ئىقرارنامە
ساتىرا
مەن ئۆزۈم بىر چېقىمچى باشلىقىمغا ياققانمەن، مەنپەت ئۈچۈن ئايانماي ۋىژدانىمنى ساتقانمەن، قاپقان قۇرۇپ باشقىغا ،ئورا كولاپ ياتقانمەن، كۈندە تېپىپ يالغاننى،بىرگە ئوننى قاتقانمەن، ئاستىرىتتىن گەپ توشۇپ ،ياخشىلارنى چاققانمەن.
بولغاچ شۇنداق چېقىمچى،تۇك ئۈندۇردۇم تۇخۇمدىن، پەخىرلەندىم ئۆزۈمدىن ،ئۆتكۈر ئەقلى –ھۈشۇمدىن، خۇي-پەيلىممۇ بىلىنمەس يۇۋاش-يۇمشاق تۇرقۇمدىن، ئايرىلساممۇ ئېتىمدىن ئايرىلمايمەن توقۇمدىن، بولساممۇ گەر بىر مەرۇپ،ياخشىلارنى چاققانمەن.
خاتىرلەيمەن بىر-بىرلەپ كىملەر كۈلدى قەھ-قەھلاپ، ئاڭلالايمەن ھەتتاكى سۆزلەشسىمۇ پىچىرلاپ، بىرلىشىمەن ئۇلارغا باشلىقلارنى ھەم تىللاپ، ئوتنى ياقسام پىلىككە ئۇلار كېتەر پارتىلاپ، پۈتەر ئۈندىن بىر مەكتۇپ،بالالارنى تاپقانمەن.
تىڭ-تىڭلايمەن ھەممىنى ،مەخپىي قىلىپ رازۋېتكا، بايقاپ قالسام "خەتەر"نى ھەم باشلايمەن ئاتاكا، ئۇيۇن ئويناپ بەزىدە بولدىم ھەتتا "ماكاكا"، ئىشەنسۇن دەپ ئەل ماڭا دوراپ چەكتىم تاماكا، ساختىلىققا ئورۇنۇپ،داۋانلاردىن ئاشقانمەن.
مەن بولغاچقا باشلىقىم خەۋەرداردۇر ئىشلاردىن، غەم يىمەيدۇ ھەرگىزمۇ غالجىرلاشقان "ئىت"لاردىن، قۇرقۇپ كېتەر باشقىلار غۇچۇرلىغان چىشلاردىن، يېتەلمەيدۇ تىگىگە ھەيران قېلىپ چىتلاردىن، زارلانسىمۇ تولغۇنۇپ،دەل شۇلارنى چاققانمەن.
كىم باشلىقلىقتىن داتلايدۇ،ياخشىلىقتىن ياتلايدۇ، پۇشمان قىلىپ ئىشىغا كۆزلىرىنى ياشلايدۇ، چېقىپ قويسام باشلىققا باشلىق ئۇنى باپلايدۇ، ئېشىپ كەتكەن مېنىڭدىن جاپالارنى ئاتلايدۇ، باشلىقىمغا بولۇشۇپ ،ياخشىلارنى چاققانمەن.
كۆنۇپ كەتتى باشلىقىم چېقىمچىلىق ئىشىمغا، بەخىت قۇشى قوندۇرار شۇڭا مېنىڭ بېشىمغا، پەخەس بولۇڭ مېنىڭدىن تىگىپ قويماڭ چىشىمغا، ئايلىنىسىز بىر كۈندە باش پاناھسىز يېتىمغا، ئىشەك تۇرۇپ مەن ئۇتۇپ،تۇلپارلارنى چاققانمەن.
ئۆتەر كۈنۈم مۇشۇنداق يۇقىرى-تۈۋەن شاپاشلاپ، بەزەن يالاق يالىسام ،بەزەن يۈردۈم ھاپاشلاپ، باشقىلارغا بىلدۇرمەي سوۋغا بەردىم خوش-خوشلاپ، كۈنۈپ قالدى باشلىقمۇ ئامەت كەلدى قوش-قوشلاپ، خوشامەت قىپ تولغۇنۇپ،ئاقچىلارنى تاپقانمەن.
قاچۇرمايمەن كۆزۈمدىن كىچىك يىغىن ئاچقاننى، پاتۇرمايمەن ئىچىمگە ئەجرىدىن يۈز تاپقاننى، ياقتۇرمايمەن ئېنىقلا بىر -بىرىگە باققاننى، ياتقۇزمايمەن ھەتتاكى كېسەل تىگىپ ياتقاننى، ھارمىدىم مەن گەپ تۆشۇپ،ئاشۇلارنى چاققانمەن.
مەخپىيەتلىك ئىچىمدە ياتمايدىكەن زادىلا، چېقىمچىلىق ئىشىمدىن ئارلىشىدۇ ئاق- قارا، چېقىمچىلىق قىلمىسام مەندە خىسلەت بەك چالا، پەدازلىدىم ئۆزۈمنى ھىلەم بولغاچ بەك تولا، ئەنە شۇنداق تۇنۇلۇپ،ئەيىپلارنى ياپقانمەن.
ھازىرقى بۇ باشلىقلار ئۇنچىۋالا ساق ئەمەس، ئاق بولسىمۇ سۆزلىرى كوڭلى ئۇنچە ئاق ئەمەس، شۇڭا مەندەك چېقىمچى كۆپلەپ قالدۇق تاق ئەمەس، چىقىۋالدۇق تۆرىگە ئاستىمىزمۇ داق ئەمەس، شەخسىي مەنپەت قوغلۇشۇپ،باشقىلارنى چاققانمەن.
سېتىۋەتتىم مىللەتنى ،قېرىنداشنى ،ئۆلپەتنى، كۆرمەي دىدىم مەن ئۆزۈم زەررىچىلىك كۈلپەتنى، ئاتالساممۇ سوخەنچى ،خېلى كۆردۈم نىممەتنى، ئۆتۈپتىمەن بىر ئۇمۇر ھەمرا قىلىپ مىننەتنى، ئۇلار بىلەن بىر تۇرۇپ، ھەم ئۇلارنى ساتقانمەن.
شۇنچە مەخپىي قىلمىشىم،قىسىلىمەن ئارىغا، ئايلاندۇردۇم گەپ تۆشۇپ ئاقنىمۇ ھەم قارىغا، تۇز سېپىمەن دائىما قەلبتىكى يارىغا، ئاغرىنماڭلار مېنىڭدىن باقتىم جاھان رايىغا، كەتسەڭلارمۇ ھۆ بولۇپ،ھەممىڭلارنى چاققانمەن.
ئىقرار قىلدىم ھەممىنى مەن مۇشۇنداق بىر بەندە، ئىمان،ئېتقات،غورۇر دەپ يوق ئەزەلدىن بۇ تەندە، ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىغاچ بىرلا ئەندىش بار مەندە، مەن ئۆلگەندە خالايىق ئالماس بەلكىم كېپەنگە، ھاياتلىقتا گەپ تۆشۇپ،گۇناھلارنى ئارتقانمەن.
ئۆز يازمام |