| شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى
(2014- يىل 5- ئاينىڭ 21- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8- يىغىنىدا ماقۇللاندى) مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 1- ماددا بۇ نىزام ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى. 2- ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ)دىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، داۋاملاشتۇرۇش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇشتا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان ھوقۇق- مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. 3- ماددا ئىشچى- خىزمەتچىلەر جىنسى، مىللىتى، دىنىي ئېتىقادىغا قارىماي، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئەمگەك ھەققى ئېلىش، ئارام- ئوتپوسكا، ئەمگەك بىخەتەرلىكى گىگېنىسى ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پاراۋانلىقى ھوقۇقى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ؛ ئەمگەك تالاش- تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى شۇنىڭدەك قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولىدۇ. 4- ماددا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىنى پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 5- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى تارماقلار، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە تارمىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 6- ماددا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلسا ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزىتىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەر مۇرەسسە قىلىشنى، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. 7- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر ئىشلارنى ئاشكارىلىشى، ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنى قانۇن بويىچە تۈزۈشى، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملەرنى چىقارغان، ئۆزگەرتكەن ياكى چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قارار قىلغاندا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 8- ماددا ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى گىگېنىسى قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشى، ئەمگەك توختامى ۋە كوللېكتىپ توختامنى ئادا قىلىشى، ئادەم ئشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تۈزگەن قائىدە- تۈزۈملەرگە ۋە كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. 9- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار كارخانىلاردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا شەرەپ ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتى قاتارلىق ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 10- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. 2- باب ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش 11- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا قانۇن بويىچە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك، ئەمگەك توختامى قانۇن- نىزاملارغا زىت بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەمگەك توختامىغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى تەييارلىغان ئەمگەك توختامى نۇسخىسى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئۆزى تەييارلاپ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان ئەمگەك توختامى نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئەمگەك توختامىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشچى- خىزمەتچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 12- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچى ئۈچۈن ئەمگەك ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. 13- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشتا تالاپەتكە ئۇچرىغان، كەسپىي كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان ياكى يېنىكلىتىدىغان ھەرقانداق كېلىشىم ياكى توختام تۈزسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ياكى توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 14- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتى بېرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئارخىپىنى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى ھېسابلاش قاتارلىقلار ھەققىدىكى قارارى تۈپەيلىدىن ئەمگەك تالاش- تارتىشى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 15- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ رەنە پۇلى، كاپالەت پۇلى، تەربىيەلەش ھەققى، غەملىمە پۇل ئېلىشىنى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئېلىشىنى، مەجبۇرىي پاي قوشتۇرۇشىنى ۋە باشقا ناملار بىلەن ھەق ئېلىشىنى ياكى كىملىك، تۇرۇش كىنىشكىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، كەسپىي تېخنىكا دەرىجە گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى تۇتۇپ قېلىشىنى ئىشچى- خىزمەتچىنى ئىشقا ئېلىش، قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 16- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى، ھەر خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەقلىرىنى تاپشۇرۇشى، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تۇتۇپ قالماسلىقى، كېچىكتۈرمەسلىكى ياكى نېسى قىلماسلىقى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ مائاش ئۆلچىمى ۋە باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى ھەمدە ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش- تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىشى، كارخانا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرەلمەي، بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلىشى ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى شۇنىڭدەك تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لايىھەنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. 17- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ۋاقتى تۈزۈمىگە قانۇن بويىچە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىش ۋاقتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلاش خىزمەت تۈزۈمى ۋە تۇراقسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېكىتكەن ئەمگەك نورمىسى ئۆلچىمى 90دىن يۇقىرى ئىشچى- خىزمەتچى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن ۋاقىتتا ئورۇنلاپ بولالايدىغان ئىش مىقدارى بولۇشى كېرەك. 18- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ھېيت- بايرام ۋە شەنبە، يەكشەنبە دەم ئېلىشى، يىللىق دەم ئېلىش، توي- تۆكۈن ۋە ئۆلۈم- يېتىم دەم ئېلىشى، پىلانلىق تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق مائاشلىق دەم ئېلىش شۇنىڭدەك ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامدا پۈتۈشكەن باشقا دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشچى- خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئوشۇق ئىشلەشكە مەجبۇرلانغاندا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر رەت قىلسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ سەۋەبتىن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالسا ۋە ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ھېيت- بايرام كۈنىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ياكى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتقان بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ئوشۇق ئىشلەش مائاشى بېرىشى كېرەك؛ شەنبە، يەكشەنبە كۈنىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، بەلگىلىمە بويىچە ئوشۇق ئىشلەش مائاشى بېرىشى كېرەك. 19- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك بىخەتەرلىكى گىگېنىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئەمگەك بىخەتەرلىكى گىگېنىسى شارائىتى ۋە زۆرۈر ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك؛ كەسىپ خەۋپى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتۈشى، ئىش ئورنىدىكى مەزگىلدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ھەمدە سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيەسى بېرىشى ۋە ئۇلارنى بۇ جەھەتتە تەربىيەلىشى، مەشغۇلات سورۇنى ۋە ئىش ئورنىدا ساقلانغان خەۋپ ئامىلى مۇداپىئە تەدبىرلىرى شۇنىڭدەك ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئېيتىشى؛ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تالاپەت ھادىسىسى ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 20- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىگە توشمايدىغان ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىكى گىگېنىسى شارائىتى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بەرسە ياكى ئىجارە بەرسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھۆددە بېرىپ ياكى ئىجارە بېرىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ياكى كەسىپ خەۋپى ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىرى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 21- ماددا ئىشچى- خىزمەتچىلەر شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەكلىپ، تەنقىد بېرىشكە، ئەرز- شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى ۋە قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئۈستىدە تەكلىپ، تەنقىد بەردى، ئەرز- شىكايەت قىلدى ياكى قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىش بۇيرۇقىنى رەت قىلدى، دەپ ئۇلارنىڭ مائاشىنى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە ياكى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. 22- ماددا ئىشچى- خىزمەتچىلەر كەسپىي مائارىپ بويىچە بىلىم ئېلىش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇتۇش ياكى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەربىيەلەش خىراجىتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن نىسبەتتىن تۆۋەنلىتىۋەتمەي ئاجرىتىپ، ئۇنى شۇ ئورۇندىكى ئىشچى- خىزمەتچىنى كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەشكە ئىشلىتىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن تەربىيەلەش ھەققى ئالسا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىمىگەنلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ تەلەپكە يېتەلمىگەنلىرى ياكى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى رەت قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 23- ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت پائالىيىتى قىلىدىغان جايدىكى ياكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بېكىتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى، پاكىت ئېنىق، ھوقۇق- مەجبۇرىيەت ئايدىڭ بولسا، 15 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. قارار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋە ئىشچى- خىزمەتچىگە ياكى يېقىن تۇغقانلىرىغا يازما يەتكۈزۈلىدۇ. 24- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسە زەخمىسى يۈز بەرگەن كۈنى ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈنىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، ئىشچى- خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھادىسە زەخمىسى يۈز بەرگەن كۈندىن ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 25- ماددا ئىشچى- خىزمەتچى ئىشتا تالاپەتكە ئۇچرىسا ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ قالسا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ئەھۋالدا، ئىشچى- خىزمەتچىسى ئىشتا تالاپەتكە ئۇچرىسا ياكى كەسپىي كېسەل بولۇپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىراجىتىنى تۆلەيدۇ. 26- ماددا ئىشچى- خىزمەتچى كېسەل بولۇپ قالسا ياكى خىزمەتتىن باشقا ئىشتا يارىلانسا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن داۋالىنىش مۇددىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچى كېسەل بىلەن ياكى خىزمەتتىن باشقا ئىش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە شەرتكە توشىدىغان بېقىلغۇچى بىۋاسىتە تۇغقىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن نەپىقە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 27- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ نىكاھلىنىشى ۋە پەرزەنتلىك بولۇشىغا چەك قويىدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىسە بولمايدۇ. ئەر- ئايالنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق ئالىدۇ، ۋەزىپە، دەرىجە ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر- ئايال باراۋەر بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك، مۇھاپىزەت ئۆلچىمىنى ۋە مۇناسىپ تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە، ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى دۆلەت بەلگىلىگەن پەرھىزلىك مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ. 28- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ بالا ئىشچى قوبۇل قىلىشى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنسىز ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ساھەنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاھىدە قوغدىشى، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى دۆلەت بەلگىلىگەن پەرھىزلىك مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك. 29- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا چېقىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ: (1) قاماپ قويۇش ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا قاماپ قويۇش يولى بىلەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش؛ (2) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمگەك قىلىشقا زورلاش؛ (3) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش؛ (4) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش؛ (5) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىگە چېقىلىش؛ (6) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا چېقىلىشتەك باشقا قىلمىشلار. 30- ماددا كارخانا ۋەيران بولۇپ ھېسابات ئېنىقلاۋاتقاندا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، داۋالىنىش، مېيىپلىك ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى، ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ شەخسىي ئىسچوتىدىكى نېسى قالغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى شۇنىڭدەك قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئىشچى- خىزمەتچىگە بېرىلىدىغان باشقا ھەقلەرنى قانۇن بويىچە بېرىشى كېرەك. 31- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە توشىدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە توشىدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى رەسمىيىتىنى ئۆتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. 32- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇننى قانۇن بويىچە قۇرۇش كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، دائىم ئالاقىلىشىپ، ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 33- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تۈزگەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك: (1) ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ (2) ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ (3) ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىشتا يارىلىنىش تۆلىمى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ (4) قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا جاۋابكارلىق. 34- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىگە شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى، ئوخشاش شارائىتتىكى ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ئوخشاش ھەق بېرىشى، ئوخشاش ئىش ئورنى بولمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىش ئورنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىشى كېرەك. 35- ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىنى ۋاقتىدا ئۇلاپ تۈزۈشى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىر ئاي ئىچىدە شۇ ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئۇلاپ تۈزۈشى كېرەك. 36- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچى بىلەن بىۋاسىتە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، دەپ قارىلىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك: (1) ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىنى ئۇلاپ تۈزمىگەن، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇپ بىر ئايدىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلگەن شۇ ئىشچى- خىزمەتچىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن بولسا؛ (2) ۋاقىتلىق بولمىغان، قوشۇمچە بولمىغان، سەپلىمە بولمىغان ئىش ئورنىدا ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىنى ئىشلەتكەن بولسا؛ (3) ۋاقىتلىق ئىش ئورنىدا ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىنى ئىشلەتكىنىگە ئالتە ئايدىن ئاشسا؛ (4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇن مەبلەغ چىقىرىپ ياكى شېرىكلىشىپ قۇرغان ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئۆزىگە ياكى ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنغا ئىشچى- خىزمەتچى ئەۋەتكەن بولسا؛ (5) قانۇن- نىزاملاردىكى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشكە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار. ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدا ئېيتىلغان ۋاقىتلىق ئىش ئورنى ئىشلىگەن ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاشمايدىغان ئىش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ؛ قوشۇمچە ئىش ئورنى ئاساسلىق كەسپىي ئورنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسلىق كەسپىي ئورنىدىن باشقا ئىش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ؛ سەپلىمە ئىش ئورنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى ئەمگەكچى ئىشتىن ئايرىلىپ ئۆگىنىش قىلىش، دەم ئېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ئىشلىيەلمەي قالغان مەلۇم مەزگىلدە باشقا ئەمگەكچى ۋاكالىتەن ئىشلەپ تۇرسا بولىدىغان ئىش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. 37- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن باشقا جايغا ئىشچى- خىزمەتچى ئەۋەتسە، ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ، ئەمگەك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 38- ماددا ئەۋەتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچى ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىگە ئۇچرىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە ۋە كېيىنكى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ياردەملىشىشى كېرەك. 3- باب نازارەت قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش 39- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 40- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامى ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 41- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشى ھەققىدە تۈزىتىش پىكرى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا «ئەمگەككە دائىر قانۇن نازارەتچىلىكى پىكىرنامىسى» ئەۋەتىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۈزەتمىسە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا «ئەمگەككە دائىر قانۇن نازارەتچىلىكى تەكلىپنامىسى» ئەۋەتسە بولىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 42- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئىشچى- خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كېڭەشسىمۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى 3- تەرەپنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كېڭىشىپ، يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېڭىشىشنى خالىمىسا، كېلىشەلمىسە ياكى كېلىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن كېلىشىمىنى ئادا قىلمىسا، مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسا، مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا ياكى مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ئادا قىلمىسا، ئەمگەك- كادىرلار تالاش- تارتىشى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماسى كېسىم كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلار ياكى كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلاردىن بىر تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەۋا قىلمىسا، كېسىم قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 43- ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، ئەمگەك تالاش- تارتىشى مۇرەسسە تەشكىلاتى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلايدۇ. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغىسىنى باسقان، مۇرەسسەچى ئىمزا قويغان ھەمدە مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئەمگەك- كادىرلار تالاش- تارتىشى مۇرەسسە تەشكىلاتى مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، ئالاقىدارلار كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 44- ماددا نېسى ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كېلىشىمدە پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ئادا قىلمىسا، ئىشچى- خىزمەتچى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 45- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشىدا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان تەرەپ تالاش- تارتىش يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئەمگەك تالاش- تارتىشى كېسىم كومىتېتىغا يازما ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. كېسىم قارارى ئادەتتە كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە چىقىرىلىدۇ. ئالاقىدارلار كېسىم قارارىغا باشقىچە پىكىردە بولمىسا ئىجرا قىلىشى كېرەك. 46- ماددا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن ياردىمى تەشكىلاتى قۇرۇپ، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك تالاش- تارتىش كېسىم ئىشلىرى ۋە دەۋا ئىشلىرىغا قانۇن ياردىمى بەرسە بولىدۇ. 47- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى نېسى قىلغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسلىق مەسئۇلى، مەبلەغ سالغۇچىسىنى ناچار ئىناۋەت قىلمىش سادىر قىلغۇچى قاتارىدا تىزىملىشى ھەمدە ساھە مەسئۇل تارمىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناۋەت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى خەۋەرلەندۈرۈشى، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. 4- باب قانۇن جاۋابكارلىقى 48- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قائىدە- تۈزۈم چىقارغانلىرىغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 49- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرۇش گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، كەسپىي تېخنىكا دەرىجە گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئىشچى- خىزمەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ. ئىشچى- خىزمەتچى ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئارخىپى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ. 50- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقتىن قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشىغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 51- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، باشقا ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 52- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خادىملىرىدىن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ؛ زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 5- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 53- ماددا بۇ نىزام 2014- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
|
|