مۇئەللىمدىن بىر «قامچا» ئالدى. مانا مۇشۇنداق.
ئەمدى سىز دىگەن« نىمىشقا ئۆزىگە دىمەيدۇ» دىگەن مەسلىگە كەلسەك، يالقۇن روزى بىلەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۆچ ئاداۋىتى بولمىسىلا ئۇلار بىر كەسىپتىكى ئادەملەر، ھەرگىزمۇ يالقۇن روزى ئاكىمۇ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن بۇنى ئويلىمىدى دىيەلمەيمىز. بىراق ماقالە ئارقىلىق ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ بىر كەتكۈزۈپ قويغىنىغا ئەمەس، تالايلىغان كەتكۈزۈپ قويۇپمۇ گېدىيىپ يۇرگەنلەرگە ئىشارە قىلماقچى بولسا كىرەك-دەپ چۈشەنسەك سىزچە قانداق بولار؟
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەختەم ئۆمەر ئاكىغا شەخسىيەت جەھەتتىن بۇ ماقالە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى بىزنىڭ ئىككى مۇئەللىپىمىز مۇنازىرنى داۋاملىق مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسا، بەلكىم بۇ ئىككەيلەنگە تەسىر كۆرسىتىپ قىلىشى، كۆرسەتكەندىمۇ ھەرگىز ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن.
بۇ يەرگە كەلگەندە بۇرۇن بىرسىدىن ئاڭلىغان مۇنۇ سۆزلەر يادىمغا كىلىپ قالدى.
بۇرۇن بىر كىشىدىن بىر بۇرادىرى سوراپتۇ،
-ئۇرۇش قانداق باشلىنىدۇ؟
-ئۇرۇشنى دىندار موللىلار باشلايدۇ،- دەپتۇ ئۇ كىشى، بۇرادىرى يەنە سوراپتۇ-ئۇنداقتا ئۇرۇشنىڭ دەردىنى كىم ئەڭ كۆپ تارتىدۇ؟
- بىچارە خەلىق، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،- ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بۇرادىرى،
-غىتمەك زىيالىيلارنىڭ قولىغا قالىدۇ- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ؟-ئۇنداقتا شۇنداقلا تۈگەمدۇ ئىشلار؟- دەپ سوراپتۇ بۇرادىرى يەنە.
-ياق، تۇلكىدىنمۇ ھېلىگەر، شەرەنداز خوتۇندىنمۇ قۇۋ بولغان سىياسىيۇنلار تەخىتكە چىقىپ، ھەرخىل بوھتانلار بىلەن، ئۇرۇشقا قاتناشقان غازىلارنى، ئىلىمدار-ئالىملارنى، نارەسىدە باللار ۋە ئاياللارنى قەتلە قىلىش بىلەن تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ، رىياكار،مۇناپىق موللىلار ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى بولىدۇ. خەلىق يەنىلا دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ياشايدۇ- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ كىشى.
-ئۇنداقتا زىيالىيلار قانداق بولىدۇ؟
-ئۇلار مەسلىنىڭ تۈگۈنى نەدە، تەخىتكە كىم چىقىدۇ، بۇ ئۇرۇش خەلىققە نىمە ئىلىپ كەلدى؟ . . . دىگەندەك بىر تالاي نەزىريەلەر ئۈچۈن بىر-بىرسىنى تالاپ، قارغاپ، ۋار-ۋۇر، جار-جۇرنىڭ ئىچىدە قالىدۇ!
مىنىڭچە بولسا ئازراقلا يول قويايلى، قەلبىمىزنىڭ ئىشكىنى بىر ئادەم سىققۇدەكلا ئىچىپ قويساق نۇرغۇن مەسلىلەرگە بۇنداق چىچىلىپ كەتمەيمىز. ۋار- ۋۇر، جار-جۇرنىڭ ئىچىدە قېلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىمىز ياخشى. ھەممە ئىشنى مۇشۇ بىر مۇنبەردە، مۇشۇ بىر قانچە ماقالە بىلەن ھەل قىلىۋەتكىلى بولغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس... مىڭ ئەپسۇس!