| شىنجاڭدا 2014-يىلى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار ھازىر 2-قېتىملىق پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدۇ، تىزىملىتىشتا قۇرۇق قالغان قىسمەن ئورۇنلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بوش قالغان ئورۇنلارغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم يېزىقچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇشى ھەمدە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەككەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بەدەن ئىقتىدارىنى سىناش ئۆتكىلىدە لاياقەتسىز بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا تىزىملاتسا بولمايدىكەن. بوش قالغان ئورۇنلار، تىزىملاش تەلەپلىرى ۋە بوش قالغان ئورۇنلارنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (www.xjrs.gov.cn) ، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇش تورق (www.xjkunlun.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار سالاھىيەت تەكشۈرۈشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھازىردىن باشلاپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 28-فېۋرالدىن بۇرۇن تىزىملىتىپ بولۇشى كېرەككەن. ئوقۇغۇچىلار تور بېكەتكە چىقىپ ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بوش قالغان ئورۇنلارنى چوقۇم ئېنىق كۆرۈشى كېرەككەن. تىزىملاش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەڭشىلىدىغان ئورۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، ئادەم سانىغا قاراپ 1:1 نىسبەت بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تەڭشەش قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى http://uy.ts.cn/news/content/2015-02/16/content_401987.htm |
|