| تور ئارىلاۋىتىپ بۇلارنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . ئەگەر ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز بۇ تىما سىزگە چوقۇم ئەسقىتىپ قالىدۇ .تەپسىلى كۆرۈڭ! بەلكىم بەزى تورداشلارغا نىسبەتەن ئۇقۇش تارىخى،ئۇنىۋان،يۇقىرلاپ ئۇقۇش ھەققىدىكى چۈشەنچە دىگەندەك ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن،شۇڭا دوسلارغا پايدىسى تىگەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە بۇ تىمىنى يوللىدىم،كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن! تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا ئاز قالدى، شۇ ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپلا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار «ئارزۇ تولدۇرۇش» دەپ بىر جەدىۋەلنى توشقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ، كېچىككەندىمۇ شۇ كۈنى ھېس قىلالايسىز، دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى (学历) ئوتتۇرا تېخنىكۇم (中专) ، مەخسۇس كۇرس (大专)، تولۇق كۇرس (本科) دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. (ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىسى ماگىستىر ئاسپىرانت (硕士研究生)، دوكتۇر ئاسپىرانت (博士研究生)) مەكتەپلەر شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلەر (私人学校)، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بويىچە تەربىيەلەيدىغان بىر قىسىم مەكتەپلەر، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى كەسپىي مەكتەپلەر (职业大学 دېگەندەك)، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ (全日制普通高校) دېگەندەك بىر قانچە خىل بولىدۇ. سىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھان نۇمۇرىڭىزنى مۆلچەرلەپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىگە قاراپ ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرىغا ماس كېلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەردىن بىر قانچىنى (9 غۇ دەيمەن) تاللاپ جەدىۋەلگە تولدۇرۇپ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋىلىنى يوللايسىز، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئىمتىھان نۇمۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋىنىگە قاراپ بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈم، ئۈچىنچى تۈركۈم دەپ نۇمۇر چېكىنى بېكىتىپ، سىز قايسى تۈركۈمدىكى قايسى مەكتەپ قايسى كەسىپنى يازغان بولسىڭىز شۇ سىزگە ئوخشاش ئارزۇ تولدۇرغان بالىلارنىڭ ئارخىپىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ سېلىشتۇرۇپ يۇقىرىسىدىن تۆۋىنىگە تاللىۋالىدۇ، تاللىنالمىسىڭىز دەرھال ئارخىپىڭىزنى قايتۇرىۋېتىدۇ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى سىز ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپلەر ئارخىپىڭىزنى ئېلىۋېلىپ ئۇلار سېلىشتۇرىدۇ....مۇشۇنداق باسقۇچلاردىن كىيىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىسىز دېگەن گەپ. ئەمدى گەپنى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە يۆتكەيلى، ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرسىڭىز ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرۈش دېپلومى بېرىلىدۇ، لىكىن ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئۇنۋانى بولمايدۇ. مەخسۇس كۇرسمۇ ئوخشاش. پەقەت پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسنى بەش يىل ياكى ئالتە يىل ئوقۇپ بارلىق پەنلەردىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلماي، قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالماي ساق-سالامەت پۈتتۈرگەن، خەنزۇتىلىدا 8-دەرىجە (بەزى مەكتەپلەرنىڭ 7-دەرىجىنى ئۆلچەم قىلىدۇ)، ئىنگىلىزتىلىدا 4-دەرىجە ( بۇ ئۆلچەم ھازىرچە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ تەلەپ قويۇلمىدى) كېنىشكىسىنى ئالغان، يەنى دۆلەتنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى (学士学位) بېرىلىدۇ. يەنى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى تاماملاپ لاياقەتلىك بولغانلارغا تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى، باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. يەنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۈنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا تولۇق كۇرسنى تاماملىغانلىق دېپلومى (本科毕业证书) بىلەن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى (学士学位证) ئىككى كېنىشكە تارقىتىپ بېرىلىدۇ، مۇراسىمدا باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قارا رەڭلىك سېرىق ياقىلىق كىيىم (学士服) كىيىلىدۇ. ئەمدى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن دېپلوم ۋە ئۇنۋاننى ئالغان ئوقۇغۇچىلار قايتىپ دۆلەت بىر تۇتاش ئالىدىغان مەمۇرىلىق ئىمتىھانى (公务员考试) ياكى يەرلىكنىڭ ھەر بىر شەھەر ناھىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالىدىغان كەسپىي ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (事业单位考试) ۋە ياكى ئاپتونۇم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئالىدىغان ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (特岗教师考试) ۋە ياكى ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەر خىل سىياسەتلىرى بويىچە يېزا ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرىغا داشۆسىڭ كەنت كادىرى (大学生村干部) قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ ياكى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ خىزمەت تېپىش يولى بىلەن كىيىنكى خىزمەت ھاياتىنى باشلىسا بولىدۇ. تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلسا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئالىدىغان «مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى» (国家硕士研究生入学考试) غا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ نۇمۇر چېكىگە يەتسە، ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپ ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك بولسا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرىدۇ. بۇ ئىمتىھان ھەر يىلى پەقەت بىر قېتىملا ئېلىنىدۇ، يەنى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا شەنبە يەكشەنبىگە توغرىلىنىپ ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنقى يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بىر ئاي توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تىزىملاتقاندا ئۆزىڭىز خالىغان كەسىپتە پەقەت بىرلا مەكتەپنىڭ بىرلا كەسپىنى ۋە شۇ كەسىپنىڭ ئىچىدە نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ نەچچە خىل تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە پەقەت بىرلا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرلا تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە ئارزۇ تولدۇرىسىز. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ماتىماتىكا ۋە سېستىما پەنلىرى ئىنىستىتوتى قوللىنىشچان ماتىماتىكا كەسپى ئادەتتىكى دېففىرىنسىئال تەڭلىمە (常微分方程) تەتقىقات يۆنىلىشى دېگەندەك. ئىمتىھان مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدۇ، سىياسەت بىلەن ئىنگىلىزتىلى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سۇئال چىقىرىلىپ مەكتەپلەر نۇمۇر چېكىنى ئۆزى بېكىتىدۇ، كەسىپ ئىمتىھانى سىز تىزىملاتقان مەكتەپنىڭ كەسپىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپى بويىچە ئىككى كەسىپتىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، مەسىلەن يۇقىرىقى كەسىپكە تىزىملاتقان بولسام سىياسەت، ئىنگلىزتىلى، ماتىماتىكىلىق ئانالىز، ۋە ئالىي ماتىماتىكا تۆت پەندىن ئىمتىھان بېرىمەن، كەسپىي ئىمتىھاننى شۇ مەكتەپ ئۆزى چىقىرىدۇ. دېمەك شۇ ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ مەكتەپنىڭ ۋە سىزنى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ۋە ئايرىم سىناق ئېلىشىدىن ئۆتۈپ لاياقەتلىك بولغانلار شۇ يىلى 9-ئايدا شۇ مەكتەپ شۇ كەسىپكە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىدۇ، يەنى ماگىستىر ئاسپىراتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 3 يىلدىن 4 يىلغىچە بولىدۇ، شۇ جەرياندا بۇ ئوقۇغۇچىنى بىز ماگىستىر ئاسپىرانت، قىسقارتىپ ئاسپىرانت (研究生) دەپ ئاتايمىز. ئاسپىرانت (研究生) دېگىنىمىز ئوقۇغۇچى دېگەن مەنىدىكى سۆز، يەنى ماگىستىر ئاسپىرانت دېگىنىمىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، دوكتۇر ئاسپىرانت دېگىنىمىز دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى دېگەنلىكتۇر. ئاسپىراتلىققا قوبۇل قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ تولۇق كۇرستا ئوقۇغاندىكى بارلىق ئوقۇش ئارخىپى ۋە نوپۇس قاتارلىق رەسمىيەتلىرىنى يۆتكەپ كېلىشى كېرەك. تولۇق كۇرس دېپلومى ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى نۇمۇرىنى چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرىشى كېرەك. ئوقۇش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ، بىرىنچى يىلى سىياسەت، ئىنگىلىزتىلى ۋە بىر قىسىم ئورتاق پەنلەر ئۆتۈلىدۇ، بۇ ۋاقىىتا بىر فاكولتىتتىكى بىر قانچە خىل كەسىپ ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىدىكى 20 دىن 30 غىچە ئوقۇغۇچى بىر سىنىپقا كىرىپ ھەپتىدە 14 سائەتتىن 20 سائەتكىچە مۇنتىزىم دەرس ئوقۇيدۇ، قالغان ۋاقتى ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. تولۇق كۇرس ۋاقتىدىكىدەك مۇنتىزىم سىنىپ، سىنىپ مەسئولى، كەچلىك مۇزاكىرە، ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە، مەيدان تازىلاش، سىنىپ تازىلاش، سىنىپ يىغىنى، گىمناستىكا، تەنتەربىيە دەرسى دېگەنلەر بولمايدۇ، يەنى شۇ سىنىپقا كىرىپ دەرسنى ئاڭلاپ چىقىپ كەتسىلا قالغان ۋاقت كۈتۈپخانىدا ماتېرىيال كۆرۈش ياكى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ياكى جەمئىيەت كۆزىتىش ياكى توردا ماتېرىيال كۆرۈش، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىقات تىمىسىغا قاتنىشىپ مۇۋاپىق خىزمەت قىلىش، دوكىلات يېزىش قاتارلىقلار بىلەن ئۆتىدۇ، ئادەتتە بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (يەنى بىز دەسلەپتە ئارزۇ تولدۇرغاندا يازغان كەسىپنىڭ مەلۇم تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە بىز پەقەت بىرلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يۆنىلىشىنى تاللىغانتۇق) نىڭ قولىدا 3 دىن 4 كىچە ئوقۇغۇچى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسىنى تاماملىغان ئاساستا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنى ئۆزى ئىزدەپ مۇۋاپىق تەتقىقات خىزمىتىگە ياردەملىشىپ بېرىشنى ياكى مۇئەللىمنىڭ بىرەر ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. دۆلەت ھەر بىر ماگىستىر ئاسپىرانتقا 5000 يۈەن خىراجەت ئاجراتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2000 يۈەن پۇلنى دالا تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئۈچۈن ئاجرىتىدۇ. دەل مۇشۇ پۇلنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قول قويۇپ بېرىشى بىلەن ئېلىپ بۇ 3 يىل جەريانىدا ئۆز تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش تەتقىقات (调研) پائالىيىتىگە چىقسا بولىدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، پەقەت ياتاق پۇلى بىر يىللىقى 1000 يۈەنلا ئېلىنىدۇ، باشقا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئاسپىرانتلارغا ھەر ئايدا 400 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ، بىر يىلدىن كىيىن ئوقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بىرىنچى دەرىجىگە 500 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىگە 350 يۈەن، ئۈچىنچى دەرىجىگە 150 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ، لاياقەتسىزلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بىر يېرىم يىل مۇقىم سىنىپتا دەرس ئوقۇپ 36 ئوقۇش نۇمۇرىنى تولۇق ئالغانلار مەكتەپ ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن 3-ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى تاللاپ، تەييارلىق قىلىپ، مەلۇم ماتېرىياللارنى توپلىغاندىن كىيىن، «تېما ياقلاش يىغىنى» (开题报告会) ئېچىپ، ئۆزىنىڭ نېمە تىمىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغىنىنى، قانداق يېڭى كۆز قاراش، ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىنى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى قانداق باب پاراگرافلارغا بۆلۈپ يازىدىغانلىقىنى شۇ كەسىپتىكى مۇناسىۋەتلىك 5 مۇتەخخەسىس ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ، مۇتەخخەسىسلەر راستىنلا بۇ تېمىنى يازسا بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە يىغىن تۈگەيدۇ. ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىشقا كىرىشىدۇ. دېمەك ئاخىرىقى بىر يېرىم يىل ۋاقىت پۈتۈنلەي ئاسپرانتنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنى يېزىش، ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تەجرىبە ئىشلەپ نەتىجىسىنى خۇلاسىلەش قاتارلىقلار ئۈچۈن بېرىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ھېچقانداق دەرس يوق، كۈتۈپخانىدا، جەمئىيەتتە ياكى تەجرىبىخانىدا ئۆتىدۇ. مەكتەپنىڭ مەۋسۈملۈك باھالاش، سىياسىي ئۆگىنىش ئىشلىرىغا نورمال قاتنىشىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن مەكتەپتىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ، ئايرىلىشقا توغرا كەلسە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياكى فاكولتىتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك ماگىستىرلىق ئۇنۋانى دېسىرتاتسىيە يىغىنى يۇقىرىقىدەك 36 ئوقۇش نۇمۇرىنى تولۇق ئالغان، ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ئىلمىي ماقالىسى فاكولتىت، مەكتەپ، ۋە دۆلەتلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن (بۇ ئۆتكەل قاتتىق تەكشۈرىلىدۇ، ئىلمىي ماقالە چوقۇم شەخس ئۆزى يازغان، كۆچۈرۈلمىگەن ياكى ئىنتايىن ئاز نەقىل ئېلىنغان بولۇشى كېرەك، مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلارمۇ نۇرغۇن) دىن كىيىن، ئاندىن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھانىدىن 6-دەرىجە، مىللىي ئوقۇغۇچىلار 4-دەرىجىدىن ئۆتكەن، خەنزۇتىلىدىن 8-دەرىجىدىن ئۆتكەن، مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئاز دېگەندە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇشى كېرەك دېگەندەك بىر قاتار شەرتلەردىن ئۆتكەندىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىسى دېسىرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى(硕士论文答辩) غا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئىلمىي ماقالە ياقلاش يىغىنى ئادەتتە شۇ كەسىپتىكى مەخسۇس مۇتەخخەسىستىن بىرىنىڭ رەئىسلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ رەئىس چوقۇم بىزنى تونۇمايدىغان، باشقا بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، بىز ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىمىز، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى باھالاشقا قاتناشماسلىقى كېرەك، باشقا تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئاشۇ بىزنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىمىزنى چۈشىنەلەيدىغان، بىزنىڭ تېما ياقلاش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىدىن تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرىمىز. جەمىئىي بەش نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ۋە بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ 10 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ يازغان تېمىمىز، نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىز، قانداق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغىنىمىز، ئاساسلىقى نېمىدە يېڭىلىق نۇقتىنى تاپقىنىمىز ۋە قانداق بىر يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىگە ئېرىشكىنىمىز توغرىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن مۇتەخخەسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىمىز، ئادەتتە دېسىرتاتسىيەدىن بىر ھەپتە بۇرۇن بىز ئىلمىي ماقالىمىزنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى مۇتەخخەسىسلەرگە قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولغاچقا ئۇلار بىزگە باھا سۆزىنى يېزىپ بەرگەچ سورىماقچى بولغان سۇئالىنى تەييارلاپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ سۇئالىغا دادىل جاۋاب بېرىش بېرەلمەسلىك دېسىرتاتسىيە نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ دېسىرتاتسىيە ياقلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن رەئىس شۇ قېتىملىق دېسىرتاتسىيە ياقلىغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم باھا بېرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ماقالىنىڭ يېتەرسىز ياكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى كۆرسىتىپ دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ يىغىن مەيدانىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشقا قوشۇلىدىغان قوشۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. دېسىرتاتسىيە يىغىنى ئاخىرلىشىپ ماقالىنى تۈزەتكەندىن كىيىن دۆلەتنىڭ ئىلىكترونلۇق ماقالە ئامبىرىغا ماقالىنى توردىن يوللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ماقالە چوقۇم بارلىق شەكىللەر ئۆلچەم بويىچە تۈزىتىلىپ توردىن ئىلمىي ماقالە ئامبىرىغا يوللىنىدۇ ۋە تەستىقتىن ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى تاماملانغاندىن كىيىن مەكتەپ ئاسپىراناتلار باشقارمىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ئۇنۋان بېرىشنى بېكىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى» (毕业典礼) ئېچىلىپ مەكتەپ بويىچە بارلىق ئاسپىرانتلارنى يىغىپ، سەھنىگە تىزىلىپ چىقىرىلىپ بىردىن بىردىن ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاش ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى (硕士研究生毕业证) ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋان كېنىشكىسى (硕士学位证) تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بۇ يىغىن ناھايىتى چوڭ ئۆتكۈزىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكىلەر كىرىپ قاتناشسا بولىدۇ. يىغىندا يەنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىلىدىغانلار كۆك رەڭلىك سېرىق ياقىلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانى كىيىمى () كىيىدۇ. ئۇنۋان تەقدىم قىلغۇچىلار چوقۇم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار بولۇشى كېرەك، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى كىيىمى قىزىل رەڭلىك سېرىق ياقىلىق بولىدۇ. چوقۇم شۇ كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ ئۇنۋان بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۇسۇلى، ئاۋۇ ئۇنۋان قالپىقىنىڭ بىر تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرغان يىپ بولىدۇ، شۇ يىپنى سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئوڭ تەرەپكە تاشلاپ قويىدىكەنمىز، سەھنىگە چىققاندىن كىيىن دوكتۇرلار ئۇ يىپنى سول تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن، بۇ ئۇنۋان بېرىلگەنلىكنى بىلدۈرىدىكەن. مېخانىك، ئىنژىنىر، تېخنىك دېگەن ئاتالغۇلارغا كەلسەك ئۇ بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ئىلمىي ئۇنۋان (学位) بىلەن پەرقلىنىدۇ، مېخانىكنى (机械员) دەيمىز، يەنى ماشىنىسازلىق دېگەندەك مەلۇم مىخانىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا بېرىلىدىغان بىر خىل كەسپىي ئۇنۋان دېسەكمۇ بولىدۇ. ئىنژىنىر (工程师) مۇ ئوخشاش، مەلۇم كەسىپتىكى مەسىلن نېفىت، خېمىيە، قۇرۇلۇش لايىھىلەش، يول ياساش، كۆۋرۈك لايىھىلەش دېگەندەك قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كەسپلەردىكى مەخسۇس ئۆلچەمگە يەتكەن تېخنىكىلىك دەرىجىسىگە قاراپ بېرىلگەن كەسپىي ئۇنۋان، ئۇنىڭمۇ 初级工程师,高级工程师 دېگەندەك دەرىجىلىرى بولىدۇ. تېخنىك دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىلىتىلىشى تېخىمۇ كەڭرى ، مەسىلەن توكچىنىڭ ئۇستىسىمۇ بىر تېخنىك، بىرەر زاۋۇتنى ئوبدان بىلىدىغان رىمونت قىلالايدىغان كىشىمۇ تېخنىك، مۇشۇ مۇنبىرىمىزنى ياسىغۇچىمۇ بىر تېخنىك، ئۇنىڭ دائىرىسى بەك كەڭرى، يەنى مەلۇم تېخنىكىلىك كەسىپتە تېخنىكىسى يۇقىرىلارنى بىز تېخنىك دەپ ئاتىساق بولىۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىككىنچى دەرىجە، باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى دەرىجە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي دەرىجە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى دەرىجە، ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى دەرىجە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجە دەپ كەسپىي ئۇنۋان بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا بولسا ئاسسىستېنت (助教)، لېكتور (讲师)، دوتسېنت(副教授)، پروففېسسور (教授) دەپ كەسپىي ئۇنۋان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىيلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. ئارتىسلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇنۋانلىرى بولىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقىلار ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە يارىشا كەسپىي ئۇنۋانلىرى. بۇنى باكلاۋىر، ماگىستىر،دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتى دېگەنە ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن ئارىلاشتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇغان بىرئوقۇغۇچىغا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى بىلەن باشلانغۇچ ئىنژىنىرلىق ئۇنۋان كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى ھەرگىز ئىجتىمائىي پەن كەسپى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋان ئالغان يەنە بىر ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرۇپ قايسىسى يۇقىرى قايسىسى تۆۋەن دەپ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇ ئىككىسى ئىككى كەسىپنىڭ ئىشى. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ تولۇق كۇرسنىڭ دېپلومىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەمدى سىز دېگەن ئىنژىنىرلىق دېگەننى مېنىڭچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئالغىلى بولىدىغانلىرى بار، بولمايدىغانلىرىمۇ بار. بۇ ھەقتە شىنجاڭ كادىرلار تورىغا http://www.xjrsks.com.cn/index00.asp كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئىنژىنىرلىق گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئىمتىھانى توغرىلىق ئۇچۇرلار شۇ تور بەتتە چىقىدۇ، لىكىن مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئىنژىنىرلىق كېنىشكىسىنى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر قانچە يىل بولغانلار ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئالىدۇ، شۇڭا مېنىڭچە ئۆيدە ئۆزى كىتاب كۆرۈپ ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئالغىلى بولماسمىكىن. چۈنكى ئوقۇش تارىخى توغرىلىقمۇ تەلەپ باردەك قىلىدۇ، قالغىنىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ سۈرۈشتۈرۈپ باقساق بولىدۇ. ئاندىن بۇ ھەقتىكى ئىمتىھانلار ئاساسەن خەنزۇچە ئېلىنىدۇ. ئەمدى ئاۋۇ پروففىسورلارغا كەلسەك، ئۇلار داشۆنىڭ بالىلىرىغا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئەڭ ئەقەللىيسى ئۆزى ئوقىمىغان تۇرۇپ ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ ئوقۇپلا پروففېسسورلۇقنى ئالالمايدۇ، چۈنكى پروففېسسور ئۇنۋانىنى داشۆلەر ئۆزى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى دېگەندەك بىر قاتار شەرتلەردىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بېرىدۇ، ئۇنداق ئاسان ئالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ئۇ. |
|