مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 2

قۇيۇن (ھىكايە)-ئەنگەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

2

دوست

942

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
195 سەر
تىللا
160 دانە
تۆھپە
184 سەر
شۆھرەت
188 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:34:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   angar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 21:46  

قۇيۇن

ھىكايە

   يېزىنىڭ چەت -ياقىلىرىدىكى بىرقانچە  مەكتەپلەردە تۈرلۈك "چېنىقىش"لارنى باشتىن كەچۈرگەن مۆمۈنجان ئالدىنقى يىلى تاسادىپىي پۇرسەتتە يېزا مەركىزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى ۋە يېزىقچىلىقتىكى ئىقتىدارى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇن مۇدىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدە "غەمخورلىقى" دا مەكتەپ ئىلمىي بۈلۈمىنىڭ كادىرىلىقىغا تەيىنلەندى.شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پىلان –خۇلاسىلىرى،يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان دوكلاتلار،چوڭ-كىچىك يىغىن ۋە پائالىيەتلەردىكى رەھبەرلىكنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ كوڭۈل قويۇپ تەييارلىشى بىلەن  شۇنداق مۇكەممەل  ۋە جەلب قىلارلىق چىقىدىغان بولدى.
  مۆمۈنجاننىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن ،ئۇنىڭ رەھبەرلەرنىڭ كوڭلىدىكىنى چۈشۈنەلەيدىغان ئىقتىدارىمۇ مەكتەپ مۇدىرىغا بەكلا ياقاتتى.مەكتەپ مۇدىرى ھەر قېتىم مۆمۇنجاننىڭ  ئۆزى ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن نۇتۇق تىكىستلىرىنى ئوقىغىنىدا   شۇنداق روھلىنىپ كېتەتتى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقىنىنى،چاۋاق- ئالقىشلارنى ياڭراتقىنى كۆرگەندە ئۆزىنى سەۋىيىسى يۇقىرىلاپ قالغاندەك سېزەتتى.چۇنكى مۆمۇنجان ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققاندەك،ئۇ ئۇزۇندىن بېرى  دىيىشنى ئارزۇ قىلغان  لېكىن،دىيەلمەي كېلىۋاتقان سۆزلىرىنى ھەر قېتىملىق يىغىن ياكى پائالىيەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق مۇكەممەل تەييارلاپ بېرەتتى. ،
  بۈگۈن 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى.مەكتەپنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە مەكتەپتە چوڭ كۆلەمدىكى بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقچى.بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ كۆلىمى ئىلگىركى يىللاردىكىدىن چوڭراق بولۇپ پائالىيەتكە يېزا رەھبەرلىرى،ئورۇن –پونكىتلارنىڭ مەسئوللىرى، ئالدىن بېيىغان بېيىش ماھىرلىرى ۋە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.
ھەممە تەييارلىقلار پۇتۇپ پائالىيەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باشلاندى.يېزا رەھبەرلىرى ۋە مەكتەپنىڭ چوڭ-كىچىك رەھبەرلىرىمۇ دەرىجىسىگە ئاساسەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشتى.مۆمۈنجان كوڭۈل قويۇپ  تەييارلىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەبرىك سۆزى،ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پائالىيەتتە سۆزلەيدىغان سۆزلىرىنى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە چاندۇرماي تارقىتىپ بەردى.ئۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە سۆزلىنىدىغان رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى تەييارلاشقا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ كۈچ ۋە ئەقىل سەرىپ قىلدى .چۇنكى،بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئوڭۇشلۈق ئۆتۈپ كەتسە مەكتەپ مۇدىرىمۇ يېزا رەھبەرلىرى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋالالايتتى،مەكتەپ مۇدىرى خۇش بولسىلا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى خىزمەتلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ،دەرىجىسىنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆسىشىگە ۋە ئۇنۋانىنىڭ ئەمىللىشىشىگە گەپ كەتمەيتتى.
  پائالىيەت كۈن تەرتىپى بويىچە رىياسەتچى مەكتەپ مۇدىرىنى پائالىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەيداندا گۇلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى.مەكتەپ مۇدىرى چىرايىدىن تەبەسسۇملارنى ياغدۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ  ئوڭ قولىنى يېرىم كۆتۈرۈپ مەيداندىكىلەرگە "بولدى،بولدى"دىگەندەك پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ئورنىدا ئولتۇردى ۋە ئالدىدىكى مومۈنجان يېزىپ تەييارلاپ بەرگەن "تەبرىك سۆزى"نى ئالدىرىماي ئوقۇشقا باشلىدى:
-ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ،ئوقۇتقۇچىلار،قەدىردان ئاتا-ئانىلار سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ،-مەكتەپ مۇدىرى تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ شۇ يەرگە كېلىشىگە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.يەنى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدا تۇيۇقسىزلا توپا –چاڭلارنى پېقىرتىپ قۇيۇن چىقىپ ئۇياق-بۇياققا يوتكىلىپ،رەئىس سەھنىسىنى پاتپاراق قىلىۋەتتى.مەكتەپ مۇدىرىمۇ مايلاپ پارقىرىتىۋالغان چاچلىرىنىڭ توپا -چاڭ بولىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ ياكى تۇيۇقسىز چىققان قۇيۇندىن قورقۇپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر قولىدىكى سۆز ئارگىنالىنى تاشلاپ ،ئىككى قولى بىلەن بېشىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.قۇيۇن بولسا ئۆز ھەيۋىسىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك رەئىس سەھنىسىنى نەچچىنى ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن ،سەھنىدىكى قەغەز رۇمكا ،سۆز تىزىسلىرىنى ئولجا ئىلىپ،كوك قەھرىگە چىقىپ  كۆزدىن غايىپ بولدى.رەئىس سەھنىسىدىكىلەر ئەتتىگەندە كەلگەن چاقىرىلمىغان بۇ مېھمان توغرىسىدا ئازراقتىن  غۇدۇرۇشىپ ئۆز ئورۇنلىرىدا  ئولتۇرۇشتى.
  رىياسەتچى مەيدان تەرتىپىنى ئىزىغا سالغاندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىنى قايتىدىن سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.قايتىدىن چاۋاقلار چېلىندى.مەكتەپ مۇدىرى بۇ قېتىم بايىقىدەك ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى پۇلاڭلاتمىدى،چىرايىدىنمۇ ھېچقانداق تەبەسسۇم جىلۋىلەنمىدى.ئەكسىچە چىرايلىرى قارىداپ ،جىددىي تۇس ئالغان ئىدى.ئۇ يانلىرىنى ئاختۇراتتى،ئۇستەلنىڭ ئاستىلىرىغا قارايتتى،يېنىدىكىلىرىگە بىر نىمىلەرنى دەيتتى.مەيداندىكىلەر مۇدىرغا تىكىلگىنىچە ئۇنىڭ  تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولاتتى.ئەمما مۇدىر مەيداندىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى.ئەتراپىغا قاراپ كىمدۇر بىرىنى ئىزلەيتتى.رىياسەتچىنى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دەيتتى.
  بىر چەتتە ئولتۇرغان مۆمۈنجان دەسلىپىدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بولسا مۇدىرنىڭ تېخىچە سۆز قىلماي ئۇيان- بۇيان قاراپ بىر نەرسىنى ئىزلەۋاتقانلىقىدىن  دەرھال نىمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى. قۇيۇن ،دەل ئاشۇ ئۆلگۇر قۇيۇن، ئۇ مۇدىر ئۇچۈن نەچچە كۇن ھەشەم قىلىپ يېزىپ بەرگەن تەبرىك سۆزىنى ئۇچۈرتىپ كەتكەن گەپ. مۆمۈنجاننىڭ خىيالىنىڭ ئاخىرى چىققۇچە مۇدىر ئۇنى يېنىغا كېلىشكە ئىشارەت قىلدى.مۆمۇنجان بايىقى قۇيۇندىنمۇ ئۆتە تېزلىك بىلەن مۇدىرنىڭ قېشىغا بېرىپ ،ئېڭىشىپ تۇرۇپ قۇلىقىنى مۇدىرنىڭ ئاغزىغا تۇتتى:
-سۆز تىزىسى يوق تۇرىدۇ،ئارتۇغى بارمۇ؟-دىدى مۇدىر پەس ئاۋازدا.
-يۇقتى مۇدىر،بىرلا پارچە چىقىرىپتىكەنمەن.
-خەپ سېنى،نىمانداق جالا ئىش قىلىسەن،ساڭا پۇل تۆلە دىمىگەندىكىن،نەچچە پارچە ئارتۇق تەييارلىساڭ بولمامدۇ.
-مەن ،مەن.. راستىنلا خاملىق قىلىپتىمەن مۇدىر،مەن ھازىرلا ئىشخانىغا چىقىپ يەنە بىر نۇسخا چىقىراي،-دىدى مۆمۈنجان دۇدقلاپ.
-بولدى بەس ئەمدى ئۈلگۈرەمتى.خەپ سېنى ،خەپ سېنى !بولدى كۆزۈمدىن يوقىلە!،-دىدى مۇدىر ئاچچىق  بىلەن.
  مۇدىرنىڭ  ئاۋازى قاتتىغاراق چىقىپ كېتىپ رەئىس سەھنىسىدىكىلەر  مۇدىر بىلەن مۆمۈنجانغا تەئەججۈپ بىلەن قارىسا،مەيداندىكى باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار مۇدىرنىڭ سۆز قىلىپ بېرىشىگە تەلمۇرۇپ تېخىچە مۇدىرغا قاراپ تۇراتتى. باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قاراشلىرىدىن زەردىسى تېخىمۇ قاينىغان مەكتەپ مۇدىرى:
-ھەي،رىياسەتچى بولدى پائالىيىتىڭلارنى باشلاۋېرىڭلار،-دىدى زەردە بىلەن .
   پائالىيەت يۆچۈن بىر كەيپىياتتا قايتىدىن باشلاندى.مۆمۇنجاننىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىغىلى تۇردى.ئۇ مۇشۇ چاققىچە مۇدىردىن بۇنداق گەپ ئىشىتىپ باقمىغان ئىدى.ئاشۇ تۇيۇقسىز چىققان ئۆلگۈر قۇيۇن مۇدىرنىڭ سۆز تىزىسىنىلا ئەمەس،مۇدىرنىڭ يۇز ئابرويىنىمۇ ئۇچۇرۇپ كېتىپ ،رەھبەرلەر ئالدىدا ئۇنى مات قىلدى.مۇدىرنىڭ ئەسلى مەقسىدى بۇ ئەمەس ئىدىغۇ!ئاشۇ ئۆلگۈر قۇيۇن مۆمۇنجاننىڭ بىر يىللىق قان تەرىنى ،ئەجرىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى گۈزەل خىياللىرىنىمۇ ئۇچۇرۇپ كەتتى .ئەمدى مۇدىرنىڭ قۇيۇنى ئۇنى يەنە نەلەرگە ئۇچرىتىپ ئاپىرىپ تاشلار؟!مۆمۇنجان كىيىنكى ئىشلارنى ئويلىغانسېرى بېشى قىيىپ،يەر –جاھان ئايلىنىشقا باشلىدى.بەلكىم بايىقى قۇيۇن ئۇنىڭ بېشىدا چىقىۋاتقان بولسا كېرەك.مۇدىرنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى ئەمەس، بەلكىم ئۇ بۇندىن كېيىن قانداق "قۇيۇن"چىقىرىش توغرىسىدا  ئويلىنىۋاتقان بولسا كېرەك.

ھەممىنى قىلغان شۇ ئۆلگۈر قۇيۇن!!!




2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى يازدىم.



  
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:52:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن، رەخمەت سىزگە ،بىرنەرسە يازايمايدىغان، تىزىسسىز  بىرنەرسە دىيەلمەيدىغان پور قۇساق  مۇدىرلارغا راسلا بىر قامچا بولوپتۇ ،ھەم مەكتەپ مۇدىرلىرغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپتۇ . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

9

تېما

2

دوست

942

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
195 سەر
تىللا
160 دانە
تۆھپە
184 سەر
شۆھرەت
188 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 21:00:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلغار يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 20:52
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن، رەخمەت سىزگە ،بىرنەرسە ي ...

مەن ئادەتتە ھىكايە ،نەسىر دىگەنلەرنى ئانچە يېزىپ كەتمەيمەن.توغرىسى ئانچە يازالمايمەن.تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدا ،شۇڭا« بايقاش»تىكى ئەزىزلەرنىڭ يازمىلىرىمغا كۆپرەك تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بۇ مەن ئۈچۈن كىيىنكى يېزىقچىلىق ئىشلىرىم ئۈچۈن بەكمۇ موھىم.رەخمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:34, Processed in 0.184063 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش