شىركەتكە قۇبۇل قىلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە خوجايىن:قىزغىن قارشى ئالىمىز،ناۋادا سىز بولمىسىڭىز شىركىتىمىزنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولىدۇ. خىزمەتچى:ئەگەر خىزمەتتە چارچاپ كەتسەم ئىستىپا بېرىشىم مۆمكىن. خوجايىن:خاتىرجەم بولۇڭ،مەن بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەت بېرىمەن. خىزمەتچى:قوش دەم ئېلىش كۈنىدە دەم ئالسام بولامدۇ؟ خوجايىن:ئەلۋەتتە!بۇ ئەڭ ئاخىرقى چەك. خىزمەتچى:ئادەتتە كۈندە ئىسمىنا ئىشلەپ كەچ قالىمىزمۇ؟ خوجايىن:ئۇنداق بولمايدۇ. خىزمەتچى:تاماق پۇلى قوشۇپ بېرىلەمدۇ؟ خوجايىن:بۇنى دەپ ئولتۇرۇش كېتەمدۇ؟ئادەتتىكى ئورۇنلاردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. خىزمەتچى:خىزمەتتە خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرىلەمدۇ؟ خوجايىن:نىمىشقا بۇنداق ئويلايسىز؟ خىزمەتچى:شىركەتتە سايەھەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟ خوجايىن:بۇ ئەقەللىي ساۋات. خىزمەتچى:ئۇنداقتە مەن ئۆز ۋاقتىدا خىزمەتكە كېلىشىم كېرەكمۇ؟ خوجايىن:ياق،ئەھۋالغا قارايمىز. خىزمەتچى:مائاش ۋاقتىدا تارقىتىلامدۇ؟ خوجايىن:ئەزەلدىنلا شۇنداق. خىزمەتچى:ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭى خىزمەتچىلەر قىلامدۇ؟ خوجايىن:ئۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس،ئۈستىڭىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىستېداتلىق كەسپداشلىرىڭىز بار. خىزمەتچى:ئەگەر رەھبەرلىك ئورنى بوش بولسا،رىقابەتلىشىشكە قاتناشسام بولامدۇ؟ خوجايىن:بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟بۇ شىركىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئاساس. خىزمەتچى:مېنى ئالدىمايۋاتقانسىز؟
شىركەتكە قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش(تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئوقۇڭ)
مەنبە:«تۇرپان گېزىتى»4331-سانىدىن ئۆزۈم ياقتۇرۇپ قېلىپ ئېلىپ كەلدىم. |