| ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتىرىش تۈزىمى ئۇمۇمي نىشان: ئىشتىن ئايرىلىپ تەربىيلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيلەش، ۋە ئەمەليەت جەريانىدا چېنىقتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى نىشانغا يىتىش كېرەك. ھەربىر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئېگەللىۋېلىش، مىللى كادىرلار كۈندىلىك تۇرمۇش پاراڭلىرىنى خەنزۇتىلدا قىلىش،خەنزۇتىلى يېزىقىدىكى گېزىت-ژورناللارنى كۆرەلەيدىغان بۇلۇش، خەنزۇ تىلى يېزىقىدا خىزمەت خاتىرىسى يازالايدىغان ۋە ئادەتتىكى ماقاللەرنى يازالايدىغان بۇلۇش،خەنزۇ كادىرلار ئۇيغۇر تىلنى قوللىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا قوش تىل ئارقىلىق ئالاقە ئېلىپ بېرىش، بۇلۇپمۇ قوش تىل ئارقىلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت خۇلاسىسى ئېلىپ بېرىش، خىزمەت، ئۆگۈنۈش، تۇرمۇش جەريانىدىكى ئالاقىدە تەرجىمان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بىرىنچى: ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىۋىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسى ئەھۋالىغا ئاساسەن مەزكۈر مەكتەپ ئىشچى-خىزمەتچىللىرىنىڭ قوش تىل بىلەن تەربىيلەش، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى ۋە يولغا قۇيۇش لاھىيسىنى تۈزۈش كېرەك. ئىككىكنچى: ھەرقايسى مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇللىقدىكى خىزمەت گوروپپىسى قۇرۇپ پىلان ۋە لاھىيلەرنىڭ ئۇڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى: تەربىيلەش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى قوش تىل تەربىيلىنىشى كۈچەيتىپ ئۇقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قوش-تىل سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك. تۆتىنچى:ھەرقايسى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئۆگۈنۈش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش، مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىكتىش ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئۆگۈنۈش ئاكتىپچانلىقنى يۇقىرى كۆتىرىش. بەشىنچى: ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ۋە ئۆگۈنۈش مۇھىتىنى موللاشتۇرۇپ، مەكتەپ دەرىجىلىك تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ، سىرىتقا چىقىرىپ تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق مەكتەپ دەرىجىلك قوش تىل تەربىيلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى: مەكتەپ دەرىجىلىك قوش تىل تەربىيلەش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، رادىئو تىلۋۇزىيە ۋە ئادەتتىكى پاراڭلىشىش شەكلى ئارقىلىق قوش تىل ئىشلىتىش ئىمكانىيتىنى كېڭەيتىپ،ئشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قوش-تىل سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
|
|