كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 0

تەتىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەتىلىم

          (شېئىرىي چاخچاق)

پىراقىڭدا ئۆلگىلى تاسلا قالدىم، تەتىلىم،
قەدىمىڭگە سۆيگىلى راسلا قالدىم، تەتىلىم.
« يۈزسىز» ئاتاپ رەنجىيتىم، بۈگۈن يەنە كەلمىسەڭ،
بۇ كۆڭۈلنى بۆلگىلى ئازلا قالدىم، تەتىلىم.

ئۇزۇن يىللار ئايرىلغان جانانىنى تاپقاندەك،
ئۈستىۋاشقا يېڭىدىن شاھانە تون ئارتقاندەك،
بولۇپ قالدىم راھەتنىڭ بۆشۈكىدە ياتقاندەك،
شەرىپىڭگە سازىمنى ياڭراق چالدىم، تەتىلىم.

سەنسىز ئۆتكەن كۈنلەرنى باستى ئەجەپ غېرىپلىق،
ماڭغان-تۇرغان قەدەملەر فورمىلاغا سېلىقلىق،
ئائىلىنىڭ غەملىرى ساڭا ئېشىپ  قېلىقلىق،
راست گەپ قىلسام خىزمەتتە ،چارچاپ-تالدىم تەتىلىىم

«ئۆلىما»لار دوق قىلار: چىشلىمەكنىڭ دەردى بار،
ۋايسىمىغىن يەلكەڭدە كەلگۈسىنىڭ قەرزى بار،
پوكىنڭنى سىلاپ كۆر، ئالغىنىڭنىڭ ھەققى بار،
«پەتىۋا»نى تىل بىلەن دوققا ئالدىم، تەتىلىم.

سېنىڭ ئۈچۈن چىدىدىم، جاپالارغا، ئۇۋالغا،
يەكشەنبىمۇ جۆر بولدۇم «غەيرەت» دىگەن شۇئارغا،
كەچقۇرۇنى تەييارمەن، دىجورنىغا تۇرارغا،
رەنجىمىگىن، باغرىمنى ساڭا ياردىم  تەتىلىم.

سېغىنىشنىڭ تەكتىنى، كېتەرىڭدە ئۇقۇپ كەت،
مۇمكىن بولسا تۆت-بەشنى يەنە ئارتۇق تۇغۇپ كەت،
«كەتسەم يەنە كېلىمەن» دىگەچ سۆيۈپ، نوقۇپ كەت،
دىمىگەيمەن سەن كەلسەڭ:كەلمە، تاندىم تەتىلىم.

كەيىپلىكمەن سەن كەلگەچ، خوشاللىقتىن مەس بەلكىم،
ئەيىپلىكمەن سەن كەلمەي، كۈنۈم ئۆتەر تەس بەلكىم،
بەرگەنلىرىڭ ئالدىدا، نەزمىلىرىم خەس بەلكىم،
قەلەم چاغلىق ، چاخچاقنى تەستە يازدىم  تەتىلىم.

چاخچىقىمنى باشقىچە نىيەت بىلەن چۈشەنمە،
مەن تانمىدىم كەسپىمدىن، ئۆسەكلەرگە ئىشەنمە،
گۇمان دىگەن ئىماننى قاچۇرغۇچى كۈشەندە،
لاتاپىتىڭ ئالدىدا ئازسام ئازدىم، تەتىلىم!


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش