بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-29 15:43
بۇ تېما 23-ئۆكتەبىر كەچتە يوللانغان، قارانىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكتىن، بۈگۈن قايتا يوللاندى.
قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە پائالىيىتى باشلاندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار، بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان مۇنبەر ئەھلى! ياخشىمۇ سىلەر؟
يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەنئەنىۋى ئايىمىمىز قۇربان ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلاش، تورداشلار ئارا ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، ئايەم شاتلىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈش مەخسىتىدە مۇنبىرىمىزدە مۇشائىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتۇق. كەڭ تورداش دوستلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئايىمىمىزنىڭ ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق ۋە شاتلىققا تولغان خاسلىقىنى نامايەن قىلىشقا، بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ مەنىۋى كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشقا تېگىشلىك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. يوللانغان ئەسەرلەر سۈپىتى ۋە قىممىتىگە قاراپ، تېما باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قىزغىنلىق، تىللا، تۆھپە ۋە شۆھرەتتىن ئىبارەت مۇنبەر جۇغلانمىلىرى ئارقىلىق مۇكاپاتلىنىدۇ.
پائالىيەت ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ: تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلارغا: 1.مۇشائىرە پائالىيىتىمىزنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلار شېئىرى شەكىل ئارقىلىق چاقچاق، يۇمۇر، كۈلدۈرگە، لەتىپە، تېپىشماق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، يوللانمىلىرى چوقۇم ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇشى، باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلمەسلىكى كېرەك. 2.مۇشائىرە پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمەسلىكى، شېئىرى پىكىرلەر راۋان، ئېنىق، چۈشۈنىشلىك ئىپادىلىنىشى، شېئىرى ئەسەرلەرگە خاس بولغان رىتىم، تۇراق ۋە قاپىيەلەر ئۆز ئارا ماسلاشقان بۇلۇشى، ھەرگىزمۇ قۇرۇق سۆزلەر تىزمىسى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. 3.يوللىنىدىغان ئەسەرلەر ئايرىم تېما شەكلىدە ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن: مەن بىر ياكى بىر نەچچە كۇپلىت مۇشائىرە توقۇيمەن، بىر ئەزا ماسلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرى داۋاملاشتۇرۇىدۇ..... مۇشائىرە مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە داۋاملىشىدۇ. 4.يوللىغان مۇشائىرىلىرىمىزدىكى چاقچاق، يۇمۇرلارنىڭ مەزمۇنى چوقۇم ساغلام، ئىلمىي، قىزىقارلىق بۇلۇشى، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلىشى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرىغا تېگىدىغان مەزمۇنلاردىن خالى بۇلۇشى كېرەك.
تېما باھالىغۇچى دوستلارغا: 1.مۇنبەردىكى ئاتامان، ئالى باشقۇرغۇچى، مۇنبەر باشلىقى ۋە ئىشەنچلىك ئەزالار مۇنبەردىكى تېما-ئىنكاسلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاش سالاھىيىتىگە ئىگە. شۇڭا تېما باھالىغۇچى دوستلار بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان تېمىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشتا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئادىل، ھەققانى بۇلۇشى، كۆڭۈل يېقىنلىق ۋە يۇرتۋازلىقتىن خالى بۇلۇشى، ئەسەرلەرگە ئوبىكتىپ، ئادىل باھا بېرىشى كېرەك. 2.ئەسەرلەرگە باھا بېرىپ مۇكاپاتلىغاندا قىزغىنلىق، تىللا، تۆھپە ۋە شۆھرەتتىن ئىبارەت مۇنبەر جۇغلانمىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەڭ تۈۋەن چەك 2 دىن، يۇقۇرى چەك 5 كىچە بۇلۇشى كېرەك. (ئەگەر ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە مۇنبەردە جۇغلانما پاخاللىقى كېلىپ چىقىدۇ.)
تورداش دوستلارنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى سەۋىيەسى تەكشى ئەمەس، كونىلاردا «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دەيدىغان گەپ بار، تورداش دوستلارنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئايىمىمىزنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى، مەزمۇنى ساغلام بۇلۇش شەرتى ئاستىدا قانچىلىك يازالىسا شۇنچىلىك يېزىپ يوللىشىنى، تېما-ئىنكاس باھالىغۇچى تورداشلارنىڭ تېما-ئىنكاسلارنى باھالىغاندا باشقىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە كىشىلىك ئىززىتىگە تېگىدىغان يازما-ئىنكاسلارنى يازماسلىقىنى، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىجابى يېتەكلەپ، ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!
بايقاش مائارىپ تورى ئىشخانىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
|