| مەكتەپلەردە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ساغلام پىسخىك ساپا يىتىلدۈرۈش، مائارىپ ئەمىليىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردا كۈرۈلىدىغان تۈرلۈك نورمالسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن قايسى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەللىلەشتۈرۈش زۆرۆر ؟ 1 .ئوقۇتقۇچىلاردا ساغلام پىسخىك ساپا يىتىلگەن بۇلۇشى ۋە يىتىلدۈرۈشى زۇرۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجتىمائى رولى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ ، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەىنيىتىنىڭ تارقاتقۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھنى ياراتقۇچىسى ، سىنىپ پائالىيىتىنىڭ رەھبىرى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاكالەتچىسى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى ، پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە مول بولغان پىسخىك ساپا ۋە پىسخىك بىلىمىنى يىتىلدۈرگەن بۇلۇشى زۆرۆر . ئۇ مائارىپ ئىسلاھاتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇھىم خىزمەت . بۇنى چىڭ تۇتۇپ ئەمىللەشتۈرۈش زۆرۆر . 2. مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە پىسخىك تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش زۆرۆر . پىسخىكا- روھ ئىلىمى . ئادەمنىڭ ھەربىر پائالىيىتى روھنىڭ كونتىروللىقىدا بۇلىدۇ . دىمەك ، ئادەمنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى نورمال بولمىسا ئۇنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتى ،يۈرۈش – تۇرۇشى ، مىجەز – خاراكتىرىگە بىۋاستە تەسىر قىلدۇ، ياخشى بولمىغان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەكتەپ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن تۈرلۈك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ باش مەنبىيى-نورمال بولمىغان پىسخىك روھى ھالەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مەسىلەن : مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاب، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرنى تىقىۋېلىشى ، ئوغىرىلاپ تىقىپ قۇيۇشى، بۇ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى بولسىمۇ لېكىن پىسخىك جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلساق ، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلمىش سادىر قىلىشى مەلۇم ھەسەتخولۇق ، كۆرەلمەسلىك پىسخىكىنىڭ بولغانلىقىدىن بۇلۇشى مۇمكىن. 3. مەكتەپلەردە پىسخىك مەسلىھەت بىرىش ئورنىنى تەسىس قىلىش زۆرۆر . ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۆگىنىش جەريانىدا تۈرلۈك بېسىم ، ئوخشىمىغان زىدىيەتلەرگە ۋە تۈرلۈك پىسخىك توسالغۇلارغا ئۇچىراپ تۇرىدۇ . بۇ خىل روھى جەھەتتىكى بېسىم ، جىددىيچىلىك تەربىيلەنگۈچىنىڭ پىسخىكىسىدا تۈرلۈك نورمالسىزلىقلارنى ، زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، ھەتتاكى ئۆزىنى ھاياتلىقتىن بىزار بۇلۇش تۇيغۇسىغا باشلاپ بېرىشى مۇمكىن . مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە ئەخلاق قارىشى بىلەن پىسخىك تەلىم – تەربىيىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سۆھبەت پۇرسىتى، كاللىسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشنى ھەل قىلىش پۇرسىتى ، ئۆزىنى تۇنۇش ، ئۆز-ئۆزىنى يارىتىش ، يۈكسەلدۈرۈش پۇرسىتى بىرىش زۆرۆر . پىسخىكىلىق مەسىلىھەت بىرىش ، باشقىلارنى قەدىرلەش ئەمەس بەلكى يول كۆرسىتىش ، تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەملىشىش ، ئىدىيەدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقىغا ھەقىقى ئىشىنىش، ھاياتقا ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئورنىنى تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشتىكى بىردىن-بىر يول. 4. زىھنى تەربىيىنى كۈچەيتىشتە يەنىلا پىسخىك تەربىيىسنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش زۆرۈر. ئۆگۈنۈش پائالىيىتى بىر خىل ئۇمۇمى تەرەپلىك پىسخىك پائالىيەت جەريانى، ئۆگۈنۈش پائالىيىتى جەريانىدا تەربىلەنگۇچىنىڭ ھېسىيات، ئىرادە، تەرەقىيات جەريانى، قابىلىيەت، مىجەز- خارەكتىرنىڭ شەكلىنىش ۋە تەرەقىقي قىلىش جەريانى. ئىلگىركى ئۆگۈنۈش پائالىيىتىدە، ئۆگۈنۈش پەقەت بىلىم،ماھارەت ئىگەللەش جەريانى دەپ قارىلىپ، تەربىلەنگۇچىلەرنىڭ باشقا پىسخىك ساپاسىغا ئېتىبارسىز قارىلىپ كەلگەن ھەم كىلىنىۋاتىدۇ . بۇ يەردە شۇنى ئېنىق چۇشىنىش زۆرۈركى ئۆگۇنۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىشى پەقەت ئەقلى سەۋىيەسىگىلا باغلىق بۇلۇپ قالماستىن بەلكى پىسخىك ئامىلغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك (مۇقىم كەيپىيات، قويۇق ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى، قەلبىمىزدە ئېنىق نىشان، ئۆز-ئۆزنى تىزگنلەش قابلىيىتى قاتارلىقلار.) بۇ ئىككسنى زىچ بىرلەشتۈرمىگەندە ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇشتىن زىركىش، بېسىمدىن قېچىش، جۈرئەتسىزلىك خامۇشلۇق ۋە باشقا پىسخىك كېسەلىلكلەرنىڭ كۆرۈلىشى ئېنىق . 5. تەربىلەنگۈچىلەرنى ساغلام تەن ساپاسىغا ئىگە قىلىشتا، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش زۆرۆر . جەمىئەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەردە پىسخىك بېسمنىڭ كۆپ بۇلۇشى، ناچار كەيپىياتلارنىڭ باشتىن كۆپ ئۈتۈشى، نورمالسىز روھى ھالەتنىڭ كۆپ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن ئادەم نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، فىزوپلوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ توسالغۇ پەيدا بۇلىدۇ. بۇنۇڭدىن كۈرۈشكە بۇلۇدىكى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كۆرنەرلىك. پىسخىك ساغلاملىق،جىسمانىي ساغلاملىققا بېىقىندۇ ۋە يەنە پىسخىك ساغلاملىق ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن:كونىلاردا ئادەم روھىدىكى كەيپىيات چەكتىن ئېشىپ كەتسە كېىسسەلىلىك چاقىدۇ دىيىلدۇ(خوششالىق يۇرەكنى زەخمىلەندۇرىدۇ، قايغۇ- ھەسىرەت جىگەرنى زەخمىلەندۇرىدۇ، خىيالچانلىق تالنى زەخمىلەندۇدۇ، غەم- ئەندىشە ئۆپكىنى زەخمىلەندۇرىدۇ،قورقۇنۇچ بۆرەكنى زەخمىلەندۇرىدۇ. بۇخىل قاراشنڭ مەلۇم ئاساسى بار. يەنە مەسىلەن :ئېغىردەرىجىدىكى ئىمتىھاندىن قورقۇش كىسلىگە گىرىپتار بولغان ئوقوغۇچى دائىم بېشى ئاغرىش، ئىچى ىسىقىلىش، ئۇيقىسى قېچىش ھەتتا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى كۇرىلىدۇ شۇنىڭ ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ھالەتنى ساقلاشتا يەنىلا پىسخىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۇر. 6.تەلىم-تەربىيە شارائىتىدا ئوقۇغۇچىلار خاسلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،مۇستەقىل مەناغا ئىگە ئادەم دەپ قاراشنى ئەمەلىلەشتۇرۇشى زۆرۆر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ياخشى كۆرىشى، مۇددىئاسى، ئېھتىياجى، مىجەزى، خاراكتىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ئارتۇقچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا ئۆز خاسلىقىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلش كېرەك شۇ سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ خاراكتىركۈچىنى نامايەن قىلىدىغان بۇشلۇق ۋاقىت بىرىشىمىز كېرەك. ساپا مائارىپىدا ئالدى بىلەن ئادەمىنى ئاساس قىلىش گەۋدىلەندۇرىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش. مۇكەممەل ئادەم قاتارىدا تەسىر كۆرسىتىلىش. ئوقۇغۇچىلار ئۇمۇمىي جەھەتتە راۋاجلاندۇرۇلىشى كېرەك. بىزنىڭ مائارىپىمىز ئوقۇغۇچىلارنى دائىم بىلىم قاچىلايدىغان قاچا،سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدىغان ماشنا، لاھىيىلىگىلى بولىدىغان مەھسۇلات دەپ قارايدۇ؟ مائارىپنى بولسا نىشانغا توغرا يەتكىلى بولىدىغان سىنارەت دەپ قاراپ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىلىمەكچى بولسا شۇنداق تەربىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇ يەرئوقۇغۇچىنىڭ جانلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.ئوقۇغۇچىلاردا نورمال ھېسىيات، قىزىقىش بۇلۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. تەلىم تەربىيدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ئەندىزىگە ئوقۇغۇچىنى كىرگۇزۇش پىرىنسىپ قىلىنغان.بۇ ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىنڭ تەلۋىگە تۈپتىن خىلاپ. بۇ خىل خاھىشنى تۈپتىن تۈگۈتۈش كېرەك. ئومۇمەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئەمەلىيتىدە پىسخىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئوبكىتنىڭ پىسخىك ھالىتى، روھى، ئىدىيىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆزگۈچە ئۈنۈمگە ئىگە ئۇسۇلنى جانلىق، ماھايەتلىك ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش ھازىرقى مائارىپ ئەمەلىيتى جۈملىدىن كەڭ جەمىئەتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.
|
|