كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 6

ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

QQ图片20130908043435.gif

دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان‹‹ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدېرلىق خىزمىتىنىڭ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى››دە سىنىپ مۇدېرى – كوللىكتىپنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، تەربىيلىگۈچىسى ۋە يېتەكلىگۈچىسى،مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ تەلىم- تەربىيە خىزمەت پىلانىنى يولغا قۇيۇشتىكى قابىل ياردەمچىسى دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىكى سىنىپ مۇدېرلىرىنىڭ ھازىرلاشقا تىگىشلىك 9 ئىقتىدارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا بۇخىل ئىقتىدارلار تۇلۇق ھازىرلانماي ياكى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇلماي، سىنىپ مۇدېرلىرىمىزدىكى بولۇپمۇ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلۇشۇپ سىنىپ تۇتىۋاتقان سىنىپ مۇدېرلىرىمىزدىكى تۈزەتمىسە قەتئى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

سىنىپ مۇدېرلىق خىزمىتىدە ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
1.        ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىقتىدارى .
2.        ئەتىراپلىق بولۇش ۋە تەڭ ئىتىبار بىرىش ئىقتىدارى.
3.        ئائىلە تەربىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى.
4.        تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى.
5.        سىنىپ كوللىكتىپىنى قۇرۇش ئىقتىدارى.
6.        مول مەزمۇنلۇق،تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى.
7.        ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئىقتىدارى.
8.        كىشلىك مۇناسىۋەت ۋەئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىقتىدارى.
9.        تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئىبارەت.
بىزنىڭ سىنىپ مۇدېرلىرىمىز يۇقارقىدەك ئىقتىدارلارنى تۇلۇق ھازىرلىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە تەربىيىلەش جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەسىلىلەر ساخلىنىپ ،ئوقۇتۇش سۈپىتىدە بىكىنمىلىك ۋە بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
بىز بۇنىڭدىن كىيىنكى سىنىپ مۇدېرلىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزدە يۇقۇرىدىكى9خىل ئىقتىدارلارنى تۇلۇق ھازىرلاپ،سىنىپ  مۇدېرلىق خىزمىتىنى ماھىيەتتىن ياخشى چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يېتەكلىگەندىلا، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

2.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
دەرسخانا ئوقۇتىشى – ئىقتىساس ئېگىلىرىنى تەربىيلەشنىڭ ئاساسى.دەرسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىسا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.دەرسخانا ئوقۇتىشىنى ئەلالاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى 8 جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىسا ياكى تۇلۇق ئەلالاشتۇرۇلمىسا  ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قايسىلار؟
1.ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
2.ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
3.ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
4.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
5.ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
6.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئاساسى ماھارىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
7.تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تەكشۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
8.ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس.
دەرسخانا ئوقۇتىشىدا يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى ئەلالاشتۇرۇش ، دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ياخشى بولغاندىلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ.

3.دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر.
دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاش  مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ دائىملىق خىزمىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاش قاتارلىق رولى بار.دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاشنى ياخشى ئىشلىگەندىلا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى كۈچىيىدۇ ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ.
دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشتا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قايسىلار؟
1.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى رۇلىغا سەل قاراش.
2.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش،دەرسلىكنى تەتقىق قىلىش رۇلىغا سەل قاراش.
3.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەل قاراش.
4.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە دىئاگونۇز قۇيىشىغا سەل قاراش.
5.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ ئالماشتۇرۇش،ئويغۇنلاشتۇرۇش رۇلىغا سەل قاراش.
6.        دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ باھا بىرىش ۋە سىناپ تەكشۈرۈش رۇلىغا سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەر ساخلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاش خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بىرىش،ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا موھىم رول ئوينايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقى نوقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

4.دەرس باھالاشتىكى مەسىلىلەر
دەرس باھالاش دەرسخانا ئۇقۇتۇشىدىكى نەتىنجە ۋە مەغلۇبىيەتنى،شۇنداقلا ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تەھلىل ۋە باھانى مائارىپ نەزەرىيىسىنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چۈشەنچە بىرىش ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ. دەرس  ئىلمىي،توغرا باھالانسا ئۈزىنىڭ رۇلىنى ياخشى قارى قىلدۇرالايدۇ. ياخشى باھالانمىسا ئەكىس تەسىر بىرىدۇ.
دەرس باھالاشتا ساخلانغان مەسىلىلەر قايسىلار؟
1.        ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ،باھالاشقا سەل قاراش.
2.        دەرسنى ئەستايدىل باھالىماسلىق.
3.        ئاددى ۋە يۈزەكى باھالاپ قويۇش.
4.        ھەممە تەرەپكە ئىتىبار بەرمەسلىك.
5.        دەرس باھالاشقا قاتناشقۇچىلار ئاز بولۇش.
6.        بىرتەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈن دەپقاراش.
7.        يېڭىنى باھالاپ، كونىدىن ۋاز كىچىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساخلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.

5.دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى يېزىش
دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى ئىككى مۇھىم تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى— ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلى خاتىرىسى،يەنە بىرى— ئوقۇتۇشنى باھالاش سۈزى.
دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى يېزىشتا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قايسىلار؟
1.دەرس ئاڭلىغان يىل،ئاي، كۈن، دەرس ئاڭلىغان پەن،دەرس ئاڭلاشقا كىرگەن سىنىپ،دەرس ئۆتكۈچى،دەرس تىمىسى ۋە قانچىنچى دەرس سائىتى قاتارلىقلارنى تۇلۇق يازماسلىق،
2.ئوقۇتۇش جەريانى،ئوقۇتۇش ھالقىلىرى،ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇشتا پايدىلانغان ئۇسۇللارنى تۇلۇق خاتىرلىمەسلىك،
3.ھەر قايسى ئوقۇتۇش ھالقىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى پەرىقلەندۈرۈپ خاتىرلىمەسلىك.
4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە ئەينەن خاتىرلىمەسلىك.
5.ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى- يامان بولىشىنى خاتىرلىمەسلىك.
6.ئاڭلىغان دەرسىنىڭ خۇلاسىسىنى يازماسلىقتەك مەسىلىلەر ساخلىنىپ كەلمەكتە.

6.دەرس باھالاش
دەرس باھالاشتا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قايسىلار؟
1.        ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمەسلىك.
2.        ئوچۇق- ئاشكارا  سەمىمى بولماسلىق.
3.        بىر پۈتۈنلىككە ئىتىبار بەرمەسلىك.
4.        دەرس ئۆتكۈچىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك.
5.        دەرس ئۈتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى سەۋىيىسى ۋە خىزمەت تەجىربىسىگە ئاساسەن پەرىقلەندۈرۈپ باھا بەرمەسلىك.
6.        باھالاش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساخلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزدە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز يۇقارقى نوقتىلارنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز شەرت.

7.ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش
دەرس ئاڭلاش،دەرس باھالاش ۋە يۈرۈشلەشكەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بولسا مەكتەپلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى بولۇپ-- دەرس تەييارلاش،دەرس سۆزلەش،دەرس ئۈتۈش،دەرس تەتقىق قىلىش ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلسە دەرس ئاڭلاش ۋە دەرس باھالاشنىڭ رۇلى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشتە ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەرقايسىلار؟
1.دەرس تەييارلاش،دەرس سۆزلەش،دەرس ئۆتۈش،دەرس باھالاش ۋە دەرس تەتقىقاتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەمىللەشمىگەن.
2.نەزىرىيە ئۆگىنىش بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇش تەجىربە ئەمەلىيىتى بىرلەشتۈرۈلمىگەن.
3.ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلمىگەن.
4.دەرس تەييارلاش،دەرس سۆزلەش،دەرس ئۆتۈش،دەرس باھالاش پائالىيەتلىرى ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ،مەقسەتلىك،پىلانلىق،قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا بىر تۇتاشئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.
5.ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئىسلاھ قىلىپ،بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئىسلاھ قىلىپ،بىر تەرەپتىن ئىسلاھ قىلىپ بىر تەرەپتىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەندىزىسى يولغا قۇيۇلمىغان.
6.ئوقۇتۇش تەتقىقات ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن.
7.ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى تەشكىللەش ئۆلچەملەشمىگەن.
8.ئوقۇتۇش تەتقىقات پىلانى شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان.
9.پىداگوگىكا،پىسخولوگىيە ۋە ھەرقايسى پەن مىتودى ئۆگىنىش ئەمىللەشمىگەن.
10.ئوقۇتۇش تەتقىقات ئۇسۇلى يېڭىلانمىغان.
ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئەمىللەشمىگەن.
0101_副本.gif

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +8شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
مىرابلا + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-13 13:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahdiyar46 ئەپەندىم ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر ياخشى ماقالىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىز چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن... جاپا چىكىپسىز.
بەك ياخشى، بەك ئەمىلىي يېزىلىپتۇ...
شۇنداق ھازىر ئۇقۇتۇشىمىزدا يىڭىلىق ئاز، ئەھمىيەت بىرىش كەمچىل، ئۇقۇتۇش شارائىتى يىتەرلىك بولماسلىق، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمىلىيەت ساپاسى كەمچىل بۇلۇش مەسىللىرى تۈپەيلىدىن سىز ئوتتۇرغا قويغاندەك تۈرلۈك مەسىللەر مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا باشقا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئۇقۇتۇشقا، دەرسخانىغا، دەرس ئاڭلاشقا، ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى  بۇ مەسىللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەپلىرى دەپ قارايمەن..
بولسا مۇشۇنداق مەسىللەرنىڭ ھەل قىلىشنىڭ يىڭى تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئۇسۇللىرى بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.
ۋاقتى: 2016-2-13 15:18:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن  بولسا تۈزۈلسە بۇلاتتى بۇ مەسىللەر
ۋاقتى: 2016-2-13 17:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ئۇقۇش ماۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللاپسىز ،كۆپتىن كۆپ ئاپرىن ، ھەرقايسسى جەھەتلەردىن ئىزدىنىپ سىستىمىلىق تەتقىق قىلىنغان تىما ئىكەن . بۇ تىمىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر قۇر ئويلىنىپ شۇ يۈنلىش بۇيىچە ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىلسا ئىنىقكى كۆپ ئۈنۈمى بۇلغۇدەك ،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 11:17:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا بەرگىنىڭلاغا رەھمەت.ۋاقتىم  چىقسىلا  داۋاملىق  يوللاپ  تۇرىمەن
ۋاقتى: 2016-2-15 12:26:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن كۆپ رەھمەت مەن بەكمۇ ئېھتىياجلىقتىم
ۋاقتى: 2016-2-18 14:01:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز xahdiyar46 ئەپەندىم؟
ئۇيغۇر مىللى مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى خېلى ئەتراپلىق يەكۈنلەپ چىقىپسىز. بۇ مەسىلىلەر ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلىرىمىزدە، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلىرىمىزدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بايقاش- تۈزۈتۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى. مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تەتقىقات پائالىيەتلىرىمىز كەڭ قانات يايدۇرۇلسا، تەتقىقات ماقالىلىرىمىز ئوتتۇرىغا چىقسا، ئاي ئاخىرىدىكى مائاشنىڭ قۇلى بولماي، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزنى بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت نوختىسىدا تۇرۇپ ئانالىز قىلىپ كۆرسەك ئىسمى-جىسمىغا لايىق مائارىپچىلاردىن بولالايمىز.
ئەمما ھازىر ئېغىزىمىزدا ئۇلۇغۋار شۇئار، ئەمەلىيىتىمىزدە مەنپەئەت قوغلىشىش، تۈزۈمدىن ۋايساش، مۇدىردىن نارازى بولۇش كەيپىياتى ئاساسى ئېقىم بولۇپ قالماقتا. بۇ خىل كەيپىيات مائارىپچىلارغا يات بولغان، كېسىپ ئېلىۋەتمىسە بولمايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىكى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىمىزنىڭ بارغانچە سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى مائارىپچىلاردىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز مۇشۇ ئىككى جەھەتتە ئۆزىمىزنى ھەقىقى تۇنۇيالىساق ھەقىقى مائارىپچىلاردىن بولالايمىز!
رەھمەت xahdiyar46 ئەپەندىم، مۇشۇنداق نادىر ئىجادى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش