| بايقاش مۇنبىرىدىكى ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، باشقۇرغۇچىلار ، مۇنبەرداشلار ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ كەڭ مائارىپچىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماتىرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . مەنمۇ بىر مائارىپچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بۇلۇپ ، مۇنبەرداشلار يوللىغان ئېسىل تىمىلاردىن بەھىرلىنىپ ، دەرىسلىك ماتىرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمەن ، شۇنداقلا ، ئۆزەممۇ ئاز بولسىمۇ ماتىرىيال يوللاۋاتىمەن . مەن بايقاش مۇنبىرىگە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ كىرگەن بولغاچقا ئىرىشكەن تىللامۇ ئاز بۇلىدىكەن . مۇنبەردىكى ماتىرىياللار نىڭ بەزىللىرى ھەقلىق بولغاچقا ھەق تاپشۇرماي تۇرۇپ ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا ئىرىشكىلى بولمايدىكەن . ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چۈشۈرۈش ئادىرىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ ، چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن بىكارلا تىللا ئىسراپچىلىقى بۇلىدىكەن . تىللا تەبئى كېمەيگەنلىكتىن باشقا ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈشكە يىتىشمەيدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلىدىكەن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ قانداق قىلغاندا تىللا ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن . |
|