بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-2 23:12
بايقاش مۇنبىرىدىكى كونا-يىڭى تورداش دوستلارغا:
 بايقاش مۇنبىرىمىز رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، جاپالىق ئەمگىگى نەتىجىسىدە باركىققا كەلگەن ئىجادى تېمىلىرى ۋە مائارىپ ماتىرىياللىرىنىڭ يوللىنىشى ئارقىسىدا رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەر ساھە دوتلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ۋە سىرداش دوستىغا ئايلاندى. نەتىجىدە مۇنبىرىمىز تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار يەسلىسى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ماۋسۇملار بۇيىچە ئايرىم–ئايرىم تەييارلانغان دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتاللىرى، باسقۇچ ۋە ماۋسۇملار بۇيىچە تەييارلانغان ئىمتاھان سۇئاللىرى، ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى قاتارلىق مائارىپ ماتىرىياللىرى سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ نەتىجىلەر بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللىغان، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن توختاۋسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن كونا-يېڭى تورداش دوستلارغا مەنسۇپ! مۇۋاپىقىيەت بىر ئىزدا توختاپ قالغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى داۋاملىق ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ. قارايدىغان بولساق دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ مۇنبىرىمىزدىكى مائارىپ ماتىرىياللىرى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كەسىپداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. بۇ مۇنبىرىمىزدە بىر قىسىم مائارىپ ماتىرىياللىرىنىڭ تېخى يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىز يەنىلا مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تورداش دوستلارغا مۇختاجمىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنى مۇنبىرىمىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان مائارىپ ماتىرىياللىرىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى، مۇنبىرىمىزنى سەرخىل مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى، باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردىن رۇخسەتسىز، مەنبەسىز ماتىرىيال يۆتكىمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
مۇنبىرىمىزدە بىر قەدەر كەمچىل بولۇۋاتقان ماتىرىياللار: 1.باشلانغۇچ مەكتەپ ماتىرىياللىرىدىن: مۇزىكا، شىنجاڭ، ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت پائالىيەت.( ئۇيغۇرچە ) 2.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىرىياللىرىدىن: بىئۇلوگىيە، جۇغىراپىيە، تارىخ، خەنزۇتىلى، خېمىيە، فىزىكا. ئۈنۋىرسال ،ئۇيغۇرچە ماتىماتىكا تەييارلىق 3.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىرىياللىرىدىن: تىل–ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، خېمىيە، فىزىكا، بىئۇلوگىيە، تارىخ، جۇغىراپىيە. 4.كەسپى مائارىپ ماتىرىياللىرىدىن: تىل–ئەدەبىيات، ماتىماتىكا.
ئىزاھات: يۇقارقىلاردىن باشقا ئۆزۈڭلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، مۇنبىرىمىزدە يوق ماتىرىياللارنى مەكتەپ، يىللىق، ماۋسۇم ۋە پەنلەر ئايرىمىسى بۇيىچە مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغايسىلەر.
بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى |