| قانداق ئوقۇتقۇچى سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ ؟ بىر مۇنەۋۋەر سىنىپ مودىرى ، بىر مائارىپچى بولىدۇ . ئىددىيە ساپاسى ياخشى ، كەسپى سەۋىيسى يۇقۇرى ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك ، مەسئۇلىيەتچان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مودىرى بولۇشقا لايىق . چۈنكى ، سىنىپ مودىرى ؛- مەكتەپ تەرپىدىن تەيىنلەنگەن بىر سىنىپدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ، تەربىيچىسى ۋە يېتەكلىگۈچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچى، مەكتەپ مودىرى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم-تەربىيە ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ياردەمچىسى ۋە تايانچ كۈچى . شۇ سىنىپنىڭ دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى ، ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ تۈگۈنى ، مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى ۋە جەميەت ئوتتۇرسىدا كۆرۈكلىك رول ئوينىغۇچى . |
|