baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 38|ئىنكاس: 2

ئېلىپبە ساۋادىنى قانداق قىلغاندا ياخشى چىقارغىلى بولىدۇ]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

[] ئېلىپبە ساۋادىنى قانداق قىلغاندا ياخشى چىقارغىلى بولىدۇ]


باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى ياخشى چىقىرىش چىقارماسلىق مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر.
  نۆۋەتتىكى ساپا مائارىپىنىڭ مەقسەت –تەلىپى،ۋەزىپىسى ،ئۇسۇلى نوقتىسىدىن ئىلىپ ئېيقاندىمۇ ساۋات چىقىرىشقا سەل قارىمايلا قالماستىن ئۇنىڭ ئۇسۇلىغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بىرىشكە توغرا كىلىدۇ.
  قانداق قىلغاندابىرىنچى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ساۋادىنى چىقارغىلى ۋە ئۇنى مۇۋاپىق رەۋىشتە مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ؟بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل،سەۋرىچان،ئەپۇچان،تەلەپچان بولۇشى لازىم.ئەمما بۇ بىر ئەقەللىي تەلەپ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇشقا ماھىر بولۇشى لازىم.
  بىرىنچى:ئوقۇغۇچىنى پىسخكا جەھەتتىن چۇشىنىش لازىم دىگەنلىك ئاددىي بىر قېلىپ بىلەن قاتما تۇز سىزىقلىق ھالەتتە ئېلىپبە ئۆگىتىش بولماستىن،سىزنىڭ ئالدىڭىزغاكەلگەن ئەشۇ ناتىۋان بوز كۆزلەرنى ئەقلىي جەھەتتىن،خاراكتىر جەھەتتىن نىسپەتەن مۇكەممەل ھالدا چۇشىنىپ ئۆزىڭىزنى خۇددى ئۇنىڭ ئانىسى ،دادىسى،ياكى ئاكا-ھەدىسى ئورنىغا قويالىشىڭىز كىرەك.
   ئىككىنچى:سىزدە ئوقۇغۇچىغا كۆيۇنۇش،مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى كۇچلۇك بولۇشى كىرەك.شۇ سىنىپتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى چۇرۇقلىشىپ،يىغلىشىپ،كۇلۇشۇپ تۇرغاندا سىز قايسى بىرىگە يىتىشىپ بولالايمەن دېگەن تۇيغۇدا بولسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ.
سىز ھەر-بىر ئىغىز گەپكە،ھەر-بىر ھەركەتكە،ھەر بىر تۇرگە تولۇق مەسئۇل بولۇشىڭىز كىرەك.قارا دوسكىغا بىر تالاي خەتلەرنى يىزىپ قۇيۇپ ئۇلارغا چۇشەنچە بىرىش كويىدا ھارماي سۆزلەپ،ئوقۇغۇچىلارنى ھەيكەلدەك قاتۇرۇپ قويۇشىڭىزنىڭ ئۆزى سىرىتقى جەھەتتىن تەدبىرىڭىز كۈچلۈكتەك كۆرۇنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆز خىزمىتىڭىزگە مەسئۇل بولماي پەقەت ئاددىي تاتلىق خىيالنى بىر تاياق بىلەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولىسىز.دوسكىغا يازغان خېتىڭىز بىر سائەتتە بىرلا ھەرىپ بولسا،سىز شۇ سائەتتە ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىنى،يەنە بىر سائەتتە يىزىلىشىنى ئۆگەتمەكچى بولسىڭىز بىر كۇندە تۆت سائەت كۈچ سەرىپ قىلسىڭىزلا كۇپايە.
   ئۈچىنچى:ئۇسۇلىڭىز كۆپ خىل،تېخنىكىڭىز ئەۋرىشىم،خاراكتېرىڭىزئىلاستىكىلىق بولۇشى لازىم.سىزدە ناخشا ئوقىيالايدىغان،ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان،كىچىك بوز كۆزلەرنى تىلىقتۇرۇپ كۈلدۇرەلەيدىغان،ئۇلارنىڭ ناتىۋان قەلبىنى تەتە قىلىپ يىتەكلىيەلەيدىغان ماھارەت،قەغەزدە كېمە،ياغاچ،لايدا شەكىل چىقىرالايدىغان ،تېخنىكا بولۇش بىلەن بىرگە ھەر بىر جۈپ كۆز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلالايدىغان ئۇسۇل بولۇشى لازىم. قىسقىسى مەكتەپتە بالىلار سىزنىڭ چۈجىڭىزبولسۇن ،سىنىپتا سىزنىڭ ئەتۋارلىق بېھمىنىڭىز بولسۇن.سىز ئۇلارنى بىزار بىلىپ قويماڭ.بىكار قويماڭ.سىزىقلارنى سىزىشقا،سىزىقتىن شەكىل چىقىرىشقا،ھەرىپلەرنى تونۇشقا،نادان ھېستىن باشلاپ كىرىشتۇرەلىسىڭىز ئاندىن سىزدىكى ماھارەت يېتىلگەن ئۈنۈم بەرگەن بولىدۇ.














ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-8 21:31:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتىكى ياخشى ئۇسۇلكەن.
ۋاقتى: 2014-2-9 10:54:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن   ياخشى   ئۇسۇلكەن   ،    رەھمەت  سىزگە   .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:12, Processed in 0.249025 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش