| كىتاب ئۇقۇش ۋە مىجەز
كىتاپ-بىلىم بۇلىقى. ئادەم كىتاپ ئوقۇسا بىلىمگە ئېرىشىپ، ھۈنەر، تېخنىكا ئىگىلەپ، روھىي جەھەتتىن بوشلۇققا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى سالامەتلىكىگىمۇ، نورمال بولغان پىسخىكىلىق پەزىلەت يىتىلدۈرۈپ ،ئەسكى، قوپال، باشقىلار ياقتۇرمايدىغان مىجەزىنى ئۆزگەرتىشىگىمۇ پايدىلىق. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، كىتاپ ئوقۇش كىشىلەرنىڭ بىلىمى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى مەلۇم مەنىدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن. گېئوتى: "بىر پارچە كىتاپ ئوقۇساڭ، نۇرغۇن ئالىيجاناپ كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسەن" دېگەن. ئادەم بىر ياخشى كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن، يېڭىچە تۇيغۇ ۋە يېڭى بىلىم، يېڭى ئىلھامغا ئىگە بولۇپ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. كىتاپتا سۆزلەنگەن يېڭى مەزمۇنلار، جانلىق تەسۋىرلەر، ئېسىل بايان، مۇھاكىمىلەر ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش شادلىقىنى بەخىش ئېتىدۇ. مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشقا ئامراقلار: بۇنداق كىشىلەر ھېسياتچان ۋە تۇغۇلىشىدىنلا ئۈمىدۋار كىلىدۇ. ھاياتقا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ئاسان چىقىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۈمىدسىزلىك ئاسارىتىدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ، ئىشلىرىنى قايتا باشلىيالايدۇ. تۇرمۇشنىڭ رومانتىك ئۆتۈشىنى، رېئاللىقتىن بىر دەرىجە يوقىرى تۇرمۇش كەچۈرۈپ ياشاشنى ئويلايدۇ. رازۋېتكا ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ئىدىيە جەھەتتىكى خىرىسنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر، تەدبىرلىك، باشقىلار قورقىدىغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغان كېلىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر تەسەۋۇرغا باي ۋە ئىجادچان كېلىدۇ. ئىختىرا گېنلىرىنى قەدەممۇ قەدەم يىتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىىدىكى كەشپىياتى ۋە يېڭىلىقلىرى ئۈچۈن خېمىر تۇرۇچ ھازىرلايدۇ. پەن-تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە قىلچە گاڭگىراپ قالمايدۇ. كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، چوتنى يىراق نوقتىدىن سوقىدۇ. مالىيە-ئقتىسادقا دائىر كىتاپلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر رىقابەتلىشىشنى، باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىستىكى يوقىرى بولىدۇ. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى يوقىرى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش سەنئىتى ئۈستۈن بولىدۇ. ئاياللارغا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ئاياللار ئىچىدىكى <كۈچلۈك> لەردىن بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلار بولۇپ، ھەرقانداق ئىشتا كۆزگە كۆرۈنۈشنى، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مودا كىيىمگە ئائىت كىتاپ-ژۇرناللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: سالاھىيىتىگە بەك دىققەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ. چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تېز بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى چوڭ سۈپەت، سالاپەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. تارىخقا ئائىت كىتاپ-ژۇرناللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. قۇرۇق پاراڭ، قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىشقا ئۆچ، ئۇلار قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك بەزى خىزمەتلەرنى قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمىسىمۇ، لېكىن ئجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ئانچە خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىدىن ئەنئەنىۋىيلىكنى، ئۆلمەس تارىخىي پۇراقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھەجۋىي رەسىملىك كىتاپ-ژۇرناللارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ئويۇن-تاماشىنى ياخشى كۆرىدۇ. مىجەزىدە تارتىنىش، قورۇنۇشلاردىن ئەسەر بولمايدۇ، خۇش پېئىل، چىقىشقاق ھەم يۇمۇرىستىك كېلىدۇ. گېزىت ۋە ئاخبارات تىپىدىكى ژۇرناللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ئىرادىسى كۈچلۈك رېئالىزىمچىلاردىن بولۇپ، يېڭى ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.
مەنبە___ خاتىرەمدىن
|
|