كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 9

ئوغرىلاپ كېلىنگەن مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                      ئوغرىلاپ كېلىنگەن مۇھەببەت

                     

   ئۇمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاپىسىدىن بەك قورقاتتى. مەيلى ئۇنىڭ ئىپادىسى قانچە ياخشى ياكى نەتىجىسى قانچە ئەلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاپىسى چىش يېرىپ بىرەر ئېغىز ماختاپ قويمايتتى. نەچچە قېتىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ بالىلىرىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۇ تولىمۇ ھەۋەسلىنىپ كەتكەندى.
   لېكىن ئاپىسى ئاغزى ئېچىلماس قۇتىدەك ، بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ ئارتۇق قىلىشنى خالىمايتتى ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ‹‹ ھە››، ‹‹ھىم›› دېگەندەك سۆزلەرنىلا قىلاتتى.
   بەزى ۋاقىتلاردا ئاپىسىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق  بولۇپ سانجىلاتتى.
   -  ئىككىنچى بولغاننىڭ نىمىسى قالتىس ؟ سەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىرىنچىلىكنى تالاشساڭ بولمامدۇ؟
   ئۇ ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن مېھىر- مۇھەببەتكە تەۋە ھېچقانداق سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغاندى. شۇڭا ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ تەرپىنى زادىلا كەچۈرەلمەيتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىنىڭ نەتىجىسى تۆۋەنلەپ ، ئۆزىمۇ كەم سۆز، مىسكىن بولۇپ قالدى.
   بىر كۈنى ئاپىسى ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىغا خەت يېزىپ، بالىنى پوچتىخانىغا بېرىپ خەتنى سېلىۋېتىشكە ئەۋەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ، بالا بىر خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە خەتنى ئېچىپ ئوغۇرلۇقچە كۆردى. كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى. توپتوغرا ئۈچ بەت كېلىدىغان خەتنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختايدىغان سۆزلەر بىلەن تولغان ، ئاپىسى تىلغا ئېلىپ باقمىغان مېھىر- مۇھەببەتكە تەۋە سۆزلەر خەتتە ئون نەچچە يەردە تىلغا ئېلىنغاندى.
   بالىنىڭ ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ، خەتنى ھۆلدىۋەتتى، ئۇ خەتنى بىر نۇسخا كۆچۈرۋېلىپ ، ئارقىدىن ئەسلى پېتى كونۋېرتقا سېلىپ پوچتا ساندۇقىغا سېلىۋەتتى.
   ئۇ كۆچۈرۋالغان خەت ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى، ئۇ خەتنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئوقۇيتتى. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، ھېلىقى خەت ئۇنىڭغا كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسېرى ئوچۇق- يورۇق، جانلىق بولۇپ، نەتىجىسىمۇ تىك  سىزىق بۇيىچە ئۆرلەشكە باشلىدى. كىشىلەر ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ قاتتىق قاتتىق ھەيران قالدى.
   ئۇ ئىلگىرى ئاپىسىنى كۆرسە ، يات ئادەمنى كۆرگەندەك ئۆزىنى قاچۇراتتى. لېكىن ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە بولۇشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ، بۇ بالا داڭلىق ئالىمغا ئايلاندى. ھېلىقى خەتنى ئۇ ھېلىمۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدۇ، چەتئەللەرگە بېرىپ يىغىنغا قاتناشقاندىمۇ شۇنداق.
   ئانىلارغا سۆز: ئادەتتە: ‹‹ مۇھەببەتنى داۋراڭ قىلىش ھاجەت ئەمەس، ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىساقلا بولدى ›› دەپ قارايمىز. لېكىن ئوتلۇق مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى سۆزلەپ، خەت قىلىپ يېزىپ ياكى ھەرىكىتىڭىزدە ئىپادە قىلىپ كۆرسىتىپ، بالىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دېققەت قىلىپ بېقىڭ . ئۇنىڭ قەلبى ئەڭ سەزگۈر راداردەك ، مۇھەببەتنىڭ سىگنالىنى دەرھال قۇبۇل قىلالايدۇ.
   ھېلىقى بالا ناھايىتى بەختلىك ئىكەن، ھېلىمۇ ئۇنىڭ كەپسىز بولۇپ قالغىنى. ئۇ ئاپىسىنىڭ تاپىلاشلىرىغا قۇلاق سالماي، خەتنى ئېچىپ ئوغرىلىقچە كۆرۈپ، ئاپىسىنىڭ ماختىشى ۋە مۇھەببىتىنى ئوغرىلىۋالدى. بولمىسا ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا قانچىلىك زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى  مەڭگۈ بىلەلمىگەن بولاتتى. بالىنى شەرتسىز ھالدا سۆيۈش ، ماختاش، ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: ‹‹ ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك 101 ھېكايەت›› نامىلىق كىتاپتىن ئېلىندى.


                  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-3 16:55:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايىكەن . رەخمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2014-1-3 18:37:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كىتاپلاردا بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش كىرەك دەيدىكەن.قايسى گەپ توغرىدۇ؟

باھا سۆز

مەزمۇننى تولۇق ئوقۇماپسىزدە، بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش كىرەك، دېگەن مەزمۇن چىقىۋاتمامدۇ دەيمە... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-3 18:41
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-3 18:41:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرە8 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 18:37
بەزى كىتاپلاردا بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش كىرەك  ...

مەزمۇننى تولۇق ئوقۇماپسىزدە،   بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش كىرەك، دېگەن مەزمۇن چىقىۋاتمامدۇ دەيمە...
ۋاقتى: 2014-1-3 20:16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 18:41
مەزمۇننى تولۇق ئوقۇماپسىزدە،   بالىلارنى ئىلھاملان ...

بۇنىڭدا« يۇشۇرۇن رىغبەتلەندۈرۈڭ، يۈز تۇرانە ئەمەس »دىگەندەك چۇشىنىپتىمەن، قېرىغاندا  قېرى تاتۇق دىگەن شۇ دە
كەچۈرۈڭ، ئوماق قىز

باھا سۆز

ھە دىسە قېرىغاندا دەۋەرمەڭچۇ ئوماق قىزچاق !؟ياخشى تېما يوللاپسىز دوستۇم ، رەھمەت سىزگە . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-4 02:30
ۋاقتى: 2014-1-4 02:30:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرە8 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 20:16
بۇنىڭدا« يۇشۇرۇن رىغبەتلەندۈرۈڭ، يۈز تۇرانە ئەمەس »د ...

ھە دىسە قېرىغاندا دەۋەرمەڭچۇ ئوماق قىزچاق !؟
ياخشى تېما يوللاپسىز دوستۇم ، رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2014-1-4 16:07:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىللىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-1-4 22:15:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىغا بولغان كۆيۈنۈش، ئارتۇقچىلىقىنى  ئانچە -مۇنچە ماختاپ قويۇشمۇ رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى...
ۋاقتى: 2014-1-21 17:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسى ئۆزگىچە ئىكەن .بالىلارنى تەربىيلەشكە ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس ،بەلكى ئاتا-ئانىلارمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-1-24 22:41:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى ئەسەر ئىكەن... تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، جاپا چېكىپسىز...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش