كۆرۈش: 528|ئىنكاس: 6

قەۋزىيەت ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                        قەۋزىيەت ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  قەۋزىيەت بولغان كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

  1. قەۋزىيەت تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك، قورساق كۆپۈش، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2. قەۋزىيەت بولغاندا چوڭ تەرەتتىكى قېپقالغان ئاقسىل ماددىسى چوڭ ئۈچەي مىكروبى تەرىپىدىن پارچىلنىپ ئاممۇنىياك ، ھىدروگېن سولفىد ۋىتامىن ۋە ئىنزول قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. زەھەرلىك ماددىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ  ، سۈمۈرۈلگەن زەھەرلىك ماددا جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش رولىدىن ئېشىپ كەتكەندە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  3.بالىلار قەۋزىيەت بولغاندا ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش رولى ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن زور مىقتاردىكى ئوزۇقلۇق ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەي ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  4. ئۇزاق  مەزگىل قەۋزىيەت بولغاندا ، زېھنى ئاجىزلاش، تۇتۇۋېلىش قابىليىتى ياخشى بولماسلىق، تەپەككۈرى ئاستىلىشىش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  5. ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولغاندا ، ئۆت كىسلاتاسى ئۈچەيدىكى باكتىريىلەرنىڭ پارچىلاش سەۋەبىدىن ، ئۈچەي يولىدا راك پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مادىلار ئۈچەي دىۋارى بىلەن تېگىشىپ ، ئۈچەي يولىدا راكنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  6. ئاياللار ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولغاندا، بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپى كۆپىيىدۇ.

  7. تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قەۋزىيەت بولسا كۆپىنچە يۈرەك سانجىقىنى پەيدا قىلىدۇ ياكى قان تومۇرنىڭ تۇيۇقسىز يېرىلىپ كېتىش خەۋىپى بولىدۇ.

  8. قەۋزىيەت، بوۋاسىر، مەقەت يېرىلىش، سوڭى چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-13 12:17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسز ،رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-13 20:53:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىققا مۇناسۋەتلىك  ۋە بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن،رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-1-13 20:53:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەۋزىيەتنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار :
1) مېۋە-چىۋىلەرنى ، كۆكتاتلارنى كوپرەك ئىستىمال قىلىش؛
2)ئىسسىقلىق تاماقلاردىن پەرىز قىلىش ياكى ئاز ئىستىمال قىلىش؛
3)ئات گۆشى، قوتاز گۆشى ... قاتارلىق تىئىتى ئىسسىق گۆشلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش؛
4)ۋاختى-قەرەلىدە چوڭ تەرەت قىلىش، ساقلىماسلىق ،ۋاختىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك؛
5) راۋان چايلىرىنى دائىم ئىچىپ تۇرۇش؛
6)«ھەببى جالىلوس»،«راۋان»، « مۇللەيىن جەۋھىرى(تابلىتى)»... قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرىنى ئىستىمال قىلىش ؛

باھا سۆز

بۇ تېمىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ قويۇپسىز ، رەھمەت سىزگە. تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-17 13:04
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 13:04:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qol~Ogli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 20:53
قەۋزىيەتنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ بىر قانچە خىل ئ ...

بۇ تېمىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ قويۇپسىز ، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-1-20 23:46:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغان سالامەتلىككە دائىر ساۋادلىرىڭلارغا رەھمەت ، ‹‹ تەن ساقلىق- زور بايلىق ›› . ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن .
ۋاقتى: 2014-3-12 17:53:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز . تەۋسىيەم بولسا قانداق ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ؟  دىگەن مەسىلىگىمۇ جاۋاپ يېزىۋەتكەن بولسىڭىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش