baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 234|ئىنكاس: 6

تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېسىڭىز

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدىكى تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى بىزگە ئەۋەتىڭ، بىز تور لۇغىتىمىزدە كۈندە بىر رەسىمنى ئېلان قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىپلا ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى سۇپىسى (uighursoft_alimahat)غا ئەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

دۇكان ساراي ۋىۋىسكىلىرى، تاماق تىزىملىكلىرى، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيەدىكى خاتالىقلار تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. تىل تۈرى چەكلەنمەيدۇ. تەرجىمە ۋە ئىملادا خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلانمايدۇ.

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى كۆرۈڭ.


2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم

كۈندىلىك رەسىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن http://www.udict.cn نى زىيارەت قىلىڭ.
==============
ئۈندىدار لۇغىتىمىزگە مۇشۇنداق رەسىملەرنى ئەۋەتىش ئوڭۇشلۇق بولسا، تۆۋەندىكىدەك دەلىللەش ئۇچۇرى چىقىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» باش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، قېنى سىناپ بېقىڭ.

مەنبە:http://www.alimahat.com/?p=3562

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-4 18:14:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ، لىكىن تىل-يىزىقنى باشقۇرىدىغانلار ئانچە كارى يوقمىكى دەيمە؟ نەگە قارىسا خاتا ياكى ئۆلچەمسىز ۋېۋىسكىلار توشۇپ كەتكەن...
ۋاقتى: 2014-1-6 18:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ خاتا تەرجىمە قىلدىغانلار كۆپ
ۋاقتى: 2014-1-7 18:10:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى ئورۇنلاردا تىل-يېزىق ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەن ،ياكى باشقا تىلدىكى خادىملار بار بولۇپ يەرلىك تىل بولۇپمۇ ئۇيغۇر،قازاق تىللىرىغا پىششىق ئەمەس،شۇ سەۋەپتىن ئامالسىز قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت.ئۇندىن باشقا بۇ مەسىلىگە باش قاتۇرۇپ كۆڭلىنى ئاغرىتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بەكلا ئاز....
ۋاقتى: 2014-1-8 23:22:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مائارىچىلار ئالدى بىلەن  ئۈلگە بولىشىمىز  كېرەك. بۇ قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ تەلىپى توغرا چقىماپتۇ. (مەىسىلەن ، ئۆگۈنىش دەپ  ئېلىنغان ، ئەۋەتتە ئۆگىنىش دەپ ئالىمىز )  بۇنىڭغا دېققەت قىلساق . ئويلىنىپ  باقساق .
ۋاقتى: 2014-1-12 19:10:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت... تىل يېزىقىمىزدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، توغراق 5 ئېيتقاندەك بىز مائارىپچىلار ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۈزەتسەك ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن... ياخشى تېما يوللاپسىز ... ئەجرىڭىزگە بارىكاللا...
ۋاقتى: 2014-1-22 13:52:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريالكەن رەھمەت سىزگە ھەممىز كۈچ قوشايلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-27 11:55, Processed in 0.293879 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش