baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 16

رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشى مەنئى قىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشى مەنئى قىلىنىدۇ


 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشى ئاممىۋىي مۇھىت ۋە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئوبرازىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىنىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن، مەركەزدىكى يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىر رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق:

  1-ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماق چېكىشنى مەنئى قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە نەمۇنىلىك رىئايە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ، قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ نوپۇزىنى، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

  2-ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە سارايلىرى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان سارايلىرى، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى قاتارلىق تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلاردا تاماكا چەكسە بولمايدۇ، باشقا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى بولغان ئاممىۋىي سورۇنلاردا باشلامچىلىق بىلەن تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

  3-ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تاماكا بىلەن تەمىنلىسە بولمايدۇ. ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان خادىملار تاماكا چەكسە، تۇتسا، چېكىشكە زورلىسا بولمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  4-ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تۈتەكسىز ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تاماكا سېتىش ۋە تاماكا بىلەن تەمىنلەش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، تاماكا ئېلانى بېرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ئاممىۋى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆز ئىدارىسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تاماكا كونترول قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تاماكا چېكىدىغان خادىملارنى تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سەھىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى كەڭ تۈردە سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپ شەكىللىك تاماكا مەنئى قىلىش كونترول قىلىش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تاماكا مەنئى قىلىش، تاماكا كونترول قىلىشتەك ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.
مەنبەدىن كۆرۈش: http://uyghur.people.com.cn/155989/15379868.html
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-2 16:56:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   艾买尔江125 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 10:26  

ئەجەپ ياخشى بولۇپتۇ.تىزرق ئىجرا قىلىنسا بولاتتى.دىمىسىمۇ بىر قىسىم باشلىقلار تاماق يىمەي تاماكا بىلەن قوساق تويغۇزىدىغاندەك ئىش قىلىپ يۈرەتتى ،ئىشخانىسىغا بىرەر ھاجەتمەن كىرىپ قالسا كۈز -كۈز قىلىپ چكەلمەيدىغان بوپتۇ،بىچارىلەر.دىمىسىمۇ يۇقۇرنىڭ سىياسىتى ياخشى بىراق تۆۋەنگە كەلگندە تۇلۇق ئىجرا قىلىنماي قالاتتى .مۇشۇ بىر سىياسەت ئىجرا قىلىنسا بەك ياخشى بولاتتى.
ۋاقتى: 2014-1-2 17:03:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ. ئەمدى ئىشخانىدا  تاماكىنىڭ تۈتۈنىنى بۇرماي خاتىرجەم  ئولتۇردىغان بوپتۇق
ۋاقتى: 2014-1-3 10:37:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنىمۇ  بەلگىلىك ئازايتىش كېرەك ، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەتتى تاما چەكمەسلىك ،رەھبىرى كادىرلار باشلاپچى بۇلۇش كېرەك ...
ۋاقتى: 2014-1-3 23:46:31يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چىكىدىغانلار ئاز قالسا تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، تاماكا تىجارىتى قىلىدىغانلار ھۆكۈمەتكە يۈك بوپ قالارمىكى. بولمىسا مەنغۇ تاماكىغا، ئۇنىڭ پۇرىقى، ئىسىغا بەك ئۆچ.
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2014-1-4 22:12:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق بۇلاركىن، باشلىقنى سىز تاماكۇ چەكتىڭىز،قايدىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز دىگلى بولمىسا يە.
ۋاقتى: 2014-1-7 16:08:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى خەۋەركەن ھەممىمىزنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن قارشى ئالىمىز
ۋاقتى: 2014-1-7 23:26:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چەكمەسلىك سالامەتلىككە پايدىلىق . بولوپمۇ مائارىپچىلار تاماكىنى ئاز چىكىشى ۋە چىكىيدىغان سورۇنغا ۋە ئورۇنغا دىققەت قىلىشى لازىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىدىن ئۈگىنىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر
ۋاقتى: 2014-1-18 00:27:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ دىمىسىمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىقىش ياخشى ئادەت ئەمەس . ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ياخشى بولمدۇ .
ۋاقتى: 2014-1-23 01:11:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ .. بايام مۇنبەرنى ئارلاۋېتىپ ھېلىقى قەشقەردىكى 13 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان قىسقا فىلىمغا نەزەر سالساق ،ئاشۇ سەبىىي بىغۇبار ئۆسمۈرلەر ئالدىدا تاماكا چېكىۋاتقان رەھبەرلەرنى كۆرسە ئادەمنى ھەقىقەتەن كۆڭلى بىر قىسىم بولىدىكەن... ئەسلى بۇ تېمىڭىزنى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رەھبەر دىسە ئۆزىنى بىلەلمەي كۆكتە ئۇچىدىغان ئاقنانچىلار كۆرسە ياخشى بوپتىكەن ... تېمىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت جاپا چېكىپسىز....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:21, Processed in 1.498928 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش