| دىكابىردا ياغالمىدى قار دىكابىردا ياغالمىدى قار تۇمان بىلەن قاپلاندى ھاۋا تىنالمىدى ئاسمان بوشلۇقى، ئىسسق گازدىن تاپالماي داۋا
دىكابىردا ياغالمىدى قار مۇڭلانماقتا مۈكچىيىپ بۇغداي بالىلارنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم ياسىيالماي ئوماق قار بوۋاي
دىكابىردا ياغالمىدى قار سەھەر كەچتە ئۇردى بەك سوغۇق يامراپ كەتتى ئۇششاق كېسەللىك، قار ياغمىغاچ ھاۋا بەك قۇرۇق
|
|