كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 4

زەيتۇن يېغى بوغۇملارنى ئاسرايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


  ئەتىياز ۋە قىش پەسلىدە بوغۇملار ئاغرىيدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىدۇ. يېقىندا گىرېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا زەيتۇن يېغىنىڭ بوغۇملارنى ئاسراش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  گىرېتسىيە ئافىنا تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى ياسېننا.رېنو دوكتور ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئورۇندىغان بىر تەتقىقاتتا، زەيتۇن يېغىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش خېيىم - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 145 كىشى ۋە سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى 188 سىناققا قاتناشقۇچىنىڭ يېمەكلىكىنى سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە، زەيتۇن يېغىنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلارنىڭ زەيتۇن يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلغانلارغا قارىغاندا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خېيىم - خەتىرىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-11 12:39:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن، رەھمەت
ۋاقتى: 2015-2-13 00:28:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلار ئىكەن . رەھمەت سىزگە ، ئامان بولۇڭ !
ۋاقتى: 2015-2-13 09:13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تۇرمۇش ساۋادلىرى ئىكەن ...
ۋاقتى: 2015-2-13 22:31:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان تىببى ساۋاتكەن بۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش