baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 17

ئالتۇن بىلەن تېگىشكۈسىز ھېكمەتلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.تىل دىلغا باغلىق ،دوستلۇق ۋىجدانغا باغلىق .          2.دوستۇڭنى بىرلا ئالدايسەن ،ئۆمۈرلۈك زىيان ئۆزۈڭگە.          3.باتۇرلۇق مەيداندا بىلىنەر ،پاراسەت تېرىككەندە بىلىنەر ، دوست نامراتلىقتا بىلىنەر .          4.دوستۇڭغا جاپا قىلما ، دۈشمىنىڭگە ۋاپا قىلما.          5.دوستۇڭنى شاد قىل ،دۈشمىنىڭنى مات قىل .          6.دۈشمەننىڭ ئىززىتىنى قىلغۇچە ،دوستۇڭنىڭ خىزمىتىنى قىل .          7.دوستۇڭنى ئاياشنى بىل ،دۈشمىنىڭنى ساۋاشنى بىل .          8.دوستلار ئارا ئاداۋەت ،دۈشمەن ئۈچۈن تاپاۋەت .          9.ياتنىڭ مېھمانخانىسىدىن  دوستۇڭنىڭ سامانخانىسى ياخشى .          10.ئەينەك سۇنسا ئۇلىغىلى بولماس ،كۆڭۈل رەنجىسە ئالغىلى بولماس.          10.دوستۇڭنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قورقما ،ۋاپاسىز بولۇشىدىن قورۇق .          11. نەرسىنىڭ يېڭىسى ياخشى ،دوستنىڭ كونىسى ياخشى .          12.دوستۇڭ ھومايسا كۈلۈپ قوي ،دۈشمىنىڭ ھومايسا بىلىپ قوي .          13.دوستۇڭغا قاپاق تۈرگىچە ،دۈشمىنىڭگە مۇشتۇڭنى تۈگ.          14.ئىناق بولساڭ يىقىلمايسەن ،يالغۇز بولساڭ قوپالمايسەن .          15.ناشتىلىققا سەل قارىما ئۆمرۈڭنى دەپ ،          دوستلۇرۇڭدىن ۋاز كەچمىگىن نەپسىڭنى دەپ .          16.دوستۇڭ بىلەن يولداش بول،ھەر ئىشىغا قولداش بول .          17.بۇلبۇل__گۈل بار يەردە بولۇر ،          ھۆرمەت __دوست بار يەردە بولۇر .          18. سىرىڭنى دەي دېسەڭ  ، سىنالغان دوستۇڭغا دە .          19. دوستۇم دېسەڭ كىشىنى ،بىلىپ باققىن ئىشىنى .          20.دوستۇڭ ساڭا سۇ بەرسە ،سەن ئۇنىڭغا ھەسەل بەر .          21. ھېسابلىق دوست ئايرىلماس .          22.دوست چىللىسا قالما ،دۈشمەن چىللىسا بارما .          23.يالغۇز ياغاچ ئۆي بولماس ،          يالغۇز يىگىت بەگ بولماس .          24.دوستى بار ئەدەمنىڭ يولى خۇددى يايلاقتەك كەڭ بولۇر ،          دوستى يوق ئەدەمنىڭ يولى خۇددى ئالىقاندەك تار بولۇر .          25.ئون سەر ئالتۇنۇڭ بولغاندىن ،بىر قەدىناس دوستۇڭ بولسۇن .          26.يوپۇرماقسىز دەرەخنىڭ سايىسى بولماس ،          دوستسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس .          27.مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس ،          كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس .          28.سەن بىلەن تەڭ كۈلگەن ئادەمنى ئۇنتۇپ قالساڭمۇ ،سەن بىلەن تەڭ          يىغلىغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالما .          29. بىر تامچە سۇ دېڭىز بولالماس .          30. دوستقا ئىناق بول ،دۈشمەنگە يىراق بول          1.يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ,دوستلىرىمىز ئازىيىپ كەتمەيدۇ.بىز پەقەت كىم-كىملەرنىڭ ھەقىقىي دوستىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىزخالاس……          2.تۇرمۇش دىگەن بەسلىشىش .…باش ئەگدۈرۈش.…ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش…نوچىلىق بولماستىن بەلكى… ئوزئارا يول قويۇش بىر بىرىنى چۈشۈنۈش.…ئۆزئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش...ئۆزئارا سەبىر نى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىقلاردۇر ...          3.ھايۋاندىن ئىنسانغا ئايلانغان يوقتۇر. ئىنساندىن ھايۋانغا ئايلانغان جىقتۇر .          4.‏ھەرقېتىم كۆڭلىڭىز قاتتىق يېرىم بولۇپ ئۈمىدسىزلەنگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزدىنمۇ ‏ناچار كۈنگە قالغانلارنى ئويلاپ شۈكرى ئاللاھ دەپ بىر چوڭقۇر تىنىۋىتىڭ يىنىكلەپ قالىسىز  ،ھەرۋاقىت شۇ نەرسە سەمىڭىزدە بولسۇنكى ،بەك غادايماڭ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.بەك ئۈمىدسىزلەنمەڭ،مۇشۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!          ھەربىر ئىشتا ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بولىدۇ بۇنى بىلسىڭىز ۋايساشنىڭ ئىسىتنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ ... نۇرغۇن ئىنسانلارئاللاھنىڭ نېئمىتىنى   يەپ تۇرۇپ ئىچىپ تۇرۇپ يەنىلا شۈكۈر قانائەت قىلماي پەرىشان يۈرىدۇ مانا بۇنىڭغا توۋا دەپ ياقىڭىزنى چىشلىسىڭىز بولىدۇ          5.‏سىزبىرسىگە ياخشىلى قىلغىنىڭىزدا مەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىۋاتىمەن دىمەستىن  ئۇ مېنىڭ ساۋاپقا ئېرىشىپ جەننەتكە كىرىشىمگە  پۇرسەت  يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئويلاڭ -دە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ياخشىلىق قىلىڭ.    غەيۋەت شىكايەتتىن يىراق  سىزگە چىن نەسىھەت قىلغۇچى سالىھ بىر  دوستىڭىزنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىڭ  ! دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ .          ئاخىردا تەۋسىيە قىلدىغىنىم قەلبىڭىزنىڭ ، ئىمانىڭىزنىڭ ساغلام بولشىىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ  شۇنداق بولغاندا تېنىڭىز ئۆزلۈكىدىن ساغلام بولىدو
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-9 14:51:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان تەربىيەۋىي ئەھمىيتى زور بولغان  ھىكمەتلىك سۆزلەركەن بۇ
ۋاقتى: 2013-11-9 22:13:48يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئېسىل دۇردانىلەر ئىكەن . ساقلىۋالدىم رەھمەت سىزگە .
来自: Android客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-11 21:41:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بولۇش  ۋە ئوقوتقۇچىلار تۇپىغا قۇشۇلۇش سالايىتىگە ئىرىشكەندىن بىرى سىزنىڭ تۇھپىللىرىڭنىزنىڭ ھەقىقەتەن كۇپ ئىكەنلىكىنى بايقاپ تۇرۇپتىمەن . بۇلۇپمۇ كەڭ كورساقلىق ، تەمكىنلىك ، كەمتەرلىك بىلەن يول باشلاشتەك ئىسىل پەزىلەتگە ئىگە خاسلىقىنڭىز دىن سىز ۋە باشقا باشقۇرغۇچى كەسىپداشلىرىمىزغىمۇ ئاپىرىن ئەيتماي تۇرالمايمىز .كۆپتىىن كۆپ رەخمەت !
ۋاقتى: 2013-11-25 22:31:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي !
ۋاقتى: 2013-12-7 23:37:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما يوللاپسىز  ، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-12-7 23:38:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇپ  قوش تىلدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمغا يادلاتسام بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-12-8 21:17:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي دىمىسىمۇ ئالتۇنغا بەرگۈسىز ھىكمەت ئىكەن  مەنمۇ چۈشرۈپ ساقلىۋالدىم مەن بارلىق تورداشلارنىڭ بىرقىتىم ئۇقۇپ چىقىسشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن
ۋاقتى: 2013-12-18 12:53:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىسىل دۇردانىلەرنى يوللاپسىز رەخمەت سىزگە . ساقلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2013-12-23 14:49:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،قايتا تەربىيە ئالدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 16:47, Processed in 0.963348 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش