تاناۋىڭنى تارتىمەن
ساتىرا
باشلىق بولدۇم مانا مەن كۆكتە قانات قاقىمەن، ئەمەلدارلىق قەنتىنى قاملاشتۇرۇپ چاقىمەن، تەخسىكەشلەر بۆشىكىدە ئەللەيلىنىپ ياتىمەن، گۈزەللەرنىڭ يۈزىگە لەۋلىرىمنى ياقىمەن، گەر كوڭلۈمنى ئۇتمىساڭ ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
بۇندىن كىيىن باشلىق دە، نەدە كۆرسەڭ ئىگىلىپ، نىمە دىسەم خوش –خوش دە، قارىمىغىن تىكىلىپ، دوست ئىدۇققۇ دىسەڭلا مەن قالىمەن چېچىلىپ، ئۆزۈڭ كىمسەن؟مەن كىمۇ؟كەتسۇن كاللاڭ ئېچىلىپ، ئېچىلمىسا شۇ كاللاڭ ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
بىز ئىككىمىز دوست دەپسەن ئۇچراشقانغا ماختىنىپ، بۇرۇن ئۇنداق-مۇنداقتى دەپ كېتىپسەن شادلىنىپ، شۇڭا ئۇلار كەتمىدى مەندىن تولا ئەيمىنىپ، ئەيىۋىمنى ئېچىپسەن سورۇنلاردا جار سېلىپ، يەنە شۇنداق جار سالساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
بىللە كۆچەت تىككەن دەپ سېلىۋەرمە يۈزۈمگە، شاكىلىنى ياڭاقنىڭ ئەپ قالغانتىڭ ئۆزۈڭگە، مېغىزىنى بۇرۇنلا بەرگەن ئىدىڭ ئۆزۈمگە، يەنە ساڭا نىم كېرەك كىرمەي كەتتىڭ سۆزۈمگە، شۇ سوزۇڭدە چىڭ تۇرساڭ ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
بىلىمىڭ كۆپ مېنىڭدىن بۇنى ئوبدان بىلىمەن، خوشامەتتە ئېنىقلا سەندىن ئۈستىن تۇرىمەن. قېلىۋەردىڭ سەن ئىشلەپ،چەتتە قاراپ تۇرىمەن، سەن ئۆسمىدىڭ مەن ئۆستۈم ئۆز ئۆزۈمگە كۈلىمەن، ئۇنداق ئەمەس دەپ قالساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
دەۋەرمىگىن دائىملا سەن خەلقنىڭ چاكىرى، چاكار ئەمەس بىلىپ قوي مەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى، قىلالايمەن نامراتنى ھەتتا بېيىش ماھىرى، قۇدرىتىنى ھوقۇقنىڭ بىلىپ قالىسەن ئاخىرى، بىلمەي بۇنى چاندۇرساڭ ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
غەم قىلمىسام ئۆزۈمدىن سەن نىمانچە غەم يەيسەن، دوست –بۇرادەر دەۋېلىپ ،دوستتۇم تۇرساڭ سەن دەيسەن، بەلكىم دىسەم دىمىسەم مەندىن مەنپەت كۆزلەيسەن، شوتا قىلىپ مېنى ھەم سەنمۇ مەندەك ئۆرلەيسەن، پات-پات يوقلاپ تۇرمىساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
كۆرەي دىسەڭ ياخشى كۈن ،قېنى مەندىن تىلىگىن، ئەكەل دىسەم بۆكىنى ،باشنى قېتىپ ئەپ كەلگىن، يۇقىرىغا ،مۇخپىرغا ھوسول ئاشتى دەۋەرگىن، بۆلۈپ بەرسەم نىممەتنى سەنمۇ مەندەك يەۋەرگىن، يىگەنلەرنى ياندۇرساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
ئارقا ئىشىك ئېچىشچۇن،ئۇپراپ كەتكەن جۇتەممۇ، تولا سويۇپ قالمىغان ئېغىلدىكى ئۆشكەممۇ، قايتۇرۋالاي ھەسسىلەپ ،تۇغىۋەرسۇن سەركەممۇ، بىكارغىلا باشلىق بوپ ، ۋېنتام ئەمەس بىر كەممۇ، گەر پارىخور دەپ قالساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
ئاسانمىكىن دەپ قالما باشلىق بولۇپ ئۆسۈشنى، قىلالمايسەن مېنىڭدەك ئالتۇن-يامبۇ توشۇشنى، باشلىق ئىچكەن ھاراققا سەن ھۆ قىلىپ قۇسۇشنى، مېھرى ئىسسىق ھوقۇقنىڭ بىلەلمەيسەن توسۇشنى، ئەگەر كېلىپ سەن توسساڭ،تاناۋىڭنى تارتىمەن.
-ئەنگەر 2011.11.26 شەھىرى تۇرپان
|