baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 13

جۇڭگودىكى 100كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2014-يىللىق رەت تەرتىپى ئېلان ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگودىكى  100كۈچلۈك  ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  2014-يىللىق  رەت  تەرتىپى  ئېلان  قىلىندى  


جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورى‹‹2014-يىللىق جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاش تەتقىقات دوكلاتىنى››ئېلان قىلدى ، بۇ جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورى ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات ئەترىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى ئۇدا 12-قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 86-ئورۇندا تۇردى .
1-يانۋار ، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورىدىن ئىگىلىشىچە،مەكتەپلەرگە ئىلمىي تەتقىقات ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇنىۋېرسال نوپۇزى بويىچە نومۇر قويۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرى63.47بولغان ، رەت تەرتىپتە 86-ئورۇندا تۇرغان ، بۇ نومۇر ئالدىنقى يىلدىكى62.29نومۇردىن سەل ئۆرلىگەن ، ئەمما رەت تەرتىپ جەھەتتىن ئالتە ئورۇن تۆۋەنلەپ كەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگودىكى داڭلىق مەكتەپلەر نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن زور ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تەتقىقات ، كەسىپلەشكەن ۋە قوللىنىشچان تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ‹‹جۇڭگودىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېت››قۇرۇپ چىقىشىدىكى ئاۋانگارت قوشۇن.بۇ قېتىمقى يۈز كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئورۇندا ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئورۇندا ، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 3-ئورۇندا ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى 4-ئورۇندا، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى 5-ئورۇندا تۇرغان.
مەنبەدىن كۆرۈش: http://uyghur.xjedu.gov.cn/jyy/zyyw/2014/66544.htm
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-7 22:22:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنڭغا قارغاندا ،بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى يەنىلا كەينىدە ئىكەن، ...
ۋاقتى: 2014-1-7 22:34:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلىدىم شىنجاڭدا يەنىلا تېخىمۇ تىرىشىپ پەن تېخنىكا ئارقىلىق ئۈزىمىزنى قۇراللاندۇرۇش تۇلىمۇ زۈرۈلكەن دەپ قارىدىم
ۋاقتى: 2014-1-8 12:18:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت   سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز .
ۋاقتى: 2014-1-8 12:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئۇنۋېرتسىتلار نەچچىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغاندۇ ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كوپ رەخمەت
ۋاقتى: 2014-1-8 14:39:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر شۇنچىۋىلا ئارقىدا ئىكەن. ئۇنداقتا بىزچۇ؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-1-9 13:01:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىۋاتىمىز.. باشقىلار بولسا ئازراق بىلىمى بار بولىسىلا شۇنى قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ .. لىكىن  بىزدە بولسا .بىر بالداق ئۆرلىسەك بىر بىرىمىزنىڭ تىگىنى كولاپ ئۇنىڭغا قەتئىي ئاراملىق بەرمەيمىز.. شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ بۇ مەكتەپ شارائىتى جەھەتتە ئارقىدا قېلىشىمىز ئېنىق ..
ۋاقتى: 2014-1-12 16:06:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مەكتىپىممۇ باركەن
ۋاقتى: 2014-1-13 12:57:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئازرراق يۇقىرى ئۆرلىسە، شۇنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ، پۇتىدىن تارتىدىغان ئىشلار بىزدە خېلى بار!!!
تەرەققىيات دىگەن ھەممە تەڭ كۈچىسە بولىدىغان نەرسە . بۇ تېما ئارقىلىق ھەممىمىز ياخشى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
ۋاقتى: 2014-1-19 23:10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 23:39  

2014-يىللىق جۇڭگودىكى  100كۈچلۈك  ئۇنىۋېرسىتېت   
بۇ ئادرېسقا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ
http://wenku.baidu.com/link?url= ... fapuuePM5U6vA-WdEuC
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:55, Processed in 0.345141 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش