كۆرۈش: 8075|ئىنكاس: 105

كومپيۇتېردا قىلغان دەرس تەييارلىقى ئىتراپقا ئېلىنمامدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقوتقۇچى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقارغان دەرس تەييارلىقى نېمە ئۈچۈن ئىتراپقا ئېلىنمايدۇ؟

1218162936471317_2 (1).jpg
                                                      

            ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە يېزىقچە ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە كۆپ قولايلىقلارغا ئىرىشۋاتىدۇ. بۇرۇنقى سالام خەت يېزىپ پوچتىدىن ئبەرتىدىغان ئىشلار كەلمەسكە كەتتى. ھازىر ئۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلارنى كۆرسە بەلىكىم ھەممە ھەيرانلىقتا مەسخىرە قىلىشار. يىراقتىكىنى دىمەيلا قوياي. مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەت پىلانى، خۇلاسىسى، دەرىس جەدىۋىلى، قائىدە تۈزۈملىرى، دىجۈرنىيلىك جەدىۋىلى،مەكتەپكە كىرىپ چىقىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، ئوقوغوچىلارنىڭ تاماق جەدىۋىلى،مەكتەپنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ساقچىلىق قىلىش جەدىۋىلى، رۇخسەت سوراش جەدىۋىلى، ئىلمى بۆلۈمنىڭ ئوقوتوشنى يولغا قويۇش ، ئوقو-ئوقوتوش پىلانى، ئوقوتقوچىلارغا قىلىنغان دەرىس تەخسىماتى، مائاش تارقىتىش جەدىۋىلى، ئوقوغوچىلارنىڭ يوقلىما تىزىملىكى،يۇقۇرىغا يوللىنىغان نەتىجە تىزىملىكى.... قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىسز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ ئەگەر يۇقارقى ماتىرىيالنىڭ قولدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسە بەلىكىم تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرمۇ بىر قىسىم قارىشى مۇمكىن.

خوش.ئەمىسە ھازىر چوقوم قولدا يېزىش تەلەپ قىلىنۋاتقىنى نېمە؟ئۇ بولىسمۇ: بىچارە ئوقوتقوچىنىڭ دەرس تەييارلىقى.

ھەتتا ئوقوتقوچى ئۆزى كومپيۇتېر، پىرىنتىر ۋە كۈچ چىقىرىپ تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنى بىر قسىم «ئالىي رەھبەر»لەر نېمە ئۈچۈن ئىتراپقا ئالمايدۇ؟ نېمەئۈچۈن ئوقوتقۇچىنىڭ بۇ ئىلغار قورالدىن پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ؟

          ھازىردۆلەت مەبلەغ سېلىپ مەكتەپكە، ھەتتا سىنىپلارغا كومپيۇتېر ئورونلاشتۇرۋاتىدۇ؟دۆلەتنىڭ پىلانى مەكتەپتىكى ئوقوتقوچى، ئوقوغوچىلارغا مۇشۇلارنى كۆرسىتىشمۇ؟قارايدىغان بولساق شۇنچە ئىلغار سەپلەنگەن كۆپ ۋاستىلىق ئوقوتوش ئۆيلىرىمىزدىكى كومپيۇتېرلار توپا بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئىشلەتمەي تۇرۇپلا بىراك قىلىنۋاقتىدۇ. يەنەئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىنى سەپلەۋاتىدۇ؟ مائارىپ ئىدارىسى، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئوقوتقوچىلارنى كومپيۇتېر ساۋادى بويىچە تەربىيلەۋاتىدۇ. ھەتتا كومپيۇتېر ئىمتىھانىدالاياقەتلىك بولمىغانلارغا ئونۋان باھالاشتا چەكلىمە قويوش پىلانى يولغا قويولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپلەرمۇ ئوقوتقوچىلارنى كومپيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەشكە رىغبەتلەندۈرۋاتىدۇ، تەربىيلەۋاتىدۇ. بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ، ۋىلايەتنىڭ، ناھىيەنىڭ ئادەم، ۋاقىت، مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئوقوتقوچىلارنى تەربىيەلىشى، پەقەت مەكتەپلەردەكومپيۇتېر باشقۇرغۇچى دىگەن نامىدىكى ئادەمنى پەيدا قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئىشخانا،سىنىپلارغا كومپيۇتېر سەپلىشى_ يۇقۇردىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى دىھقان ئاتا-ئانىلارنى «پەرزەنتىڭىزنى مۇشۇنداق زامانىۋى قورالدىن پايدىلىنىپ تەربىيلەيمىز، مۇشۇلارنى ئۈگىتىمىز...» دەپ ئالداش ئۈچۈنمۇ؟ ۋە ياكى يۇقۇردىن تۈر مەبلىغى چۈشۈرۈپ بىر قىسىم «رەھبەر»لەرنىڭ يېنىنى توملاش ئۈچۈنمۇ؟ ئوقوتقوچىلارنى ھەر يىلى ھەر تەتىلدە يىغىپ تەربىيلىشى ئوقوتقوچىلارنى ئارام ئالدۇرماسلىق، ئۇنىڭ ئازغىنە پۇلىنى سۇغۇرۋېلىش ئۈچۈنمۇ؟ مەكتەپلەردە 3-يىللىقتىن يۇقۇرى يىللىق ئوقوغوچلارغا كومپيۇتېر دەرىسىنى تەسىس قىلىش زادى نېمە ئۈچۈن؟

            قاراپ باقساق مەكتەپتىكى ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى، نەتىجىسى، ئارخپى... نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك. ئوقوتوش پىلانى، خۇلاسىسى...نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك. مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلارنى، قارار، ئىلتىماسلارنى، ئىشلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارخىپلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ يوللىشى كىرەك. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قەغەزگە بېسىلىشى ھاجەتىسىز.  مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە مائارىپ ئىدارىسى ماتىرىيالنى «كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان ھالەتتە. ئاپتۇنوم رايونلۇق مائارىپ باشقارمىسى مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى توردايوللايدىغان بولدى. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە قۇلايلىق يارتىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئەمما بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئوقوتقوچى دەرىس تەييارلىقىنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىسا ئىتراپقا ئېلىنمايدۇ. يەنە بۇ نېمەئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟

        ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق دېھقانلارمۇ بانكا قەرىز ئىلتىماسى، ئۆز-ئارا ئېلىم- سېتىمتوختامسى، ئەرىز نامىلەرنى كومپيۇتېردا بېسىپ ئىشلىتىىشىدۇ. قولىدا يازىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بۇنى سوت مەھكىمىسىمۇ، قانون ئورونلىرىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ. ھازىر قەيەردىكى،قايسى بىر ئوروندا «كومپيۇتىردا بېسىپ چىقىرلغان ماتىرىيال ئىنۋەتسىز! قولدايېزىلىشى كىرەك» دەيغان تۈزۈم بار؟ جەمئىيەتتە قايسى بىر كىشى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا؟ قايسى بىر ئورون «كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەي قولدا ئىشلەش كىرەك»دەيغان تەتۈر تەرەققىياتقا يۈز تۇتۋاتىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ.

        ئوقوتقوچىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت دەرىس تەييارلىقىلا قولدا يېزىلىشى شەرىت. لىكىن باشقا ماتىرىياللار كومپيۇتېردا تەييارلانسا بولىدۇ ياكى كومپيۇتېردا تەييارلىنىشى شەرىت. بىر قانچە قېتىم مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ئىلتىماس قىلدىم. جاۋابى«بولمايدۇ. ھەممە ئادەم كومپيۇتېردىن كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىدىغان بولۇپ كىتىدۇ. ھەتتا كومپيۇتېردىن ھېچنىمە بىلمەيدىغانلارمۇ شۇنداق قىلۋالدىكەن» دىگەن بولدى. ئۇنداق بولسا ئوقوتقوچىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر قاتاررەھبەرلەر نېمشىقا بۇنى ئېنىق ئايرىيالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئايرىپ بىر تەرەپقىلالمايدۇ؟ مەن ئۆزەمنىڭ كومپيۇتېردا ئىشلەش ئىقتىدارىم بارلىقىنى، نەخ مەيدانداسىناپ كۆرسە بولىدىغانلقىنى ئېيىتسام  ماڭا كومپيۇتېر ئىشلىتىش گۇۋاھنامەم بولسا بولىدىغانلىقنى ئېيىتتى. مەندە دەل شۇنداق كىنىشكە بار ئىدى، ئەكىلىپ كۆرسەتسەم «بۇكىنىشكىنى ئالى مەكتەپلەر ھازىر   ئوقوش پۈتتۈرگەنلەرگە ئالمايمەن دىسىمۇ زورلاپ بىرىدۇ. بۇ كىنىشكە ئىناۋەتسىز. سىزدە كومپيۇتېر دەرىجە گۇۋاھنامىسى بارمۇ؟» دىدى. بۇ ئالى مەكتەپلەرگە قىلغان ھاقارەتمۇ؟ ياكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشەنمەسلىكمۇ؟ياكى ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۈشۈرغانلىقمۇ؟ ۋە ياكى مىنىڭ ھەر قانچە قىلساممۇ بۇ ئىشقاتەستىق ئالالمايدىغانلىقىممۇ؟ ئەمىسە مەن تەربىيلەشكە قاتنىشىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بۇ كىنىشكىنى ساندۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىممۇ؟ ئىمتىھان ئورونلىرى شۇنچە قەدىرسىز كىنىشكىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بىرىدۇ؟ مەن«ئۇنداق بولسا سىزدە مۇشۇنداق كىنىشكە بارمۇ؟ مەن كۆرۈپ باقاي. ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا تەييارلىق قىلسا بولمايدۇ دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟ شۇنچە كۆپ خىزمەتلەرنى كومپيۇتېردا قىلسا بولىدىكەنيۇ، نېمە ئۈچۈن دەرس تەييارلىقىنى قىلسابولمايدۇ؟ ...» دىگىم كەلدى. لىكىن چۈشەندۈرۈش كار قىلمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،ئاچچىق يۈتۈپ قايتىپ چىقتىم.

         ئۆيگەكىلىپ يەنە شۇ ئىشلار خىيالىمدىن كەتمىدى. نېمە ئۈچۈن ئوقوتقوچىغا بۇ تەڭسىز تەلەپ قويولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقوتقوچى چوقوم جاپالىق ئىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. توغرا،ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا تەييارلىق قىلسا تەكرار ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ كىلەلەيدۇ.كىيىنكى يىللاردا يەنە تەكرار ئىشلىتەلەيدۇ. ھەتتا باشقا ئوقوتقوچىلارمۇ  تەڭ پايدىلىنالايدۇ. خاتا دەپ قارىلۋاتقىنى دەل ئوقوتقوچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ تەييارلىقىدىن پايدىلىنىۋېلىش. يەنى ئوخشاشتەييارلىقنى كۆپ ئادەم ئىشلىتىش. لىكىن بۇ مەسىلىنى ھەممە ئادەمنىڭ كومپيۇتېرداتەييارلىق قىلىشىغا بولمايدۇ دەپلا بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ دە. مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقوتوش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خادىملار نېمە ئىشقىلىدۇ؟ شۇلار تەكشۈرسە، تۈزەتسە بولىدىغۇ؟ ھېچ بولمىغاندا كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى بارلار بىلەن ئىقتىدارى يوقلارنى ئايرىشى كىرەكقۇ. يەنە كىلىپ بىرىنىڭ تەييارلىقنى يەنە بىر ئادەم پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كەمچىللىكنى تۈزتىپ، ئارتوقچىلىقىنى قوشوپ ئىشلىتىشى ياخشى ئەمەسمۇ؟ چوقوم كىتاپتىن دەپتەرگە، كونا تەييارلىقتىن يېڭى تەييارلىققا قولدا كۆچۈرۈش كىرەكمۇ؟ مۇنداق قىلىۋىرىش ئاخىرى نېمە نەتىجە ئېلىپ كىلىدۇ؟ بىرتۈركۈم كۆچۈرگۈچىلەر يىتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۆزى ئويىلىنىپ دەرس تەييارلاشنى كىممۇرىغبەتلەندۈرۈپ باقتى؟ كىممۇ شارائىت يارتىپ باقتى؟ ئەكىسىچە مەكتەپ ئىلمي مۇدىرلىرى قەغەزگە يېزىلغان خەتنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ باھا بىرىدۇ .

       ھازىر  بىر قىسىم باشقۇرغۇچى ئورونلاردىكىلەرنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن ئوقوتقوچىلارنىمۇ تۆۋەن كۆرۋاتىدۇ ياكى ئىشەنمەيۋاتىدۇ. لىكىن مەكتەپلەردە بولسا كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلار ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن ئارام تاپالمايۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلارغا مەكتەپنىڭ بارلىق ئىشلىرى يۈكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوقوتقوچىنى تەربىيلەشكە ئىبەرتسە بارمايدىغان، تەربىيلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغان، ئۈگەنگەن تەقدىردىمۇ ئىش ئورنىدا ئىشلەتمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.چۈنكى ئىشلىتىشنى بىلمىسە ۋەزىپە ئازراق يۈكلىنىدۇئەمەسمۇ؟ ئەكىسىچە بىلىدىغانلار بولسا ھەم قولدا يازىدىغان تەييارلىقنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش تەييارلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى بۇنىڭغا قوشۇپ كومپيۇتېردىمۇ تەييارلاپ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرس ئۆتىشى كىرەك. لىكىن كىممۇ بۇ قوش تەييارلىقنى ئىشلەشنى خالىسۇن. كىمنىڭمۇ مۇنداق كۆپ ۋاقتى بار؟ بۇنىڭسىزمۇ ئوقوتقۇچىنىڭ يازىدىغان ماتىرىياللىرى ئازمۇ؟ شۇڭا ئەڭ ياخشى ئامال بىلمەسلىك. چۈنكى مائارىپ ئىدارىسى بىلمەسلەر بىلەن بىر تەرەپتە.

        ھەي رەھبەرلەر! ھەي مەكتەپ مۇدىرلىرى! ھەي ئىلمىي مۇدىرلار! سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار ئوقوتقوچىنى قەستەن قىينىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئوقوتقوچى ئازراق بولسىمۇ دەم ئالسا،ئازراق بولسىمۇ دەرىسنى ياخشى ئىگەللىتىش ئۈچۈن ئىزدەنسە، ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈملۈك تاپشۇرۇق لاھيىلىسە، ئازراق بولسىمۇ ئوقوغوچىلار بىلەن بىللە بولسا، ئازراق بولسىمۇ ئۇخلىۋالسا، ئازراق بولسىمۇ ئائىلسى، باللىرى بىلەن جەم بولسا نېمەبولىدۇ؟ ئوقوتقوچىمۇ ئاتا- ئائىلىسىنىڭمۇ مەسئولى ئەمەسمۇ؟ ئۇمۇ ئانا- باللىرىنىڭ ھىماتچىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئاتا- ئانىسى، ئائىلىسى بارغۇ؟ ئۇمۇ ئۆيىگە بارغاندا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، دەرىس تەييارلاش بىلەن ئەمەس ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشال خۇرام جەم بولسۇن.

        لىكىن مەن ئوقوتقوچى كومپيۇتېردىن كۆچۈرۈپلا ئارام ئېلىشى كىرەك دىمەكچى ئەمەس. ئوقوتقوچى مۇشۇ ئارقىلىق يىتەكلەنسە، ئوقوتقوچى ئوقوتوشقا كومپيۇتېر بىلىمىنى بىرلەشتۈرسە، كەلگۈسىدە ئوقوغوچىلىرى ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە،كارخانا، سودا، يېزا ئېگىلىك ئىشلىرىغا كومپيۇتېرنى بىرلەشتۈرمەسمۇ؟ ئوقوتقوچى پەقەت دەرىس تەييارلاش، دەرىس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، قوشومچە خىزمەتلەر بىلەنلا مەشغۇل بولسا، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن. بۇنداق بىلگۈچىلەرنى بىلمەسلەرنىڭ قامچىسىدا قامچىلايدىغان تۈزۈمدە كىممۇ ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىسۇن؟ ئۈگىنىشنى خالىمايدىغان ئوقوتقوچىنىڭ تەربىيلىگەن ئوقوغوچىلىرى قانچىلىك بولۇپ چىقار؟نېمە ئۈچۈن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئوقوتقوچىنىڭ يۈكنى يەڭگىللىتىشنى ئويلاشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقوتوش ئۇسۇلىنى، ئوقوتوش ئەندىسىزىنى ئىسلاھ قىلىشنى خالىمايدۇ؟ ئوقوتقوچىلىق جاپالىق كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىشى كىرەكمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلماڭلار! ئوقوتقوچىنىڭ قەلبى ئوقوغوچى ئۈچۈن يېنىپ ئۆچمەس شام، ئىچىپ قانماس بۇلاق. لىكىن جاپالىق خىزمەت ئۇنىڭ نۇرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويمىسۇن! بور توزانلىرى ئۇنى بۇلغاپ قويمىسۇن! ئوقوتقوچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىمۇ بولسا ئۇنى ئاسراپ قويوڭلار،ئۇنىڭ تېخىمۇ نۇر چېچىشى ئۈچۈن قوللاپ قويوڭلار، تېخىمۇ شىرىن شەربەتلەر بىلەن ئەۋلاتلارنى سۇغۇرشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىھرىڭلار بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ قويوڭلار. چۈنكى مائارىپنىڭ سۈپىتى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەلگۈسىدە سىزمۇ،مەنمۇ مائارىپنىڭ مىۋىسىدىن بەھىر ئالىمىز.

بۇ يازمامنى مۇناسىۋەتلىك رھبەرلەرگە يوللىغان بولساممۇيىتىپ بارمىدىمۇ؟ كۆرمىدىمۇ؟ ياكى جاۋاب بىرەلمەمدۇ؟ بىلمىدىم جاۋاپسىز قالدى.مۇمكىن بولسا تورداشلارنىڭ چۈشەنچە بىرىشىنى، ئەگەر تەكلىۋىم مۇۋاپىق بولسا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى خەۋەر تاپقۇدەك ئورونغا يوللاپ ھەل قىلىنىشغا ياردەم قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبەسى: باغداش تورى
http://bbs.bagdax.cn/thread-23689-1-1.html

باھا سۆز

ئورۇنلۇق گەپ بوپتىكەن، باشلىقلار بىر كۆرسە بولغۇدەك.  ۋاقتى: 2014-9-5 05:32

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5قىزغىنلىق +19تىللا +17تۆھپە +19شۆھرەت +19يىغىشسەۋەبى
ئالىم + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!
گۈلنۇر + 2 + 1 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
مۇقام + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
كەۋسەر + 4 + 3 + 4 + 4ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-14 15:26:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 15:30  

بۇ تېمىدىكى  مەزمۇنلارنى يازغۇچى بىزنىڭ مەكتەپنىلا يازدىمۇ نىمە؟...
مەكتىپىمىزدە يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار، ھەمىمىزدە بىردىن كومپيۇتېر بار، لېكىن  كومپيۇتېردىن پايدىلنىپ تەييارلىغان تەييارلىق تەستىقلانمايدۇ، چوقۇم قولدا يېزىشىمىز كېرەك.   تۇرلۈك پىلانلارنىمۇ قولدا يېزىشىمىز كېرەك،   كۈن بۇيى تىنىم تاپماي خەت يازساقمۇ شۇ خەتنى يېزىپ بولالمايۋاتىمىز...
بۇ دەل ئوقۇتقۇچىلارنى قىيناش بولماي نىمە؟...
ۋاقتى: 2014-3-20 11:53:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تىمىنى يوللىغۇچىدىن شۇنى سوراپ باقسام، ئۆزىڭىز ئۈتىۋاتقان دەرسنى بىرىۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ نىمە دەرس ئۆتىسىز؟ سىز ئۆتىۋاتقان دەرس مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلاندىمۇ؟


    ئەمىسە مەن تۈۋەندە ئۈزەمنىڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ قانداق شەرتلەر ھازىرلانغاندا دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلىسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.


    دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە تۈۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇت.


    1.   ئىزچىل ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى كونا، ھەقىقىي پىشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلاردۇر، ئۇلار دەرس تەييارلىقنى يەنىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز قۇلىدا پۈتتۈرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى نىمە دىگەندە ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۆز قۇلى بىلەن قىلىنغان دەرس تەييارلىققا ھېچنەرسە يەتمەيدۇ، ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاچ شۇ دەرسنى ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرمىسا، كىتاپنىڭ سىرتىغاچىقالمىسا ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق بىلىم بىرىشى مۇمكىن ئەمەس.


    2.   دەرس تەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار. بۇلارنىڭ كۆمپىيوتېر سەۋىيىسى تۈۋەن بولغاچقا مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ دەرس تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن،ئەگەر ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى يەتكەن بولسىدى ھەرگىزمۇ « ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ» يۈرمىگەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن دەرس تەييارلىق قىلىش جەھەتتە ئايرىلىدىغان تۈر ئىككى خىللابولغان بولاتتى. بولار نىمە دەيدۇ دېسىڭىز  دەرس تەييارلاش پەقەت «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى»خالاس.


    3.   دەرس تەييارلىقنى كومپىيوتىردا تەييارلايدىغانلار. بۇلارنىمۇ يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، بىرسى ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار بۇنداقلارنىڭ تەييارلىقىنى باشقا خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلىقىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇشقا بولىدۇ، بىراق بولارمۇ 1-قېتىم شۇنداق ئىزدەنگىنى بىلەن 2-قېتىمدىن باشلاپ يەنىلا كۈچۈرۈپ- چاپلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ؛ ئىككىنچى بىرسى بولسا توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار. بولارنېمە دەيدۇ دېسىڭىز سىز دىگەندەكلا ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى، نەتىجىسى، ئارخپى... نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.ئوقوتوش پىلانى، خۇلاسىسى...نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك.مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلارنى، قارار، ئىلتىماسلارنى، ئىشلەپتۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارخىپلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ يوللىشى كىرەك. دەرستەييارلىقنى كومپىيوتېردا قىلسا نىمىشقا بولمىغۇدەك دەپ قارايدۇ، يەنى دەرس تەييارلىقى بىلەن ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى،نەتىجىسى، ئارخپى... مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلار، قارار،ئىلتىماسلارنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان(بولۇپمۇ قوشتىل ئوقۇتىشى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن خىزمەتكە چىققانلار)، ئەتراپلىق پىداگوگىكا،پىسخولوگىيە، مىتودىكا تەربىيىسى كۆرمىگەن (يەنى غەيرىي سىفەن مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەنلەر)، ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە ھەر-خىل يوللار ئارقىلىق كىرىۋالغانلار(مۇشۇنداقلار كۆپ بولغاچقا مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تىگىۋاتىدۇ) بولۇپ، بۇلار ياكى دەرس تەييارلىقنى قولدا كۈچۈرۈپ ئىشلىتىدۇ ياكى قولدا كۈچۈرۈشنىمۇ تەس كۆرۈپ كومپىيوتىردا توردىنلا چۈشۈرۈپ ھەر يىلى شۇنى كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلاردۇر.


    بۇ ئۈچ خىل ئوقۇتقۇچىلارنى سېلىشتۇرساق 1-تۈردىكى(ئۆز قۇلى بىلەن ئەتراپلىق دەرس تەييارلايدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بىلەن3-تۈرنىڭ 1- خىلىدىكىلەر (ئۆزى ئىزدىنىپ، كىتاپ، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ۋە كومپىيوتېر تورى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مۇستەققىل دەرستەييارلايدىغانلار) ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلاردۇر، بولارنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزلىشىشىمۇ يوقىرى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغانلىرى ئالدىدىمۇ دۇدۇقلاپ قالمايدۇ.


     بۇلارنىڭ ئارقىسىدىراق تۇرىدىغىنى بولسا 2-تۈردىكى (دەرستەييارلىقنى كونا دەرس تەييارلىق خاتىرىسىدىن قول بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار)ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ بۇلار ھېچ بولمىسا دەرس تەييارلىقنى كۆچۈرۈش جەريانىداتەييارلىققا يىزىلغان خەتلەرنى بولسىمۇ ئوقۇپ، كاللىسىدا شۇ دەرس مەزمۇنىغا نېسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابى بىلىملەرنى بولسىمۇيەتكۈزۈشكە كۈچى يىتىدۇ.


ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغىنى بولسا 3-تۈرنىڭ 2-خىلىدىكى (توردىن باشقىلار تەييارلىغان دەرس تەييارلىقنى چۈشۈرۈپلا كۆچۈرۈپ-چاپلاش ماھارىتىنى ئىشىقا سېلىپ دەرس تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدىغانلار) ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بولارنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغاچقا، بولار ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق دەرس بىرەلمەيدۇ، ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ، ياكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ۋە ئۈزىگە(بۇنى سەل كىيىنچە ھېس قىلىدۇ) يۈزكىلەلمەيدۇ، ياكى . . . . (يەنە باشقىچە سۈپەتلەشكە تىلىم بارمىدى)


    ئۇنداقتا دەرس تەييالىقنى كومپىيوتېردا تەييارلاشقا زادى بولمامدۇ؟ مىنىڭچە ئەلۋەتتە بولىدۇ، قانداق ئوقۇتقۇچىلارتەييارلىسا بولىدۇ؟ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 6 يىلدىن ئاشقانلار، مۇنداقچە ئىيتساق شۇ دەرسنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تولۇق ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈپ باققانلار (يەنى تولۇقسىز ئەدەبىيات،ماتىماتىكا دەرسلىرىنى تولۇق ئىككى قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈشكە 6 يىل كىتىدۇ . . ..)، شۇنداق بولغاندىلا زىرەك، ئۇششا مۇئەللىم بولسا پۈتۈن دەرسلەر ئۆز بىلىمىگەئەيلىنىپ بولغان بولىدۇ، شۇندىلا سىنىپتىكى 30-40 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئەۋلادلىرىمىزغا،مىللىتىمىزگە يۈز كىلەلۈگىدەك ئەتراپلىق بىلىم بىرەلەيدۇ. بۇنداق شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۆز قۇلى بىلەن ئىزدىنىپ ئەتراپلىق دەرس تەييارلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولغان ھالەتتە، چەكسىز سۈيۈنۈش ئىچىدەئۆتىدۇ، ئوقۇتقۇچى بولغىنىدىن قەتئىي پۇشايمان قىلمايدۇ .


     ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى ئەڭ ياخشىسى دەرس تەييارلىقنى ئۆز قولىڭىز بىلەن قەلەمنىڭ سىياسىدا پۈتتۈرۈڭ بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ۋاقىتنى تىجەپ قالىسىز يەنە بىر تەرەپتىن دەرس مەزمۇنى ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلىنىدۇ. بەك كومپىيوتېردا قىلغۇڭىز كەپكەتسە Microsoft PowerPoint  قا ئوخشاش يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق دەرس تەييارلاپ ئۆتسىڭىز بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

باھا سۆز

پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!  ۋاقتى: 2014-8-24 18:35
بەك ياخشى يېزىپسىز.  ۋاقتى: 2014-4-5 01:43
ۋاقتى: 2014-3-14 20:41:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك گەپ بولۇپتۇ . بىراق ، مەكتەپ مۇدىرى ، ئىلمى مۇدىر سولتەكلەر بۇنى كۆرمەيدۇ ، چولىسىمۇ يوق ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-13 23:38:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر تېخنىكىسى بارغانسېرى ھەممە ساھەگە قۇلايلىق يارىتىۋاتقان شارائىتتا مائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى تېخمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ ماقالا باغداش تورىغا يوللانغان بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەردى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم. قېنى كەسىپداشلار نېمە دەيدىكىن؟
ۋاقتى: 2014-3-13 23:44:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق   ،  ھازىرقى  شارائىتتا   ئوقۇتقۇچىلارنى  كومپىيۇتېردا  ئەمىلى  قوللۇنىش  ئىقتىدارىنى    يرتىلدۈرۈش  ئىنتايىن  مۇھىم،   ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  كەينىدە  قالسا  بولماس.   
ۋاقتى: 2014-3-14 01:42:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانغىچە قولمىزدا يازمىز.بىر ئاز بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكى يىنىكلىسۇن،شۇبوش ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئىگەللىتەيلى.
ۋاقتى: 2014-3-14 06:57:23يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا،بۇماقالىنى كۈرۈپ مەنمۇ ھاياجانلاندىم چۈنكى بۇ يەردىمۇ كومپىيوتۇردا تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغان ئۇنىڭ سەلبى تەرىپىنىلا ئويلاپ ئىجابى تەرىپىگە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار بار،بىر ھەپتىدە 20-25سائەتلىك دەرسنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ئاشۇ بىرسائەتمۇ دەرس تەييارلاپ باقمىغان باشلىقلار چۈشەنمەيدۇ دە،
ۋاقتى: 2014-3-14 07:45:44يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، ئوقۇتقۇچى بولماق نىمانداق تەستۇ؟
ۋاقتى: 2014-3-14 09:40:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسنى كومپىيۇتېردا تەييارلاپ، شۇ بىر دەپتەردىن بىر دەپتەرگە كۆچىردىغان ۋاقتنىڭ ئورنىدا ھەر خىل دەرسلىك دىتاللىرىنى ياخشى تەييارلاشقا سەرپ قىلىشنى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىشقا سەرىپ قىلىشنى مەن قوللايمەن.

باھا سۆز

ئورۇنلۇق ئىنكاس  ۋاقتى: 2014-8-24 18:37
ۋاقتى: 2014-3-14 13:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس تەييارلىقىنى كومپيۇتېرغىمۇ قولدا بېسىپ تەييارلاپ، ئاندىن قەغەزگە بېسىپ چىقىرىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەنىڭ تەييار نەرسىنى ئىشلىتىشى ناتايىن. توردىن چۈشۈردى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى يەنە ئۆزىىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۆز ئورنىدىكى دەرسنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى... قاتارلىقلارغا ماسلاشتۇرۇپ قايتا رەتلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قېتىم كومپيۇتېردا تەييارلىغان(ياكى چۈشۈرگەن) تەييارلىقىنى بىر مەۋسۇملا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.(باشلانغۇچتا 6يىلدا قايتا ئىشلىتىش پۇرسىتى كېلىدۇ، تېخى). 6يىلغىچە دەرسلىك كىتاب ئۆزگەرمەيدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟......؟
شۇڭلاشقا مائارىپقا مەسئۇل كىشىلەر ، ئاتالمىش ‹‹ئوقۇتۇش تەتقىقات›› ئىشخانىسىدىكىلەر، مەكتەپ مۇدىرى دىگەنلەر مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ئويلاپ، ساختىلىقنىڭ، كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئلدىنى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدىغان، ئۇسۇل، تەدبىر تېپىشى ۋە جانلىق ئىجرا قىلىشقا ۋاقىت، زېھىن ئاجرىتىشى كېرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش