مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 16

ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم(ئەنگەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

2

دوست

942

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
195 سەر
تىللا
160 دانە
تۆھپە
184 سەر
شۆھرەت
188 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 10:48:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 11:15  

ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم

ساتىرىك مۇخەممەس



خىزمەتچى بوپ ئاتالغاچ مۇئاشىمىز بار بىر ئۇچۇم،
شۇنداق بولغاچ بويرۇققا بويسىنىمىز بىز چوقۇم،
بەزى ئىشلار ئۈستىدە كۆپلەپ قالدى ھەم ئويۇم،
سۆزلەپ بېرەي سىلەرگە تۇتۇپ قالدى بەك خۇيۇم،
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى  ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم.

دۇشەنبىدە ياڭرىتىپ  ئوقۇتۇشنىڭ مارشىنى،
نادانلىققا ئاتىمىز ئىلىم -ئېرپان  ئوقىنى،
سەيشەنبىدە باشلايمىز تاپشۇرۇقنىڭ جېڭىنى،
تەكشۈرەيمىز زېرىكمەي بەرگەن بىلىم يۇقىنى،
كۆرۈنمەيدۇ قارىسى  ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم،

چارشەنبىدە ئۆگۈنۈپ سىياسەتنىڭ بېشىنى،
قىزىل قىلىپ كاللىنىڭ ئىچى بىلەن تېشىنى،
پەيشەنبىدە قىلىشىپ كەسپىي بىلىم گېپىنى،
سۆزلىشىمىز ئۆز ئارا يۇقۇرلىتىش ئېپىنى،
قالمىدى ھېچ  مەنىسى ئارام كۈنگە  ئۆچ بولدۇم.

جۈمە تىنەش بولىمىز تۈگمەي ئىشنىڭ چالىسى،
ئارام كۈنگە قېپ قالار تەكشۈرۈشنىڭ ئارخىپى،
بىرى تۈگسە بىرىگە كېلەر ئىشلەش نۆۋىتى،
ھارام بولار ئارام كۈن چىقماي ھېچكىم ھاردۇقى،
تۇگمەيدىغان بانىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

شەنبىلەردە تۈگەتسەك ئارخىپلارنى مىڭ تەستە،
يەكشەنبىدە كۆرىمىز ئۆزىمىزنى ئەمگەكتە،
دۇشەنبىدىن جۇمەگە يەنە ئوخشاش ھەركەتتە،
چۈشەنمدىم زادىلا قالدۇق قانداق قىسمەتكە،
بەكمۇ جىقكەن ئىگىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

ئېچىلىدۇ يىغىنلار شەنبە ياكى يەكشەنبە،
پات-پات كېلەر تەكشۇرۇش بەكمۇ ھەيۋەت دەبدەبە،
ئارام كۈندە ئىشلىمەك  ئىكەن ئېسىل ئەنئەنە،
بىز ئىشلىسەك ئۈن-تۈنسىز مۇدىر قىلار تەنتەنە،
تەكرارلانغان قىش-يېزى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

ئۆيدە خوتۇن سوقۇشار كۆچۈپ كەت دەپ مەكتەپكە،
جىدەل قىلار باللىرىم ئاپارغىن دەپ مەشرەپكە،
رەنجىپ ئاتا-ئاناممۇ قالدىم مانا ئەيىپكە،
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى پاتتىم ئېغىر ھەسرەتكە،
قالدى گېپىم چالىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.


چىدىماسكەن دەپ قالماڭ ئارام كۈندىن زارلىسام،
ھەرگىز ئىچىم بوشىماس ئويلىغاننى يازمىسام،
چوقۇم ساراڭ بولىمەن ئەمدى ئارام ئالمىسام،
ئارام ئالغان شۇ كۈنى ئىككى ئۈچ كۈن ياتمىسام،
يوقاپ كەتكەن خىسلىتى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى شېئىر.
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئالىم + 2 + 3 + 2 + 2ياخشى تېما.
pari + 2 + 2 + 2 + 2ياخشىكەن..!
گۈلزار + 3 + 2 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 13 تىللا + 13 تۆھپە + 13 شۆھرەت + 13  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

2

دوست

61

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
12 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
10 سەر
شۆھرەت
10 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:00:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ سىزگە ئوخشاش ئارام كۈنلىرىگە ئۆچ بولۇپ كەتتۇق .خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى يېزىپسىز .

باھا سۆز

pari سىزنىمۇ بۇ مۇنبەردە كۆرگىلى بولىدىكىنا ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:17

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:20:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، دىمەك كۆڭۈلدىكى گەپكەن ، راست دەيسىز بۇ خىزمەتنىڭ كۆپلىكى .
بولۇپمۇ مۇنۇ مىسرالار ماڭا بەك ياقتى .رەھمەت داۋاملىق يېزىپتۇرۇڭ .

چىدىماسكەن دەپ قالماڭ ئارام كۈندىن زارلىسام،
ھەرگىز ئىچىم بوشىماس ئويلىغاننى يازمىسام،
چوقۇم ساراڭ بولىمەن ئەمدى ئارام ئالمىسام،
ئارام ئالغان شۇ كۈنى ئىككى ئۈچ كۈن ياتمىسام،
يوقاپ كەتكەن خىسلىتى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:23:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ ئارام كۈن ئەمەس بەلكى  ئارخىپ كۈنى ، باشلىقلارنى كۈتىۋېلىش كۈنى بولىۋاتىدۇ . بۇنداق بولىۋەرسە كىممۇ  بۇ كۈنگە ئۆچ بولمىسۇن .
رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

139

تېما

42

دوست

8947

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1899 سەر
تىللا
591 دانە
تۆھپە
1761 سەر
شۆھرەت
1647 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 11:36:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا قېرىندىشىم!بىزلارنىڭ يۈرىكىدىكى گەپلەرنى دەپسىز! رەھمەت !مەن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى تولۇق كۈرۈپ كىلىۋاتىمەن، مۇنبىرىمىزدىن تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
نىمە دىگەن ئۆتكۈرتىللىق،چۈشۈنىشلىك يېزىلغان شىئېر بۇ؟!
ھەقىقەت چىرىغىنى پۈلىگەننىڭ ساقىلى كۈيىدۇ!

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 13:08:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاچانمۇ شەنبە -يەكشەنبە ئارامنى ياخشى ئېلىپ ،دۈشەنبە كۈنى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقتىمىز بولار -ھە!
بۇرۇن باشقا كەسىپتىكىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك دەم ئېلشى بار دەپ بەك ھەۋەس قىلىشاتتىكەنتۇق،ئەمدى، بۇ تەتىلمۇ يوقاپ كەتتى....
   بەزىلەردىن ئاڭلىسام ،بۇنىڭدىن كىيىن شەنبە كۈنلىكى چوقۇم يېرىم كۈن ئوقارمىشمىز ......ھەي...
   دېمەك ،سىز،مەن ،ئۇ ...ھەممىمىز ئارام كۈنگە زار بوپتۇق.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 13:42:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىل  ئىدى ئەڭ ياخشى ئارام ئېلىش كۈنىمىز ،
سىياسى ئاڭ بەك تۆۋەن ،شۇڭا ئۆگىنىش قىلىمىز ،
ئائىللەرگە سۆھبەتكە بېرىپ توختام تۈزىمىز ،
ئارام ئالىمىز دېيىشكە چوڭ ئەمەس يا يۈزىمىز ،
سەت كۆرنۈپ قالىمىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ،
نە ئامال بار ،نە چارە ،بۇنى ئوبدان بىلىمىز،
ئارام كۈنى قالمىغان  تەتىلگىمۇ ئۆچ بولدۇم.

باھا سۆز

angar ئاجايىپ كەلتۈرۈپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 16:39
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 14:42:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەنبىلەردە تۈگەتسەك ئارخىپلارنى مىڭ تەستە،
يەكشەنبىدە كۆرىمىز ئۆزىمىزنى ئەمگەكتە،
دۇشەنبىدىن جۇمەگە يەنە ئوخشاش ھەركەتتە،
چۈشەنمدىم زادىلا قالدۇق قانداق قىسمەتكە،
بەكمۇ جىقكەن ئىگىسى ئارام كۈنگە ئۆچ بولدۇم.

ئوقۇتۇشقا مۇناسۋەتسىز ئارخىپلارنى  ئىشلەيدىغان  ۋاقىت قاچانمۇ تۇگەر.

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 14:55:31يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر شېئىرى مىسرالىرىڭىز ئارقىلىق بىزلەرنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزنى ھەرخىل ۋەزىپە خاراكتىرلىك باش ئايىقى چىقماس ئىشلار بىلەن قۇربان قىلىۋاتقان بىر ئۇچۇملارغا ئاچچىق تەنقىد بېرىپسىز،بارىكاللا!
来自: Android客户端
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 15:33:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز قېرىندىشىم  بۇ ئارام كۈنلەردە  نۇرغۇنلىغان ئايىغى چىقماس خىزمەتلەرنى بىزگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىزنى ئەجىپا بىيزار قىلىۋەتتى . بىزنىڭ دەردىمىزگە كىممۇ يىتەر ھە

باھا سۆز

خۇمارى ياخشى يېزىپسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ.سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 19:13
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:19, Processed in 0.503388 second(s), 45 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش