كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 3

سۆز ئويۇنى: سىنى سۈيىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۆز ئويۇنى: سىنى  سۈيىمەن

سۈيۈملۈكۈم سەييارە!سەن سەنەم ، سانسىز سەنەم سۈپەتلەردىن سىنىلا سەنەملىككە سايلىدىم. سىنى سۈيىمەن. سىنى سېغىنىمەن. سۆيگۈڭ  سېھىرلىكتۇر. سۆيگۈ سېھرىدە ساماندەك سارغايساممۇ سۇلاشماستىن سويدۈم. سۆيگەنچە سېھىرلەندىم . سۆيگۈڭدە سەرسانمەن.
سۇيۇقلار سۆيگۈ سېھرىدە  سولىشىدۇ ، سولاشقانچە سېسىيدۇ. سۆيگۈگە ساداقەتمەنلەر سۈزىلىدۇ. سۆيگۈ سېھرىدە سېسىغان« سايىم »لارنى سېستىرالارمۇ ساقايتالمايدۇ، ساناتۇرىيىدىمۇ ساقلىمايدۇ. ساھابىلارمۇ سەسكىنىدۇ. سۆيگۈ ساھەسىدە سەۋرلىكمەن. سۆرەتتەك سۈزۈك، سۈتتەك ساپ سەبى سىياقىڭنى سېغىنىمەن. سېغىنغانچە ساداقەتلىكمەن. سىزىۋاتىمەن،  ساداقىتىمدىن سۆيگۈ سايلىمىدا سۆيگىنىڭگە سايلاندىم. ساداقىتىم، سەمىمىيلىكىم سىنى سۈيۈندۈرىدۇ. سۆيگۈ سۈيۈنچەڭدە سايىدايمەن. سايىسىدە سىنى سېغىنىمەن.
سىنى سېغىنغاندا سابالاردىن سىنى سورايمەن. سۆيگۈ ساھىلىدا سائەت-سائەتلەپ ساقلايمەن، سەكسەن سەككىز سائەت ساقلىساممۇسۆيگۈم سۇسلاشمايدۇ. سۈيۈملۈكۈم! سېغىنغاندا سەلكىن سىلكىنىپ سازىمنى سەنچۈن سازلايمەن . سەنچۈن سازلانغان سازىم سائەت-سائەتلەپ سۆيگۈ سۆزلىرىمنى سۆزلەيدۇ. سۆيگۈڭدە  سېھىرلەنگەن سازىم سايراپ، سۆيگۈمنى سابالارغاسېپىپ، سېغىنىشىمنى سەگىتىدۇ. سىرلىرىم ساباغا سىڭىۋاتىدۇ.سېغىنغانچە سازلىرىم سۇزۇلۇپ سۆيگۈمگە سىڭىۋاتىدۇ.
سەھەردىكى سەجدەمدە ساڭا سالامەتلىك،سەۋرچانلىق،ساپ سۆيگۈ سورايمەن.سېغىزخاندك سايراپ سالدىم.سايراشلىرىم سۆيگۈڭنى سۇسلاشتۇرمىغاي!سىنىڭ سەمىمى سۆزلىرىڭنى ساقلاۋاتىمەن.ساقلىغانچەسېھىرلىك  سۆيگۈ سېنى سۈيۈندۈرىدىغان سۆزلەرنى سۆزلىتىپ ،سازىمنى سايرىتىپ سۆيگۈنۈڭنى سەرسانلىققا سالماقتا.
سەندىن سوراي، سۆيگۈ ساڭىمۇ سېھىرلىكمۇ؟ سۇئالىم سۆيگۈڭگە سۇ سەپمىگەندۇ؟ سالاپىتىم سۆيگۈڭگە سىغامدۇ؟ سەنمۇ سېغىنامسەن؟
سۈيۈملۈكۈم! سىنى سىنىدىم ، سىنىغىنىم سىنچىدەك سىنىلا سۆيگۈنۈم. ساپ سەبى سۈيگۈمنى ساڭا سۇندۇم. سۆيگۈڭدە سەنئەتچىمەن. ساددا سىياقىمنى سۆيگۈڭدە ساماغا سالدىم. سۆيگۈ سالىمىم ساڭا سېلىندى.  سېۋەتكە سالماي ساندۇققا سېلىپ ساقلىغىن! سۆيگۈ سانچىقى سانجىلمىسۇن! سۆيگۈنۈڭنى سۈيەلمىسەڭ سېغىنغاندا سالامخەتنى سۈيەرسەن! ساقلىقىڭنى ساقلىغىن! ساقلىق سۆيگۈگە سەرداردۇر!ساۋاقدىشىمىز سادىردىن ساقلانغىن! سادىرنىڭ سۆيگۈسى سۇيۇق، سازلىقتىكى سادەك سېسىق ، سىماسى سېسېق ساماندەك  سېرىق، سۈنۋۇكوڭدەك سەت…
سۈيۈملۈكۈم! سىنىڭچۈن، سۆيگۈمچۈن سۆزلىدىم، سۇلمىغىن، سولاشمىغىن! سەمىمى سۆزلىرىمگە سەكرىمىگىن! ساۋاقدىشىم سادىرنى سېسىتقىنىم،سىنى سۆيگەنلىىكىم سەۋەبىدىن.
سىنى ساقلاپ سىنى سېغىنىپ ساۋاقدىشىڭ، سىنىڭ  سەۋرچان سۆيگۈنۈڭ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-18 20:11:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق سۆز ئويۇنى ئىكەن، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.
ۋاقتى: 2016-1-19 01:52:20يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا  پەيزى چىقىتۇ قاچان يىزىپ بولۈاندۇ
ۋاقتى: 2016-1-23 12:26:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپ سىز، بۇنداق ‹‹سۆزئۇيۇنى››نى يېزىش ئۈچۈن  سەۋىيە كىتىدۇ جۇمۇ كەسىپ داشلا
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش