كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 5

بايقاشقا يوللانغان تېمىلار نىڭ ساقلىنىش مۇددىتى قانچىلىك ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بايقاش ئەھلى ، تورداشلار ، بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچىلار ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئىلغار مائارىپ تەجىرىبىللىرى ، دەرىس تەييارلىقى ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى سېخىيلىق بىلەن مۇنبەرگە يوللاپ ، كەڭ مائارىپ خىزمەتچىللىرىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقان مۇنبەرداشلار  ھەممىڭلارغا ئالى سالام !
مەنمۇ بايقاش تورىدىكى مائارىپ بايلىقلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ كىلىۋاتقان، سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىۋاتقان مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز نامىمدىن ۋە خىزمەتداشلىرىمغا ۋاكالىتەن سىلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى ۋە مىننەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن .  
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك : بايقاش مۇنبىرىدىكى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدا مەسىلە بار بولغان تېمىلارنىڭ تېما ئادىرىسىنى يوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىر قىسىم چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ماتېرىياللارنى بىلىۋالغىلى بولسىمۇ  چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ماتېرىياللارغا تىللا تاپشۇرۇش ، تىللا تاپشۇرۇپ تۇرۇپمۇ ماتىرىيالنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالماسلىقتەك ئىشلار ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىنمىدى . ھازىرمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت .  ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ماتېرىيالنى ئىزلەيمىز ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى باسىمىز ، تىللا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ ، تاپشۇرىمىز ، ئەمما چۈشۈرەلمەيمىز .  بىرلا يىرى ئېنىق . يەنى ماتىرىيالنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتى ، ئۇنداقتا بىز مۇشۇ ماتىرىيالنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىزمۇ ؟ ئۇنداقتا يوللانغان ماتىرىيالنىڭ بوشلۇقتا ساقلىنىش ۋاقتى قانچىلىك ؟  بىلىدىغان تورداشلار ياكى باشقۇرغۇچىلار بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسا ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ماتىرىيال چۈشۈرەلمىگەنلەرنى ئازراق بولسىمۇ بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلاپ قالغىلى بۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، تېما يوللىغان ئاپتۇرلار مىنىڭچە ئۈزى يوللىغان تېمىلارغا مەسئۇل بولسا ، ئۈزى يوللىغان تېمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىدا مەسىلە بولسا قايتىدىن تەھرىرلەشكە ئەھمىيەت بەرسە .  ئاخىرقى تەكلىۋىم ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئېلىشنىلا بىلىپ بىرىشنى بىلمەيدىغان ، يوللىغان تىمىسىنىڭ تايىنى يوق چوڭ سۆزلەيدىغان تورداشلىرىمىز ئۆزىمىزمۇ كەسپىمىز ھەققىدە ئىزدەنسەك ، تەييارغا ھەييار بولۇشتىن ساقلانساق ، ئۆزىمىزدە بار بولغان ماتىرىياللاردىن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پايدىلىنىشقا ، بۇ ئارقىلىق مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ، مۇنبەر تەرەققىياتىغا ئورتاق كۈڭۈل بۆلسەك .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-13 01:18:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.. مەنمۇ بايقاش تورىنىڭ بىر ئەزاسى... ئالدى بىلەن بايقاش تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بايقاش ئەزالىرىنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەپ يوللىغان تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن..
ئەمىلىيەتتە سىز ئوتتۇرا قويغان ئەھۋال بىر قىسىم مەزمۇنلاردا مەۋجۇد بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ئەسلىدە تورغا يوللانغان ماتىرىياللار يۇقاپ كەتمەسلىكى، چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالماسلىقى كىرەك ئىدى.. بىراق يېقىندىن بۇيانقى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە تور دىسكىلىرى، بوشلۇقلار ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ قېلىش ياكى مەزمۇنلارنى تازىلاش سەۋەپلىك بەزى ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى نۇرمال بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ..
بۇ مەسىلە ئۈستىدە بايقاشنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مەسىلە خىېلى ئازلىتىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش تورى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جاپا تارتسىمۇ مۇشۇ مەسىللەرنى تەلتۈكۈس بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى، ھەمدە ئەزالارنىڭمۇ مۇشۇنداق چۈشۈرۈش ئادرىسىدا مەسىلە بار تىمىلارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا ئاسانلىق كەلتۈرۈپ بىرىشىنى سۇرايمەن..
تەڭگە مەسىلىسگە كەلسەك: بايقاشتىكى دوسلار تېمىنى سېتىۋېلىپ چۈشۈرەلمىگەنلەر باشقۇرغۇچى يولداشلار بىلەن ئالاقىلاشساڭلار چۇقۇم سىلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلار تەكشۈرگەندىن كىيىن چۇقۇم تەڭگەڭلارنى قايتۇرۇپ بىرىشى مۈمكىن...
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرگەيسىلەر...
ۋاقتى: 2016-2-13 12:42:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پىكىر نى ئوتۇرغا قۇيۇپ سىز.مەنمۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزغا قۇشۇلىمەن ھەم قوللايمەن. سىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلققا مەنمۇ يۇلۇققان. بۇ ھەقىقەتەن ھەل قىلىشقا تىگەىشلىك مەسىلە ئىكەن. باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا قارتا ئىلمى بولغان قاراشنى ئۇتۇرغا قويسا بولغىدەك،
ۋاقتى: 2016-2-13 15:37:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ياخشىمۇ سىز ؟  ئەمىلىيەتتە سىز ئوتۇرغا قويغان بۇ مەسىللەر بايقاش مۇنبىرىمىزدە ھېلى ھەم مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ .
دىمەكچىمەن : ئەسلىدە شۇ تىما ئىگىسى تورغا يوللايدىغان ماتىريالنى توغىرا يوللىغان بولسا بۇلاتتى . بىز بۇنى داۋاملىق تەكىتلەپ كىلىۋاتىمىز . بىراق يىڭى ئەزالارنىڭ كۈپىيشىگە ئەگىشىپ ئۇلار تىمىلارنى توغىرا يوللىيالماسلىق . يوللىغان تەقدىردە چۈشۈرۈش ئادىرسىنى توغىرا تەڭشىلمەشلىك سەۋەبىدىن شۇ ئەھۋاللار يۈز بىرۋاتىدۇ. بىزنىڭ پۈتۈن نىيتىمىز يىڭى ئەزالارنى تەربىيلەش يىتەكلەشتىن ئىبارەت .
سىز ئوتتۇرا قويغان ئەھۋال بىر قىسىم مەزمۇنلاردا مەۋجۇد بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
ئەسلىدە تورغا يوللانغان ماتىرىياللار يۇقاپ كەتمەسلىكى، چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالماسلىقى كىرەك ئىدى.. بىراق يېقىندىن بۇيانقى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە تور دىسكىلىرى، بوشلۇقلار ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ قېلىش ياكى مەزمۇنلارنى تازىلاش سەۋەپلىك بەزى ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى نۇرمال بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ..
بىزمۇ بۇ خىل ئەھۋاللارنى قايسىمىز كۆرسەك ۋاختىدا تۈزۈتۈپ مېڭىشقا ھەقىيقى كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز
بىزنىڭ ئەزالارغا دەيدىغان تەۋسىيىمىز : ھەر قانداق بىر ئەزا ئۈزىگە قالدۇرغان ئۇچۇر ئىنكاسلارنى كۈرۈپ باققان بولسا بۇلاتتى
بىز بەزى چۈشۈرۈش ئادىرسى يوق بولغان تىمىلارنى ۋاختىدا ئۈچۈرۋەتەيلى دىگەن بولساقمۇ يەنىلا شۇ تىما يوللىغۇچىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۈچۈرمىگەن شۇنداق بولغاچقا بۇ خىل ئەھۋاللار تۈزتۈلمەي كىلىۋاتىدۇ
شۇڭا بىز چۈشۈرۈش ئادىرسى بولمىغان تىمىلارنى بايقىغان ھامان شۇ تىمىنىڭ ئادىرسىنى بايقاش ئۇقۇتقۇچىلار توپىغا يوللاپ قويسا بىز كۈرۈپ دەرھال ئۈچۈرمىز . بۇ مەسىللەرگە ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارغاندا چۇقۇم ھەل بۇلىدۇ
بىزمۇ باشقۇرغۇچىلارغا  چۈشۈرۈش ئادىرسى يوق  ياكى بۇزلۇپ كەتكەن تىمىلارغا ۋاختىدا ئۇلارغا ئىنكاس قالدۇرۇپ تۈزتۈشنى ئوتتۇرغا قۇيايلى . ئاندىن تۈزەتمىسە  ئۇنداق تىمىلارنى ئۈچۈرۈپ  بۇ مەسىللەرنڭ ئالدىنى ئالايلى . پىكىرىڭىز بەك ئۇرۇنلۇق مەنمۇ قوللايمەن
ۋاقتى: 2016-2-14 00:43:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق بىر ئەزا ئۈزىگە قالدۇرغان ئۇچۇر ئىنكاسلارنى كۈرۈپ باققان بولسا  تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. بۇ  پىكىر بەك ئۇرۇنلۇق مەنمۇ قوللايمەن .
ۋاقتى: 2016-3-4 00:43:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يۇقارقى مەزمۇنلارنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم، مەن ئۆزۈمنىڭ تەجرىبەمنى سۆزلەپ باقسام پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،
360،بەيدۇ،خۇاۋىي، دىگەندەك تور بوشلۇقلىرى ئارقىلىق ماتىريال ھەمبەھىرلەش توختۇتۇلدى، ماتىريال لازىم بولۇپ بايقاشتىن ئاران دىگەندە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تاپتۇق دەيلى، مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن، ئەگەر بۇ يازمىلارنىڭ يوللانغان ۋاقتى ناھايىتى بۇرۇن، يەنە كىلىپ 360، بەيدۇ، خۇاۋىي دىگەندەك تورلارغا يوللانغان، بۇنى ئاچقىنىمىزدا مەزمۇن يوق ياكى ئۆچۈرۋىتىلگەن دىگەندەك چىقىدۇ، بۇ چاغدا ئورۇنسىزلا تىللا ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتىدۇ،
ئەمدى ھازىر ئىشلاۋاتقىنى چىيەنناۋ تور دىسكىسى بولدى،  چىيەنناۋ تور دىسكىسىدىمۇ بەزى كونا ماتىرياللارنى چۇشۇرەي دىگەندە چۈشۈرۈش كونۇپكىسىنى باسساق قايلاپلا تۇردۇ، ياكى خاتالىق چىقىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەيۇس ھالدا چىكىتىمىز،بۇ چاغدىمۇ تىللا ئىسراپ بولدى دىگەن گەپ
بۇ مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز چىيەنناۋ تور دىسكىسىغا تىزىملىتىپ ئەزا بولىشىمىز كىرەك، ئەزا بولغاندىن كىيىن ئاشۇ چۈشۈرەلمىگەن ماتىرياللارنى چىيەنناۋ غا كىرىپ تۇرۇپ ئاندىن شۇ ماتىريالنى ئۆزىمىزنىڭ تور بوشلۇقىغا يوللىۋالساق ياكى بىۋاستە چۈشۈرسەكمۇ بولدۇ، ئىچىلمىغان چۈشۈرەلمىگەن ماتىريال بولۇپ قالسا چوقۇم تور بوشلۇقىغا تىزىملىتىپ كىرسەك چۈشۈرۈش ئاسانلىشىدۇ،،،،،،
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ھە...سىناپ بىقىڭلار.
ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ.يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز: !بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش