baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 4

1-يانۋار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جامائەت پاراۋانلىقى لېكسىيەسى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى1-يانۋار ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانى جامائەت پاراۋانلىقى لېكسىيەسى ئۆتكۈزىدۇ  


2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە يېرىم يىلدەك ۋاقىت قالدى، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر يېڭى بىر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتتى.ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى يېڭى سىياسەتلىرىنى ئالدىدىن يىغالايدۇ؟قانداق قىلغاندا يېڭى سىياسەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي خاھىش ۋە ئۇچۇرلارنى توغرا يېشىپ بېرەلەيدۇ؟قانداق قىلغاندا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەسىپ تاللاشتا خاتالاشمايدۇ؟ ئەگەر سىزدە ياكى ئائىلىڭىزدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىدە مۇشۇ تەرەپلەردىكى گۇمان بولسا، 2014-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۆتكۈزىدىغان ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى جامائەت پاراۋانلىقى لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

25-دېكابىر مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى 1-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت9:00دا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ئالغان‹‹ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى يېتەكچىلىك ۋە ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك يېتەكچىلىك قىلىش لېكىسىيەسى››ئويۇشتۇرىدىكەن.لېكسىيەدە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان قانداق قىلىپ ئىمتھاندىن بۇرۇن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا ئىلمىي تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ؟ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا توپلىيالايدۇ، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر كەڭ ئاتا-ئانىلارنى ئىلمىي ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى ماھارەت ۋە ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، كەسىپىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى بىلەن تەمىنلەپ،‹‹ئەڭ ياخشى كەسىپ››نى يېشىپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇش تاماملاش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، ئارزۇ تولدۇرۇش يۆنىلىشىنى پەرەز قىلىپ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، لېكسىيەدە نەق مەيداندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ماتېرىياللار ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.
مەنبەدىن كۆرۈش: http://uyghur.xjedu.gov.cn/jyy/zyyw/2013/66301.htm

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-30 14:36:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىلى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ياخشى خەۋەركەن. تارقىتىپ قويغايسىلەر.
ۋاقتى: 2013-12-30 23:54:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەركەن بۇ  بولسا بۇ لىكسىيەنى جانۇبى شىنجاڭ بۇلۇپمۇ  خۇتەن . قەشقەر . ئاقسۇ تەرەپلىرىدىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 2013-12-30 23:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەركەن بۇ  بولسا بۇ لىكسىيەنى جانۇبى شىنجاڭ بۇلۇپمۇ  خۇتەن . قەشقەر . ئاقسۇ تەرەپلىرىدىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 2014-2-6 14:47:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى   ئۇچۇرلاردىن   ، خەۋەردار     قىلغىنىڭىزغا      رەھمەت  .  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 10:59, Processed in 0.905816 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش