715 نەپەر ئەزانىڭ ئەزالىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى
بايقاش مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولغان ۋە ئەزا بۇلۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مۇنبىرىمىزگە كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا! بايقاش مۇنبىرىمىز - رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاددىلىقتىن سەرخىللىققا قاراپ يۈزلىنىش قاتارلىق ئەگرى-توقاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئەزالىرىنىڭ سەرخىللىقى، تېمىلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن قېرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە 2-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى باشلىنىش ھارپىسىدا يەنە رايونىمىزنىڭ مىللى مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇنلىغان كەسىپداش دوستلار مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل مائارىپ ماتىرىياللىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللاپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ماتىرىيال ئامبىرىنى بېيىتىپ، مۇنبىرىمىزدىكى كەسىپداشلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كەسىپداشلار نامىدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز: رەھمەت سىلەرگە! ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتىسىلەر، ئەجرىڭلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ! بۈگۈن مۇنبىرىمىزنى يىقىندىن قوللاپ سەرخىل تېمىلارنى يوللاپ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ كىلىۋاتقان 715 نەپەر ئەزانىڭ ئەزالىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى ھەمدە تۆھپىسىگە قاراپ مۇناسىپ «بايقاش ئوردۇنلىرى» تەقدىم قىلىنىپ مۇنبەر مەشغۇلات ھوقۇلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مۇنبىرىمىز بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مائارىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاشتا ئىپادىسى ياخشى بولغان ئەزالارغا ئاددى بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىمىز، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئىقتىساد، ماددى جەھەتتىنمۇ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەپ ئەڭ ياخشى بولغان ئۇيغۇر مائارىپ ماتېرىياللىرى ئامبىرى قۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! شۇئارىمىز: توشقاندەك تىز ماڭالمىساقمۇ، تاشپاقىدەك ئىزچىل مېڭىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئىلاۋە:شەرتىڭىز توشقان ئوردۇنلارنى ئىلتىماس قىلىپ ئورنىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىش ئادرسى: /bbs/home.php?mod=medal
قېنى سىزمۇ تىزىملىتىپ كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ 715 ئەزا ئىچىدە سىزمۇ بولۇشىڭىز مۇمكىن! بۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرغانلارغا 5 تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ.
بايقاش مائارىپ تورى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
|