| ئارام ئالسۇن مۇئەللىم سىنتەبىردە باشلانغان مۇئەللىمنىڭ جاپاسى، قېۋرال كەلدى تاپ بېسىپ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم. نېرۋىسىدىن كەتمىسۇن، يوق سۆزۈمنىڭ خاتاسى، ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
بىر ئاي دېمەك ئېغىزدا بولسىمۇ گەر ئوتتۇز كۈن، تۈگەر جۈمە، پوست بىلەن بىر ئايدىكى توققۇز كۈن، شۇ سەۋەبتىن بىر يەرگە بارالمايدۇ ئۇ پۈتۈن، ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
تەتىلى، دەم ئېلىشى، قانۇندىمۇ بار ئىكەن، قانۇن دېمەك ئاجىزغا ھەردەم يۆلەك يار ئىكەن، بىراق قانۇن بىلمەسلەر ھەممە يەردە خار ئىكەن، ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
چىدىمايدۇ ئۆكۈزمۇ قوش، سۆرەمگە تەڭ سالسا، زىيان بولار دېھقانغا ئۆكۈز ئۆلسە يا ياتسا، شۇ ئۆكۈزگە ئوخشايدۇ مۇئەللىممۇ ئوخشاتسا، ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
ئەڭ ئاددىيسى ئاسرايدۇ ھەيدىگەنلەر «تۆمۈر» نى، ياكى تاللا بازاردا ساتمايدىكەن ئۆمۈرنى، كۆتۈرمەكمۇ تەس ئىكەن چارچىغاندا كۆڭۈلنى، ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
ئارام ئالسۇن مۇئەللىم، نېرۋىلىرى بوشىسۇن، سەۋىيەسى تۆۋەنلەر كىتاب كۆرسۇن، ئوقۇسۇن، قاقشىمىسۇن مۇئەللىم، ئۇششاق ئىشلار توختىسۇن. ئەمدى بىر ئاي بولسىمۇ ئارام ئالسۇن مۇئەللىم.
|
|