كۆرۈش: 9285|ئىنكاس: 69

«قاراڭغۇ بازارچى»لاردىن پەخەس بۇلايلى!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«قاراڭغۇ بازارچى»لاردىن پەخەس بۇلايلى!

يېقىندىن بېرى مۇنبىرىمىزدىكى تورداش دوستلارنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق ئەمگىگى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، بايقاش مۇنبىرىگە خاس بىر قىسىم نادىر تېمىلىرىمىز مۇنبىرىمىزدىكى «نەچچە بايغا بىر مالاي» بولۇپ يۈرۈۋاتقان بىر قىسىم لەگۋانە تورداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى تورداشلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈۋاتىدۇ ۋە مۇنبىرىمىزگە خاس مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققى قىلىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مۇنبەردىكى بىر قىسىم نادىر مائارىپ ماتىرىياللىرىنى مۇنبەردىن چۈشۈرۈپ، كۆچمە دىسكا ئارقىلىق يۆتكەپ، باشقىلارغا نەخ پۇل(خەلق پۇلى)غا سېتىپ، ھارام پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى بايقالدى. بۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تورداشلارغا بىر نەچچە قېتىم QQ ئۇچۇرى ۋە خاتىرە-ئۇچۇرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئەھۋال يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بىز كۈچ تەشكىللەپ باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشنى بەخىت دەپ بىلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ تىگى تەكتىنى يەنى ئۇلارنىڭ يۇرتى، خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئىنىقلاۋاتىمىز. بىر قىسىملىرىنىڭ تەكتىنى ئىنىقلىنىپ توردىكى قىلمىشلىرى ئىش ئورنىغا مەلۇم قىلىندى. خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولدى. بىر قىسىملىرى خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. يەنە بىر قسىملىرى داۋاملىق ئىنىقلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا قۇرسىقىڭلاردا ئاغرىق بارلار ۋاقتىدا «دورا » ئېلىپ يەۋېلىشىڭلارنى، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ خاتالىقىلارنى تۇنۇشىڭلارنى سورايمىز.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزگە تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلارنىڭ ئۆزلىرى يوللىغان، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تېمىلىرىغا مەسئۇل بۇلۇشىنى، تېما يوللاشتىن بۇرۇن يوللىماقچى بولغان تېمىلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا بايقاش مۇنبىرىگە خاس بەلگە (www.baykax.com) سېلىشىنى، بايقاش مۇنبىرىگە خاس مائارىپ بايلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم «قاراڭغۇ بازارچى»لارنىڭ تاپاۋەت ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


1.يوللىماقچى بولغان Word شەكلىدىكى دەرس تەييارلىقى، ئىمتاھان سۇئاللىرى ۋە باشقا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا بايقاش تامغۇسى (www.baykax.com) بېسىش ئۇسۇللىرى:

ئاۋۋال يوللىماقچى بولغان ماتىرىيالنى Word شەكلىدە ئېچىپ، تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلارنى ئىشلەيمىز:

2003 office دا:



2007. 2010 office دا:



بۇنىڭ بىلەن يوللىماقچى بولغان ماتىريالىمىزنىڭ بارلىق بەتلىرىگە بايقاش تامغۇسى بېسىلىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكىدەك:

ئۇنىڭدىن كېيىن يوللىماقچى بولغان ماتىرىيالنىڭ 1-بېتىگە مۇنبىرىمىزگە خاس تۆۋەندىكى ئەسكەرتىلمىنى چاپلايمىز، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز(تېما ئىگىلىرى)نىڭ ئاپتورلۇق ھەقۇقىنى قوغداشتا قانۇنى ئاساسقا ئىگە بۇلالايمىز:


بايقاش ئەسكەرتىلمىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:



2.يوللىماقچى بولغان Ppt شەكلىدىكى دەرسلىك دىتاللىرىغا بايقاش تامغۇسى (www.baykax.com) بېسىش ئۇسۇللىرى:

ئاۋال يوللىماقچى بولغان دەرسلىك دىتالىنىڭ 1-بېتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلارنى ئىشلەيمىز:
001.png

002.png


تامغۇنىڭ رەڭگىنى دىتال تەگلىكىگە ئاساسەن ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكان جەدەر ئوچۇق رەڭدە بولسۇن!
003.png

004.png


بۇنىڭ بىلەن دەرسلىك دىتالىمىزنىڭ بارلىق بەتلىرىنىڭ ئەسلى تەگلىكىگە بايقاش تامغۇسى (www.baykax.com) بېسىلىدۇ.
ئاخىرىدا ‹‹ ساقلاش ›› كوزنىكىنى بېسىۋېتپ، چېكىنىپ چىقسىڭىز بۇلىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

005.png


ئاخىرىدا يوللىماقچى بولغان ماتىرىيالنى پىرىسلاپ (压缩) بولغاندىن كېيىن، ماتىرىيال نامىغا مۇنبەر نامى www.baykax.com نى قوشىمىز، مەسىلەن، تۆۋەندىكىدەك:


يوللىغان ماتىرىيال ئىچىگە تۈۋەندىكى ھۆججەتلەرنى قۇشۇپ يوللاشنى ئونۇتماڭ! بايقاش خاسلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ:
چۈشۈرۈش

ئاندىن كېيىن ماتىرىيالنى مۇنبەرگە يوللايمىز.

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2013-6-6 02:20

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10قىزغىنلىق +44تىللا +42تۆھپە +42شۆھرەت +44يىغىشسەۋەبى
aynak + 2 + 2 + 2 + 2قوللايمەن!
TARAM + 2 + 2 + 2 + 2قوللايمەن!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئوغلانبەگ + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
tursunjan + 5 + 3 + 3 + 5ياخشى تېما.
بەختىيار(بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
مەرىپەت + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
قاراقۇرۇم + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-16 15:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ . مەنمۇ قوللايمەن .
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى يارىتىمىز دەيدىكەنمىز تېمىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەم كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىڭ بايقاشقا بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك .
ۋاقتى: 2013-4-15 08:17:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، ھەممىمىز بايقاشنىڭ كەلگۈسىنى بىر نىيەت بىر مەخسەتتە قوللىغاندىلا بايقاشنىڭ پارلاق ئەتىسىنى يارتالايمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!
                      رەھمەت ئامان ئەپەندى. .............................................
ۋاقتى: 2013-4-15 12:46:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىڭىزنى قوللايمەن!بۇ ناھايتى ياخشى بوپتۇ.ئەمەلىيەتتە مۇنبىرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق تىمىلار بار، بىز بۇ خىل ئەھۋالنى چۇقۇم چەكلىشىمىز كېرەك.
ۋاقتى: 2013-4-15 14:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ئامان ئۇستاز ؟
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ! مەن قوللايمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يوللىغان تېمىلىرمنى چوقۇم سىز دىگەندەك يوللاشقا تىرىشىمەن .
بايقاش ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ، بايقاشنىڭ كەلگۈسى ئەتىسى ئۈچۈن تىرىشايلى !!! ئورتاق كۈچ چىقىرايلى !!!
ۋاقتى: 2013-4-15 15:12:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ . مەنمۇ قوللايمەن .
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى يارىتىمىز دەيدىكەنمىز تېمىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەم كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىڭ بايقاشقا بۆسۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك .
بايقاشنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى !!!
رەھمەت ئۇستاز .
ۋاقتى: 2013-4-15 21:23:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز  دىمىسىمۇ بىر ئادەمنىڭ ئەجرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان نەرسىنى  باشقىلار پايدىسىغا  ساتسا بۇ نىمە دىگەن نۇمۇسسىز لىق ئىش .......
ۋاقتى: 2013-4-15 22:51:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن،مۇشۇنداق بولغاندا بىز تەكىتلەۋاتقان خاسلىق گەۋدىلىنىدۇ، شۇنداقلا ماتېرياللارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلگىلى بۇلۇدۇ...
ۋاقتى: 2013-4-16 00:44:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن بۈگۈن مۇنبەرگە يوللانغان بىر سائەتلىك دەرس تەييارلىقىنى تەھرىرلەپ ،   تامغا بېسىپ  بەيدۇ دېسكىسىدىن يوللاپ باقتىم . مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى . رەھمەت ئۇستاز .
ۋاقتى: 2013-4-16 01:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ئۇستاز مەن 3 سائەتتەك ئىزدەنسەممۇ بىراق قىلالمىدىم،چۈنكى مەن ئشلىتىۋاتقىنى 2012 نەشرى ئىدى بولسا ياردەم قىلسىڭىز!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش