كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 2

شاڭخەيدىكى دوكتۇر غەلبىنۇر ئەلىنى قوللاپ قويايلى!

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەزكۇر تېما باغداش مۇنبىرىگە يوللانغان بولۇپ قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن چىققان ئالىمنى قوللاش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كىلىندى، تۆۋەندىكىسى ئەسلى تېمىنىڭ ئومۇمىي تېكىستى:
_____________________________________________________________________
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم باغداشتىكى بارلىق جامائەت، ئاجىزە گۈزەل يۇرتۇمدىن ھەرقايسىللىرىغا ئالى سالام!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۈگۈن مۇنبەرگە شاڭخەيدىكى بىر قېرىدىشىمىزنى قوللاپ قويىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ كىردىم.
  ئەمىسە بۇ نامزاتنى قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئىسمى : غەلبىنۇر ئەلى، تەخەللۇسى 艾星子 艾里 ، ئۇيغۇر، ئاياللار كېسەللىكىنى كىلىنكىلىق داۋالاش، ئوقۇتۇش-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغىلى 21يىل بولغان. تىببى  دوكتۇر، مۇدىر ۋىراچ، پىراففىسسور، ماگىستىر، دوكتۇر يىتەكچىسى. ئىلگىرى شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى قارمىغىدىكى بىرىنجى دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمنىڭ (学术带头人)غوللۇق ئازالىرىنىڭ بىرى ئېدى، ھازىر توڭجى ئۇنۋىرستتىتى قارمىغىدىكى شاڭخەي شەھەرلىك شەرىق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، ئاياللار بۆلىمىنىڭ ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. جەمىيەتتە شىنجاڭ تىببى جەمىيىتى ئاياللار كېسەللىكى كەسپى ھەييەتنىڭ كاتىپى، ياتەي (亚太) رايۇننىڭ بالاياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرى ئورۇنلىشىپ قېلىش كېسەللىكى جەمىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، شىنجاڭ رايۇننىڭ EMكەسپى دەرىجىلىك دەرس سۆزلىگۈچىلىككە تەۋسىيە قىلىنغان .  جۇڭخۇا مىدىتسىنا جەمىتىنىڭ 性学分ھەييىتىنىڭ ئەزاسى.  ‹جۇڭخۇا ھازىرقى زامان ئاياللار كېسەللىكى ئىلمى زورنىلى ›نىڭ مۇتەخەسسىس تەھرىر ھەييىتىنىڭ   تەھرىرى.جۇڭگۇ دورىگەرلىك ئىلمى چەتئەلگە چىقىپ، كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى (تىبابەتتە) ئوقۇتۇش كەسپى ھەييىتىنىڭ ھەيييەت ئەزاسى،  قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.كۆپ قېتىم دۆۋلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسىدىكى ئىلمى ماقالىلارنىڭ باش تەھرىرلىگىنى قىلغان.
بىلەت تاشلاش ئادرىسى: http://wx.vjiankang.org/wsite/index/contacts/pid/767  
ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ تال بىلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن ئارقىدىلا تورنى ئۈزىۋىتىپ قايتا ئۇلاپ كىرسە يەنە تاشلىغىلى بولىدىكەن.  كوپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت.
ئەسكەرتىش: بەزى كەسپى ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلالمىغانلىغىم ئۈچۈن خەنزۇچىسىنى كۆچۈرۈپ يېزىپ قويدۇم، توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈممۈت قىلىمەن. رەھمەت.
باشقا مۇنبەرگە ئەزا تورداشلار يۆتكەپ قويساڭلار سىلەردىن ئالەمچە خۇش بولار ئىدىم، رەھمەت.

|مەنبە:http://bbs.bagdax.cn/thread-22300-1-1.html



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-30 00:48:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم ، قېرىندىشىمىز ئۈچۈن مەن ئۈچ بىلەت تاشلىدىم... جاپا چېكىپسىز ....
ۋاقتى: 2014-2-7 17:42:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت ،خەيىرلىك ئىشكەن،ئىلىم ئېگىلىرىنى قوللاش بىزنىڭ بۇرچىمىز!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش