جىددى ئۇقتۇرۇش
بايقاش چ چ توپى بايقاش مائارىپ تورىغا خاس بولغان مائارىپچىلار مۇنازىرىسى ۋە ئۆز-ئارا ياردەمنى ئاساس قىلغان توپ بولۇپ، قورۇلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرىياندا بۇ توپقا رايۇنىمىزدىكى 500 دىن ئارتۇق مائارىپچىلار توپلىشىپ نۇرغۇن ياخشى مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى ۋە كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزگە لازىملىق بولغان ياردەملەرگە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ توپ مائارىپچىلارنىڭ ياخشى قۇرالىغان ئايلانغان ئىدى. لېكىن بۈگۈنگە كەلگەن بۇ توپقا غەيرى كەسپىتىكى كىشىلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ توپنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ، قاچانلا قارىسا يالغان، ساختا ئۇچۇرلار يوللاپ تورداشلارغا ئىقتىسادى ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق پاراڭلار توردا مەشغۇلات قىلىۋاتقان باشقا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى چېچىپ نورمال خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىلىشىغا ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇ شەۋەپتىن توپىمىزدىكى كۆپلىگەن بىلىملىك، تەجىربىلىك، تۆھپىكار تورداشلار بۇ توپتىن بىزار بولۇپ، توپ ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلمايدىغان ھالەتكە تەڭشەپ قۇيۇشقا مەجبۇرى بۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توپتىكى ياردەم سورىغۇچىلار جاۋابسىز قېلىش، ياخشى مۇنازىرىلەر ۋە ئوقۇتۇش توغرىسدىكى ياخشى ئۇچۇر، تېمىلار يوللانمايدىغان ھالەت شەكىلىنىپ، توپنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمايۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بايقاش چ چ توپىنى تارقىتۋېتىشنى بۇ توپ نومۇرىنى ساقلاپ قېلىپ، قايتىدىن «بايقاش مائارىپ توپى» قىلىپ قورۇپ چىقىشنى قارار قىلدۇق.
يېڭى توپ قائىدىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بۇ توپ مەخسۇس يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مائارىچپىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. غەيرى كەسىپتىكى ئەزالارنى قوبۇل قىلمايدۇ. 2. توپقا قوشۇلغانلار توپتىكى نامىنى چوقۇم مۇنبەردىكى نامى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشىشى، غەيرى ئىسىملارنى قوللانماسلىقى كېرەك. 3. توپقا قوشۇلغاندا ئۆزىنىڭ قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشى ۋە توپقا ئەزا بولغاندىن كىيىن ئەزالىق ئۇچۇرىنى تولۇق تولدۇرۇشى كېرەك. 3. توپقا مائارىپچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار ۋە ھەرخىل ياردەم ئۇچۇرلىرى يوللانسا بولىدۇ. يالغان، ساختا ئۇچۇر يوللىماسلىق، شەخسى پاراڭلارنى قىلماسلىق كېرەك. 4. مۇناسىۋەتسىز تور بىكەت ئېلانلىرى شۇنىڭدەك ھەرخىل ئېلان تەشۋىقاتلارنى يوللىماسلىق كېرەك. ئەگەر يۇقارقى تۈرلەرنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۈرۈلسە، شۇ ۋاقىتتا توپتىن ھەيدىلىدۇ. توپ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ توپ ئەزالىرىنى تۈزۈم بۇيىچە باشقۇرۇشىنى، ئەزالارنىڭمۇ رايۇنىمىز مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ساغلام بولغان مۇنازىرە ۋە ياردەم سورۇنى بەرپا قىلىپ يېڭىچە كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بايقاشنى قوللىغىنىڭىز مائارىپ ئىشلىرىشنى شۇنداقلا مائارىپچىلارنى قوللىغىنڭىز. شۇڭا ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! كونا توپنى تارقىتىۋېتىش ۋاقتى: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى مەخسۇس مائارىپچىلار توپى قورۇلۇش ۋاقتى: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى توپ نومۇرى: 110384522
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
بايقاش مائارىپ تورى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
|