| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارائوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 17:52
شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن ماي بوياق ئەسەرلىرى
رەسسامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن قارا ئوت 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 2010-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتى رەسىم كەسپىنى پۈتتۈرگەن. رەسسامنىڭ ئىجادىيىتى 2008- يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇ يىلى سىزغان ‹‹تار كوچا›› دېگەن ماي بوياق رەسىمى قەشقەر ۋىلايىتى ‹‹ ئىسلاھات ئىشكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 30- يىللىقىنى تەبىرىكلەش››مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان.‹‹ سېغىنىش›› دېگەن ماي بوياق رەسىمى، 2009 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹قاراقاش 2009- يىللىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى››دە 3- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹خوتەنلىك بوۋاي›› دېگەن ماي بوياق رەسىمى شۇ يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ نۇرۇز بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشى رەسىم،ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› دە 2- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ‹‹ كېريەلىك ئايال›› دېگەن ماي بوياق رەسىمى خوتەن ۋىلايىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› دە مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى قاراقاش ناھىيىسى ئۆتكۈزگەن ‹‹ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› دە رەسسامنىڭ ‹‹ مېھنەت›› دېگەن ماي بوياق رەسىمى 3- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يەنە شۇ يىلى رەسسامنىڭ ‹‹ پورتىرىتىم››، ‹‹ مەنزىرە›› تىمىسىدىكى ئىككى پارچە ماي بوياق رەسىمى قەشقەر ۋىلايىتىئۇيۇشتۇرغان ‹‹ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› گە قۇيۇلغان. 2010- يىلى قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزگەن ‹‹ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› دە رەسسامنىڭ ‹‹ چاچ چۈشۈرۈش›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمى 2- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.شۇ يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى، گۈزەل سەنئەت كافىدىراسى ئۇيۇشتۇرغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە رەسسامنىڭ ‹‹ ساتىراچ›› تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسىرى 1- دەرجىلىك موكاپاتقائېرىشكەن. يەنە شۇ يىلى قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزگەن‹‹ 28-قېتىملىق تەربىيە ئېيى پائالىيىتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›› دە رەسسامنىڭ ‹‹ تۈمۈزچى›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمى 1- دەرجىلىك موكاپاتقا ئېرىشكەن.2011- يىلى ‹‹ خوتەن مائارىپى›› ژورنىلىنىڭ 3- سانىدا رەسسامنىڭ 6 پارچە رەسىمى بىلەن رەسىملىك تەرجىمىھالى بىرىلگەن. 2012- يىلى ‹‹ تارىم›› ژورنىلىنىڭ 8- سانىدا رەسسامنىڭ 3 پارچە ماي بوياق رەسىمى ئىلان قىلىنغان. 2012 - يىلى 7- ئايدا قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91- يىللىقىنى تەبرىكلەش گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆزگەزمىسى›› دە رەسسامنىڭ ‹‹ ساتىراچ›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمى 1- دەرجىلىك موكاپاتقا ئېرىشكەن. رەسسام 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئىككى كەسىپدىشى بىلەن، ئانا مەكتىپى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ يېڭى كۈتۈپخانىسىدا ‹‹ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرىسى رەسىم، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ›› ئېچىپ ئۇقۇتقۇچىلىرى، كەسىپداشلىرى ۋە مەكتەپداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن. رەسسام يەنە 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايىتى ئاممىۋى سەنئەت ساريىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ‹‹ يۇلغۇن رەسىم كارىدورى›› دا تۇنجى قېتىملىق شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسى ‹‹ شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن ماي بوياق رەسىملىرى كۆگەزمىسى›› نى ئاچقان. رەسسام يەنە 2013 – يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە بېيجىڭدىكى پايتاخىت پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدا ئۆزىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسى ‹‹ شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن ماي بوياق رەسىملىرى كۆگەزمىسى›› نى ئاچتى. مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن ‹‹ كېريەلىك ئايال›› ناملىق ماي بوياق رەسىمىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن ھۆزۇرلانغايسىلەر
قالغان رەسىملەررنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ
http://pan.baidu.com/share/link? ... 5&uk=2989842442 |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|