كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 1

باشلانغۇچ 6-يىللىق ئىلىم -پەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى

ئىلىم-پەن

6- يىللىق 1- قىسىم

         


بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلار
(بىر سائەتلىك دەرس لاھىيىسى)




پوسكام ناھىيىلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىن:
ئابدۇللا ئىمىن




دەرس تىمىسى
2- بەت، 1-باب،مېخانىزىم ۋە سايمانلار
1. بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلار
ئوقۇتۇش نىشانى
دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپنى چۈشىنىش.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىم رولىنى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلىۋىلىش.
دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى تونۇيالايدىغان، نامىنى ئاتىيالايدىغان ۋە بىخەتەر ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
مۇھىم نوقتا
دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىم رولىنى ۋە ئىشلىتىلىشىنى بىلىۋىلىش.
قىيىن نوقتا
دائىم ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپنى چۈشىنىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
تەجرىبە ئۇسۇلى، كۈزىتىش ئۇسۇلى
ئۆگىنىش ئۇسۇلى
تەجرىبە قىلىپ ئۆگىنىش، ھەمكارلىىشپ ئۈگىنىش
ئوقوتۇش ۋاستىلىرى
تەييارلىق، دوسكا، بور، كىتاب،كۆپ ۋاستىلىق ئوقوتۇش قوراللىرى،كۆرسەتمە رەسىم، بولقا، قايچا، پىچاق، ئەتۋىركە... قاتارلىق سايمانلار
ئوقوتۇش تەرتىپلىرى
1.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
2.        دەرس مەزمۇنىنى سۆزلەش.
3.        مۇستەھكەملەش مەشىقى.
4.        تاپشۇرۇق ۋە دەرس ئاخىرلاشتۇرۇش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
تۇرمۇشىمىزدا دائىم سايمانلارنىڭ ياردىمىدە بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ، قېنى، سىز ئىلگىرى قانداق سايمانلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلىكىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېقىڭ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
ئوقۇتۇش جەريانى
1. كۈندىلىك تۇرمۇشتا قايسى سايمانلارنى ئىشلىتىپ ، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
2. تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىرقانچە خىل سايماننىڭ مودىلى ۋە رەسىمى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلاردىن ئۇلارنى بىلىدىغان -بىلمەيدىغانلىقى، قايسى ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سوراش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
3. قايچا، پىچاق، بولقا، بوتولكا ئىغىزى ئاچقۇچ، پالتا، موچىن قاتارلىق تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنىڭ ئىشلەش پىرىنسپى ۋە ئۇلاردىن پايدىلانغاندا قانداق ئۈنۈمگە ئىرىشلىكى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش.
4. ئوقوغۇچىلاردىن يەنە باشقا قانداق سايمانلارنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن قايسى ئىشلاردا پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى سوراش ھەمدە ئوموملاشتۇرۇپ خۇلاسە قىلىش.
5. مۇستەھكەملەش سوئاللىرى ئارقىلىق دەرسنىڭ ئۆزلىشش ئەھۋالىنى ئىگەللەش، خام كەتكەن نوقتىلارنى قايتا چۈشەندۈرۈش.
6. دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىش ھەمدە ئوقوغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىش.
7. تاپشۇرۇق بىرىپ دەرس ئاخىرلاشتۇرۇش.
تاپشۇرۇق
مەلۇم بىرخىل سايماننى كۈزىتىپ، ئۇنىڭ تۈزۈلىشى، ئىشلتىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئاشۇ خىل تۇزۈلۈشىنىڭ ئىشلەش جەريانىدىكى رولىنى يېزىپ كىلىڭ. مەسىلەن: نېمە ئۈچۈن ئەتۋىركە دەستىسى توم بولىدۇ؟ بولقا نېمە ئۈچۈن مىخنى تارتىپ چىقىرالايدۇ؟ دىگەندەك مەسىللەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈڭ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-17 17:57:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى  ئۇچۇن كۆپ ئەجىر قىلىپىسز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش