| 2. ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش باشقۇرۇش تۈزۈمى بىرىنچى: يېتەكچى ئىدىيە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاساس‹‹مەكتەپ سۈپەت باشقۇرۇش يىلى پائالىيتى››نى ئەستايدىل قانات يايدۇرۇپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە جەريانىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەرىسىلك ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ناھىيمىز ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىككىنچى: رەھبەرلىك ئاپىپراتى 1. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپتىگە رەھبەرلىك قىلىش گوروپپىسى قۇرۇش. 2. رەھبەرلىك گوروپپىسدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇليتىنى ئېنىق بىكتىش. 3. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتى ۋە تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈش. ئاساسلىق ئۇسۇللار ۋە كونكىرىت يولغا قۇيۇش تەدىبرلىرى 1. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتپ، باشقۇرۇشتا سۈپەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. 1) ئەستايدىل دەرىس تەييارلاش. دەرىس تەييارلاش بولسا دەرىسنى ياخشى ئۈتۈشنىڭ ئاساسى شوڭىلاشقا ئۇقۇتقۇچى دەرىس تەييارلاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. دەرىسلىك ئۆلچىمى دەرىس ماتىرىيالىرىنى ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇتۇش نىشانى، ئۇقۇتۇش جەريانىنى ئەستايدىل لاھىيلەپ، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئېنىق بىكتىپ ئۇقۇتۇش قۇشۇمچە ۋاستىللىرىنى مۇۋاپىق تاللاپ يەتمەكچى بولغان نىشاننى ئېنىق بىكتپ، مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرىنىڭ مۇۋاپىق بۇلشىغا دېققەت قىلىپ، دەرىسلىك لاھىيسى قاتلىمىنىڭ ئېنىق بۇلىشى، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىلگەن بۇلىشى، ئۇقۇتقۇچىلار دەرىسنى ئەتراپلىق تەييارلىغان بۇلىشى ھەربىر پەن ھەرقايسى گوروپپىلار بۇيىچە ھەپتىدە بىر قېتىم كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش تۈزىمى ئەمىللەشتۈرۈلگەن بۇلىشى كېرەك. دەرىس تەييارلاش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بىرىلگەن بۇلىشى كېرەك. 2. ئەستايدىل دەرىس ئۈتۈش دەرىسخانا ئۇقۇتۇشى بولسا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مەركىزى ھالقىسى شۇنداقلا ساپا مائارىپنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئاساسلىق بازىسى، ئۇقۇتقۇچىلار‹‹ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىش››ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇقۇتۇش باسقۇچلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك. بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، دەرىسلىك ماتىرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ، ئىلھاملاندۇرۇش شەكىلدىكى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، مۇنازىرە شەكىلدىكى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۇقۇتۇش ۋە ھەمكارلىق خارەكتىرلىك ئۇقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سوراش،تەكشۈرۈش، ئىزدىنىش، ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىش ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇقۇتۇش ئەندىزىسىگە يېتەكلەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يتىلدۈرۈش كېرەك. 3. ئەستايدىل يېتەكچىلىك قىلىش يېتەكچىلىك قىلىش بولسا ئۇقۇتۇشنى تۇلۇقلاشنىڭ مۇھىم ھاللىقلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلنىش ئارقىلىق ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىشنىڭ مۇھىم يۇلى. ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش جەريانىدىكى ۋە ئۆگۈنۈش ئۈسۈلىدىكى يېتەكچىلك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 4. تاپشۇرۇقنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەستايدىل تەكشۈرۈش. ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇتۇش مەزمۇنىغا ئاساسەن دەرىسخانا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاپشۇرۇقلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ لاھىيلەپ، بىر تۇتاش تەلەپ بۇيىچە ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇرۇنلاشتۇردۇ. تاپشۇرۇق تەلەپلىرى بولسا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتۋەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئەستايدىل تەكشۈرشى تاپشۇرۇق بىرىلگەن باھاغا ئىتىبار بىلەن قاراپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش مۇلازىمەت سۈپتىنى ئۆزلىكسىز يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك. 2. ئەستايدىل سىناق ئېلىپ بېرىش. 1) ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم مەۋسۈملۈك سىناق ئېلىپ بېرىش، مەۋسۈملۈك سىناقنىڭ ۋاقتى دۆلەت بەلگىلگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 2) ئايلىق سىناقنى ئۆز ئالدىغا ئېلىش، ئۈنۋىرسال خارەكتىرلىك سىناقنىڭ ۋاقتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. 3) مىللى مەكتەپلەردە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-سىنپىدىن باشلاپلا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بىرىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىتا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، سىناش ئېىمتىھانسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. 4) ئىمتىھان تۈزۈمىنى چىڭتىپ ئۇقۇغۇچىلارنى سەمىيمىلىك بىلەن ئىمتىھان بىرىشكە تەۋىسىيە قىلىش، كۈچۈرۈمكەشلىك، ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 5) ئىمتىھان نۇمۇر ئۆلچىمى ئوبىكتىپ، ئادىل،مۇۋاپىق بولغان بۇلۇش، ئىمتىھان قەغەزلىرى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرلۈش ئىمتىھان نەتىجىسىدە دەرىجىگە تۇرغۇزۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان بۇلۇش كېرەك. 6) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۈزىگە باھا بىرىشنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سوبىكتىپ باھاسىغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنشى ۋە تەرەققىيات جەريانىغا كۆپ قاتلاملار بۇيىچە باھا بىرىشى كېرەك. 7) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرۋسال ساپاسىىگە باھا بىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلتى،ساپاسى، ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى، ئالاقە ھەمكارلىقى، ھەركەت ساغلاملىقى،گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق 6 جەھەتتىكى ئاساسى تەرەققىيات نىشانىنى ئاساس قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئەكىس ئەتتۈرۈش كېرەك. 8) چارەكلىك ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كىين ئۇقۇتقۇچىلار ئىنتھىان ئانالىزنى ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ مەكتەپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى قەرەللىك ئانالىز قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى:جەرياننى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ جەريان ئارقىلىق سۈپەت ئۆتكۈلگە يىتىش كېرەك. ئۇقۇتۇش جەريانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپتىنى كۆرەش نىشانى قىلىپ، مەكتەپنڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۇقۇتۇش جەريانىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى تۆۋەندىكدەك تۈزۈپ چىقىلدى. 1. دەرىس ئاڭلاش تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش. 2. ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. 3. ئايلىق سىناق ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. 4. ئۇقۇتۇش سۈپتىنى كونتىرول قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى: ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ئۆقۇتۇش سۈپەت ئۆتكۈلگە يىتىش كېرەك. مۇنەۋەر بولغان ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇننى بەرپا قىلىش، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىش بولسا، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىك ئۆگۈنۈش، ئۆز-ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانى بۇلۇپ، ئۇقۇتقۇچىلارغا نسپەتەن سىياسى ئۆگۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزلىكسىز تەربىيە مائارىپىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىش خىزمىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قوش تىل ئۇقۇتۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، خەنزۇ ئۇقۇتقۇچىلار ئىنگىلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈندىنغان مىللى ئۇقۇتقۇچىلار خەنزۇتىلى ئۆگۈندىغان تايانىچ ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇننى ھەقىقى كۈچەيتىپ، دەرىس ئاڭلاش، ئۇچۇق دەرىس ئۈتۈش، دەرىسلەرنى بايان قىلىش، دەرىس باھالاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىىلىق ئالىي جاناپ ئەخلاقى پەزىلەتكە ئېگە بولغان ئۈنۋىرسال ساپاسى يۇقىرى بولغان، كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلنىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارالايدىغان ھازىرقى زامان مائارىپ نەزىرىيسى ۋە زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلارنى ئېگەللىگەن تايانىچ ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. تۆتىنچى. مۇكاپاتلاش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇقۇتۇش سۈپتىنى مۇكاپاتلاش مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇقۇتۇش سۈپەت نىشانىنى ئۇرۇنلىغان مەكتەپلەر، ئۇقۇتۇش تەتقىقات گوروپپىللىرى ھەرقايسى پەن دەرىس ئۇقۇتقۇچىللىرى‹‹ئۇقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى باھالاش لاھىيسى››، ‹‹ئۇقۇتقۇچىلارنى يىللىق باھالاش نۇمۇر قۇيۇش ئۆلچىمى››، ‹‹ئۇقۇتۇش گوروپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى مىختارلاشتۇرۇپ باھالاش لاھىيسى››قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك باھالاش ۋە نۇمۇر قۇشۇش ئۆلچەملىرىگە ئاساسلىنىش كېرەك. بەشىنچى: ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىك يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇللىرى: 1. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىك يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىشكە بولمايدۇ. دۆلەت مائارىپ كومتىتى ۋە شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تارقاتقان دەرىسلىك ئۆلچىمى بەلگىلمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە پائالىيتىنى تەشكىللەش، دەرىسلىكنى ئۆز مەيلىگە ئازايتماسلىق ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋالغا توغرا كەلسە دەرىسلىك سائىتىنى ئازايتىشقا ئىېھتىياجلىق بولسا مەكتەپ مەمۇرىيتى مۇزاكىرە قىلىپ، مائارىپ ئىدارىسىغا تەستىقلاتقاندىن كىين ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. ھەرقايسى مەكتەپلەر دەرىسلىك ئۆلچىمى بۇيىچە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلەپلىرىنى خالىغانچە يۇقىرى كۆتىرۋالماسلىق كېرەك. 2. دەرىس ۋاقتىنى خالىغانچە ئۇزارتىشقا بولمايدۇ دۆلەتلىك مائارىپ كوممىتى ۋە شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تارقاتقان دەرىسلىك سائىتى پىلانىغا ئاساسەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئۈزى خالغانچە دەرىسلىك سائىتىنى ئازايتىۋەتمەسلىك ۋە قۇشىۋالماسلىق دەرىسلىك سائىتىنى ئازايتىش ۋە قۇشۇشقا توغرا كەلسە مەكتەپ مەمۇرىيتى مۇزاكىرە قىلىپ مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىغاندىن كىين يولغا قويسا بولىدۇ. 3. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرىنى كۆپەيتىۋىتىشكە بولمايدۇ ئۇقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان دەرىسلىك كىتاپ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش پايدىلنىش ماتىرىياللىرى، تەكرار ماتىرىياللىرى، ئىمتىھان سۇئاللار توپلىمى قاتارلىقلار چۇقۇم دۆلەتلىك مائارىپ كومتىتى ۋە شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىكىتكەن بۇلىشى كېرەك. بۇلاردىن سىرت باشقا مارىياللار ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇمۇمەن غەيرى بەلگىلمىدىكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرىنى سېتۋالماقچى بولسا مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئاساسى مائارىپ ئىشخانىسى بىر تۇتاش مۇشتىرى بۇلۇپ سېتۋالدۇ ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ماتىرىيال مۇشتىرى بۇلۇپ سېتۋېلىشىغا بولمايدۇ. 4. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى ئېغىرلىتۋەتمەسلىك كېرەك. بىرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ مىقتارى مۇۋاپىق بۇلۇش،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈردىكى دەرىسلەرنىڭ دەرىستىن سىرىتقى تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىپ بەرمەسلىك، ھەركۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقتارى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنى ئاساس قىلىش، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھەرقايسى سىنىپنىڭ تاپشۇرۇق ۋاقتى بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تۇلۇق ئوتتۇردىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى 2سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تاپشۇرۇقنىڭ قىين ئاسانلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بۇلۇش، تاپشۇرۇق ئۈچ خىل شەكىلدە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۈچ خىل قاتلام بۇيىچە تەلەپكە يىتىش كېرەك. 5. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسى، خۇلاسە ئىمتىھان، چارەكلىك ئىمتىھان، مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلاردىن سىرىت مەكتەپتە دەرىس توختىتىپ ئىمتىھان ئېلىشقا بولمايدۇ. ئىمتىھان جەريانىدا ئۇقۇش تەۋەلىگىنى باشقۇرۇش بەلگىلمىسى قاتتىق ئىجرا قىلىندۇ. 6. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس تۇلۇقلاش يۈكىنى ئېغىرلىتۋەتمەسلىك كېرەك. مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرىتقى ۋاقتى ۋە ھېيىت-بايرام دەم ئېلىش،تەتىللىك دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خالىغانچە ئېگەللىۋالماسلىق كېرەك. ھەمدە ئۇقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ دەرىس تۇلۇقلاشقا كوللىكتىپ ھالدا مۇشۇ مەزگىلدە دەرىس ئۈتۈشكە بولمايدۇ. ئۆگۈنۈشتە ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىس تۇلۇقلاشقا توغرا كەلسە مەكتەپنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. 7. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇسابىقە شەكىلدىكى پائالىيەت يۈكىنى ئېغىرلىتۋېتشكە بولمايدۇ. مەكتەپلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش، مۇكاپاتلاش پائالىيتى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش، ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى مۇسابىقلارغا قاتناشتۇرماقچى بولسا مائارىپ ئىدارىسنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. 8. باھالاش يۈكىنى ئېغىرلىتۋەتمەسلىك كېرەك. مەكتەپلەر ھەرقايسى سىنىپلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم پەنلەر نەتىجىسى، ۋە ئۆرلەش نىسپىتىنڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىگى بۇيىچە ئۇقۇتقۇچى، ئۇقۇغۇچىلارغا باھا بەرمەسلىگى سىنىپلارنى نەتىجە بۇيىچە رەتكە تۇرغۇزماسلىق كېرەك. ئۇقۇش پۈتتۈردىغان سىنپلارنىڭ ئۇمۇمىي خىزمىتىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، ئۇقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئاساسەن ئۇمۇميۈزلۈك باھا بىرىشى كېرەك.
|
|