كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 1

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى- ئوقۇتۇشتا مۇۋەپپەقىيەت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى- ئوقۇتۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچ
   ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى--ئوقۇتقۇچىلار رىئايە قىلىۋاتقان ئۆلچەم بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى يەنە بەزىبىر قاراشلار ھەققىدە كەسپىداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
كەسپى ئەخلاق-- ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆلچەم، ئەگەر كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى بولمىغان بولسا سىز نېمىلەرنى قىلاتتىڭىز؟ بەلكىم بۇ سوئال قويۇلۇشى بىلەن چاچلىرىڭىزنى ئاجايىپ پاسوندا ياسىتىشنى، مودا كىيىملەرنى كىيىشنى، چاچ ۋە ساقال – بۇرۇتلىرىڭىزنى ئۆزگىچە شەكىللەردە ياسىتىشنى ئويلىغانسىز. . . ئەپسۇس!
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماھىيىتى قانداق بولىدۇ؟
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماھىيىتى ناھايىتىمۇ دورامچى كېلىدۇ، ئۇ سىز نېمىنى قىلسىڭىز شۇنى قىلىدۇ، قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ قىلغۇسى كېلىدۇ، دىققىتىنى چاچىدۇ، كىيىۋالغان كىيىمىڭىز، ئېسىۋالغان زىبۇ – زىننەتلىرىڭىز ۋە يۈرۈش – تۇرۇشىڭىزغا دىققەت قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ دىققىتى سىزنىڭ ئۆتكەن دەرسلىرىڭىزگە مەركەزلەشسۇنمۇ؟ بالىلارنىڭ قۇلىقىغا كىرسۇنمۇ؟
   ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى بولسا، مەكتەپتە ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى، سىنىپ مۇدىرلىرى تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغۇچىدۇر.
   تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، نۇرغۇن مەشھۇر شەخس ۋە ئۇتۇق قازانغان ئەللەردە ئەخلاقنى ئۆز ھەرىكىتىگە مۇھىم ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
   ھازىر جەمئىيىتىمىزدە باش كۆتۈرۈۋاتقان يۇقىرى ئىستېمال، مودا قوغلىشىش، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى قاتار چاي، ئولتۇرۇش، تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىك، تور، ئۈندىدار، ئېلېكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا سەرپ قىلىش، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى بوشلۇقنى تاشقى گۈزەللىك بىلەن پەردازلاش، باشقىلارنى دوراپ ئايىغى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە بېرىلىپ، تاپقىنىنى يا ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي، يا ھەشەمەتچىلىكتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي تىپىرلاپ ياشاشتەك بىر قاتار ناچار خاھىشلار بىزلەرنىڭ قەلبىمىزنى چىرمىۋالدى. ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ قۇرۇق ھەشەمەتچىلىكتىن ئۈزىنى تارتىپ ئۈزىنى بىلىشى تولىمۇ مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار يامراپ كېتىۋەرسە، ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى تونۇش ، تۈزەش ۋە ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇلارغا نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگەللىتىش بىلەن بىرگە، بازار ئېگىلىكىگە يۈزلەندۈرىشىمىز تولىمۇ  مۇھىم،بولۇپمۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ياراتقان بايلىقلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتەلەيدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان، پۇلغا باغلىنىپ، پۇلئۈچۈنلا خىزمەت قىلماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، پايدىلىنالايدىغان زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەربىر ئاتا- ئانىلار ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىلغار ئائىلە ئەخلاقى، جەمەت يوسۇنى قاتارلىق ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاقلىق، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئىقتىدارلىق، راستچىل، قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەخلاق مىزانىغا ئۇيغۇن ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشىمىزلازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-29 16:12:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھدىيار ئەپەندىم بىرقانچە ئەمىلى مەسىلىلەرنى خېلى ئەتراپلىق ،ئەمىلى ئوتتۇرغا قويۇپسىز.ئەمما بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىنكاسسىز قالغانلىقىغا ئەپسۇسلاندىم...داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش