| ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى 2007-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، 50 مىڭ سۆزلۈك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تەمىنلەنگەن ئىدى، كېيىن يەنە مىليوندىن ئاشىدىغان سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، لۇغەت ئارايۈزى يېڭىلانماي كەلگەن ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتە تېلېفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، مانا بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى»(سىناق) يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىنىڭ راۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم مۇلازىمىتېر سەپلەندى، تور ئادرېسىمۇ قايتىدىن ئەنگە ئېلىندى.
تور لۇغىتىمىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تور ئادرېسى: http://www.udict.cn
ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:
ئەڭ يېڭى سۆزلەرمۇ لۇغىتىمىزدىن تېپىلىدۇ، ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى لۇغەتمۇ ئوخشاش، شۇڭا پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ..
|
|