كۆرۈش: 377|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى 6 مەشھۇر ئايال

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى 6 مەشھۇر ئايال

    1.ئاماننىساخان- (1533-1567) مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىرە ، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشىتخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇ ناھايىتى قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قىلغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى.

     2.ئىپارخان - (1733-1788) ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، چيەنلۈڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ، قەسىر، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغان. ئۇ چيەنلۈڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

     3.ئايخان ئانا- ( 1888-1942) 1933-1934-يىللىرى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ غۇلجا شەھرىدە مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن " غۇلجا خەيرىيە مەكتىپى " سالغان. كېيىنچە بۈ مەكتەپ " ئايخان مەكتىپى " دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپنىڭ تەسىرى ئىلى تەۋەسىدە ناھايىتى چوڭ بولغان. بۈ مەكتەپ ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئايخان ئانىمۇ ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.

     4. گۈلەندەم ئاۋۇستەي-(1889-1973) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنژېنېرى دەپ نام ئالغان گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئىسمى-جىسىمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاپ، بۇ يولدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتقان. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ " سۆيۈملۈك ئانىسى" دەپ تىلغا ئېلىنىشقا ئەرزىيدۇ ھەمدە خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنىڭ ئوبرازى مەڭگۈ پارلاق نۇر چاچىدۇ.

     5.نىساخان-(1903-1987) ئون ياشقا كىرگەندە دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان نىساخان ئانىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئانىسى بىلەن دۇتتار ، تەمبۇر چېلىپ " كاككۇك ناخشىسى " ، " يۈرىكىم چاك -چاك بولدى" دېگەن ناخشىلارنى خەلىق ئىچىگە تارقاتقان. ئۇ يەنە " جوزا ئۇسۇلى " بىلەن داڭ قازانغان. 200يىللىق ئەنئىەنىگە ئىگە بولغان " مەرەمخان " داستانى ئۇنىڭ دۇتارىدا تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن. تونۇلغان غەزەلخان ،خەلق سەنئىەتكارى نىساخان سەنئەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېىنىنى سەرپ قىلغان.

     6.رىزۋانگۈل- (1925-1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قازاقسىتاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان. 1932-يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن كوماندىر-جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-18 20:16:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشكا ۋە ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك ماتىرىيال يوللاپسىز. رەخمەت. مۇمكىن بولسا بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاركەندۇق.
ۋاقتى: 2016-1-18 22:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ساقلىۋالدىم.،يەنە مۇشۇنداق مۇھىم مەزمۇنلار بولسا يوللاپ قويۇڭ
ۋاقتى: 2016-1-19 22:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپىسز.
ۋاقتى: 2016-1-23 12:23:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز. ئۇقۇپ بەكلا تەسىرلەندىم.رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-2-13 13:24:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز. مەنمۇ ساقلىۋالاي..
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش