مۇدىردىمۇ دەرت تولا
ساتىرا
مەن مەكتەپنىڭ مۇدىرى،دىمەك مەكتەپ خاقانى، خاقان تۈرۈپ بەزىدە تارتتىم كۆپلەپ جاپانى، دىيىشسىمۇ مەكتەپنى ئىلىم –ئېرپان ماكانى، ئىشلەپ كەتتىم خېلى كۆپ بىكالىق شۇ" ھاشا"نى.
شۇنداق تۇرۇپ خالايىق مەن توغۇرلۇق گەپ تولا، خۇددى ساراڭ توخودەك ھەممىسىلا چوقۇلا، چىدالمىدىم مەن بۈگۈن دىيەلمىدىم بولدىلا، ئاڭلىساڭلارخالايىق مۇدىردىمۇ دەرت تولا.
سۆزلەپ كەلسەم گەپ ئۈزۈن مىننەت قىلماي ئىشىمنى، خېلى بولدى چىدىدىم ،مەھكەم چىشلەپ چېشىمنى، يەنە سۈكۈت قىپتۇرسام يوق قىلغۇدەك ئېشىمنى، چۈشۈپ كەتسەم تەختتىن نەگە تىقاي بېشىمنى.
"بېشى يوغان بولسىمۇ ،ئىچى قۇرۇق" دەپتۇدەك، "ئۆزى يوغان بولسىمۇ ئىچى ئورۇق" دەپتۇدەك، "ئۇنى شۇنداق ھۆكرەتكەن تامغا،سۇرۇق" دەپتۇدەك، «ھوقۇقىدىن ئايرىلسا پۇتى چورۇق» دەپتۇدەك.
مۇئەللىملەر ئاشۇنداق قۇرۇق ئېغىز كېلىدۇ، بىكار بولسا بىردەملا بېقىنىغا تېپىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەردائىم جاپادىلا ئۆتىدۇ، ۋاقىتلىقلا شاتلىقى سۈر ھەيۋەمنى كۆرىدۇ.
سۆزلەپ بېرەيسىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆزۈمنى، كۆرۈپ بېقىڭ تەپسىلى مەن تۈزىگەن تۈزۈمنى، ھەممىسىنى دەۋېتىپ كۆرەي ئۇلۈم -كۆرۈمنى، زادى قانداق مۇدىرمەن،چىقىرىڭلار ھۆكۈمنى.
قىلغانلىرىم ئازئەمەس ئۆسۈش ئۈچۈن جىق چاپقان، بەسلەشكەننىڭ كەينىگە تۇيدۇرماستىن مىق قاققان، چىقىش قىلماي پارىگە بىساتىمنى ھەم ساتقان، ئاران چىققان ئورۇندىن كېچەلەمتىم مەن ئاسان.
تەكشۈرۈشكە ئامالكۆپ ،ھىلەم بىلەن توسىمەن، ياخشى چىقسا نەتىجە يۇقىرىغا ئۆسىمەن، يۇقىرىغا ياخشى بوپ ،تۆۋەننىلا ئۈسىمەن، ئۆزگە بىلەن ئىشىم يوق مەن شۇنىلا كۈتىمەن.
سىرلىرىمنى ئەزەلدىن دەپ باقمىغان بىرىگە، ئۇلار قانداق بىلەتتى ،كۆرسەتمىگەن كۆزىگە، مېنى يامان دىگەننى كۆرىسىتىمەن ئۆزىگە، مۇدىر ئەسكى دىگەنلىك ئالدىرغانلىق گۆرىگە.
«مەكتەپكە ھېچ ئوخشىماي قالدى مەكتەپ »دىيىشىپ، «توۋۋا –خۇدا »دەپ يەنە ياقىسىنى چىشلىشىپ، ئۇيالماستىن دىگۈدەك "قالدى باشلىق ئېلىشىپ"، دەستەك قىلىپ مىللەتنى كەپتۇ مېنى تىللىشىپ.
ئەنسىرەركەن ئەۋلاتتىن ،ئۇلارنىڭكى سىۆزىچە، مۇدىر دىگەن مەن تۇرسام غەم يىيىشىپ ئۆزىچە، تۈزۈم تۈزەپ ھارمىدىم ،بىر بىرىدىن ئۆزگۈچە، خىزمەت قىلدىم چەتنىمەي سىياسەتنىڭ" سۆزىچە".
دىننىي كىيىم كىيمەڭ دەپ بويرۇق بەرگەن باشلىقلار، دۇپپا -ياغلىق چەكلىسەم چىچاڭشىدى باشقىلار، بىلەلەمتى بۇلارنى سەۋىيىسى چاغلىقلار ، دىننىي كىيىم ئەمەسمىش دۇپپا بىلەن ياغلىقلار.
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشمە مۇئەللىمە خانىملار، ياغلىق ئارتىپ كېلىشمە ،بۇدرە بولسۇن ساچىڭلار، قىرىۋەتكىن بۇرۇتنى ،بۇرۇت قويغان سايىملار، كۆرۇپ قالسام دۇپپاڭنى ئامان قالماس باشىڭلار.
بىخەتەرلىك بىرىنچى تەكىتلەيمەن توختىماي، كىتاپ كۆرسۇن بالىلار ،ھەرخىل ئۇيۇن ئوينىماي، چېنىقۋالسۇن ئۆيىدە بىزگە تولا ئىش تاپماي، تۈزۈم تۈزدۈم مۇشۇنداق ئىجرا قىلغىن قاينىماي.
سەككىز سائەت خىزمەت بۇ دەم ئېلىشقا رۇخسەت يوق، تۈزۈم بىلەن ئىشقلساڭ تۇرار ھامان كۆڭۈل توق، ۋايسىمىغىن كېسەلدەپ تەگمىدىغۇ ساڭا ئوق، كۈتكەن يەردىن چىقمىساڭ دەپلا قوياي ماشىڭ يوق.
بىر كۈن رۇخسەت سورىساڭ بەش كۈنلۈكنى تاشلايسەن، ھىساۋاتى چىققاندا باشلىرىڭنى قاشلايسەن، يەتكۈزەلمەي ئايمۇ-ئاي كۆزلىرىڭنى ياشلايسەن، جەرىيمانە قويساملا پۇشمان قىلىپ داتلايسەن.
كېسەل بولغىن تەتىلدە،ھەم تەتىلدە ساقايغىن، رۇخسەت سوراش ئويۇڭدىن بولدى ئەمدى يالتايغىن، ئالايساڭمۇ سەن ماڭا مەن كۆرمەستە ئالايغىن، مېنى كۆرسەڭ ھەردائىم غادايمىغىن سالپايغىن.
پىچىرلىغىن قۇلاققا،بولۇپ ماڭا ئۇچۇرچى، بىلىپ تۇراي ھەممىنى كىملەر زادى قۇسۇرچى، يېزىلمىسۇن ئاينىغان شېئىر –قوشاق،ئۇچرىكى، كىملەرنىڭكى ئوستىكىن بىكالىقتا خورىكى.
مەندىن سەۋەن ئۆتمەيدۇ تازلىقنىلا چىڭ تۇتسام، ئەجەپ ھاردۇق چىقىدۇ ھەيۋەم بىلەن قورقۇتسام، دەيمەن شۇڭا ھەردائىم «ئۇتۇرمىسام مەن ئۇتسام»، مۇدىرلىق بۇتەختىمدە يېتىۋېلىپ قوپمىسام.
ئاڭلىدىڭلاردەردىمنى مەن مۇشۇنداق بىر دەرتمەن، ئۈمۈدلىرىم ئاجايىپ مۇدىرلىققا ھەم زۇقمەن، ئەمما مۇدىربولساملا غەمكىن ئەمەس بىر شوقمەن، ئۆزۈم ئۈچۈن ئىشلەيمەن،چۇپەي ئەمەس بىر مەرتمەن.
ئۆز يازمام
|