بايقاشتا نەۋرۇز مەشرىپى ( 3 )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش مۇنبىرىدىكى مائارىپ سۈيەر مېھنەتكەش ،جاپاكەش ئوقۇتقۇچى باغۋەنلەر ، ھەر ساھە ھەر كەسىپتە تىرىشىپ –تىرمىشىپ خىزمەت قىلۋاتقان مېھرى ئوتلۇق ،،قەلبى ئاتەش، ئوت يۈرەك ئەپەندىملەر، خانىملار، نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!ھەممىڭلارغا كەمىنە پەرىدىن يالقۇن تاغنىڭ ھارارىتىدەك ئوتلۇق سالام !
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان، نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ، خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بايقاش مۇنبىرىمىزدە نەۋرۇزلۇق مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتۇق ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش ئىشتراكچىلىرى ۋە بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا يېڭى مۇنبەرداشلاردىن يەنە بىر قېتىم نەۋرۇزلۇق سالام يوللايمىز !
نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
بۇ قېتىمقى مەشرەپ چېيىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە نائىل بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن .خىزمەتلىرىمىز ئالدىراش، ۋاقىت قىس ، بىلىمىم چەكلىك بولغانلىق سەۋەپلىك سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن كۆپچىلىكنىڭ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ بۇ قېتىمقى مەشرەپنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى ھەمدە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ نەۋرۇز بايرىمىنىڭ قاينام تاشقىنلىققا چۈمۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن ! مەشرەپنىڭ تەرتىپلىك ،ئەھمىيەتلىك ،غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىسى نەركىزە ئەپەندىمنى مەشرەپ نازارەتچىلىكىگە ، بۈركۈت ئەپەندىمنى يىگىت بېشىلىقىغا ، ئەنقا ئەپەندىمنى مىرشاپ بېگى ، پەرىنى رىياسەتچىلىككە تەيىنلىدۇق.
مەشرەپنىڭ مەقسىدى : بايقاش مۇنبىرىمىز يېقىندىن بۇيان كونا –يېڭى ئەزالىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن مول مەزمونلۇق بىلىمگە تولغان تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ ،مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىپ، تۈگىمەس خىزمەت ھارغىنلىقى تۈگىتىش، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىپ بايقاش مائارىپ كوللىگىيىسى مۇزاكىرە قىلىپ بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
مەشرەپنىڭ مەزمۇن دائىرىسى : ۋەتەن، خەلقنى كۈيلەيدىغان، ئىناق-ئىتتىپاقلىق، بىلىم ئېلىش، ئالغا ئىلگىرلەش باش تېما قىلىنغان مول مەزمونلۇق مۇشائىرە، يۇمۇر ، چاقچاق ،لەتىپە ، نەسر ، ھېكايە ،ھۆسنخەت ،رەسىم دىگەندەك ئىجادىيەت مەزمونلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلسا بولىدۇ . «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دىگەندە ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتىغىنىنى بايقاشقا تۆكەيلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
قېنى ئەمىسە ، نىمىگە قاراپ تۇرىسىز ، قولىڭىزغا كۇنۇپكا تاختىسى ئېلىپ ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايان قىلىڭ .
مەشرىپىمىز باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەشرەپ قائىدىسىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي. مەشرەپ كەڭ سەينا، ئەركىن قانات قېقىپ ياخشى كۈچ چىقارساڭلار مۇنبىرىمىزنىڭ ئالتۇن تىللالىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىسىزلەر. لېكىن سەينا كەڭ ئىكەن دەپ مايماق دەسسەپ سالساڭلار دۆلەتنىڭ قانۇنى بولغانغا ئوخشاش، مەشرىپىمىزنىڭمۇ قائىدىسى بار، جازاغا ئۇچراپ كېتىسىلەر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ ئىملايىمىزنى توغرىلايلى! تېما، ئىنكاس يوللاشتىن بورۇن ئىملا تەكشۈرۈش قورالىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن يوللاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىملا خاتالىقى بايقالسا تورداشلارنى سەمىمىيەتلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇ ئارقىلىق ھەمىمىز ئىملايىمىزنى توغرىلىۋالساق ! رەھمەت!
نەۋرۇز ھەققىدە سۆز نەۋرۇز بايرىمى - تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىشى بىلەن باش باھاردا تەنتەنىلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزىلىدىغان مىللى بايرىمىمىز ، ئۇ ھەر يىلى شەمسىيە يىلى ( قۇياش يىلى )نىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى مىلادىيە ھېسابىدا 3- ئاينىڭ 21 - كۈن -تۈن تەڭلەشكەن كۈندە ئۆتكۈزىلىدۇ
" نەۋرۇز " دېگەن بۇ ئاتالغۇ " يېڭى كۈن " ،" تۈنجى كۈن " ، " قۇياش ياشارغان كۈن " دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .نەۋرۇز بايرىمى - تەبىئەت بايرىمى، چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان قىشنىڭ سوغۇقلىرىدىن ئامان -ئېسەن چىقىپ ،باھارنىڭ ئىللىق تەپتىنى ئاتا قىلغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان بايرام .
نەۋرۇز بايرىمى - ئۇيغۇر لارنىڭ كاتتا مىللى بايرىمى ، چۈنكى بۇ بايرامدا مىللىتىمىز ئىچىدە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلىرىنى ، بايلار يوقسۇل ، ئىگە -چاقىسىز قېرى -چۆرىلەرنى ، يىتىم -يېسىرلارنى ، ئاجىز - مېيىپلارنى كېسەللەرنى يوقلىشىدىغان ، ئۆز ئارا ئارازلىشىپ قالغانلار ئەپلىشىدىغان دوستلۇق ئىتتىپاقلىق ،ئۆرۈپ -ئادەتلىرىنى ئەۋلاتلىرىغا ئۈگىتىدىغان ئۆرۈپ -ئادەت ۋە تەنھەرىكەت بايرىمى، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ساۋاپلىق بايرىمى ، بىر -بىرىگە بەخت ئامەت تىلەيدىغان ئامانلىق بايرىمى ، كىشىلەرگە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە شات -خوراملىق بېغىشلايدىغان شادلىق بايرىمى ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ ، يېڭى يىيلنى كۈتىۋالىدىغان ،مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يېڭى ئىشەنچ ، يېڭى ئىرادە تىكلەپ ئاتلىنىشىغا سەپەرۋەر قىلىدىغان قۇتلۇق بايرام .
نەۋرۇز بايرىمى - ئەمگەك بايرىمى ،چۈنكى بۇ بايرامدا قىشلىق ئۇيقۇدا ياتقان جان قانىۋارلار قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ جانلىنىدىغان ، دېھقان تاغىلىرىمىز قولىغا كەتمەن ئېلىپ يەرگە ئۇرۇق سالىدىغان ،ئىش ئەمگەك قاينايدىغان بايرام .
بايقاش مۇنبىرىمىزنى«3-قېتىملىق بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى» رەسمى باشششششششششششششلاننننننننننندى!
تۆۋەندە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئىجراسىدىكى ناخشا: ‹‹نورۇز كەلدى، باھار كەلدى›› ناملىق ناخشا بىلەن مەشرىپىمىزنى باشلاپ كېتەيلى.
|