مەي ئىچمەي
خوشال ئۆتەر كۈنلىرىم ، تېنىم ساغلام مەي ئىچمەي، ئىقتىساد بوپ پۇللىرىم ، بولدى باغلام مەي ئىچمەي، ئۆيدە خوتۇن باللىرىم تاپتى ئارام مەي ئىچمەي، يۇۋاش –يۇمشاق ئاتالدىم ، ئەمەس قارام مەي ئىچمەي، يولدا ماڭسام چوڭ- كىچىك قىلار سالام مەي ئىچمەي.
بارمىدى بۇ شادلىقىم ھەتتا ئوتتۇز كۈنگىمۇ، قىينىدى يېڭى ئازاب ، قاتتى بېشىم تېخىمۇ، تەڭقىسلىقتا قالدىم يەنە مەينى ئىچمەي تازىمۇ، ئىچمەسلىككە سەۋەپ ئىزلەپ چۆمدىم قارا تەرگىمۇ، بەزىلەرگە يارىماي بولدۇم غولام مەي ئىچمەي.
"مەي ئىچمىگەن ئەر ئەمەس" دىدى بىرسى يۈزۈمگە، ئىچىۋەتكىن بۇنى دەپ كىرىۋالدى كۆزۈمگە، گەر كۆڭلىنى قايتۇرسام بويرۇيدىكەن ئۆلۈمگە، بىر" لاتا "بوپ ئاتالدىم ئوخشىمىدىم ئۆزۈمگە، نۇرغۇن گەپنى ئىشىتتىم بۈگۈن ئاخشام مەي ئىچمەي.
ئەدەپ بىلەن قايتۇرسام باشلىق تۇتقان مەينىمۇ، يىدۈرمىدى باشقىلار پولو –مانتا ، سەينىمۇ، مەي ئىچكەنلەر ئىچسۇن دەپ ئىچۈرمىدى چاينىمۇ، نىمە قىسمەت كۈتەركىن يامان باشلىق پەيلىمۇ، بۇزۇلىدۇ چوقۇملا تۈزگەن توختام مەي ئىچمەي.
-قېنى بىردىن ئىچەيلى، - دەپ قالدى ھەم بىر خېنىم، بۇ قەدەھنى ئىچسىڭىز بولالايسىز سىز جېنىم، ئىچەلمەيمەن دىسىڭىز سىزمۇ مەندەك بىر خېنىم، -يوقال ، - دىدىم غەزەپتىن قىززىغانتى بەك قېنىم، توۋا ! دىدىم ئۆزۈمگە بولدۇم قاينام مەي ئىچمەي.
قىلىپ بىركۈن مەرىكە تەكلىپ قىلدىم كۆپ مېھمان سويۇپ پاقلان-قوزىنى تەييارلىدىم داستىخان، داستىخانغا تۆكتۈممەن تاپقىنىمنى بىر پاتمان، رازى بولسا مېھمانلار ، كۈلەر شۇندا ساھىپخان، ئەمما رازى بولماپتۇ ئىككى ئوتلام مەي ئىچمەي.
مەيگە خۇمار بولغانمۇ ھېچ بىلمىدىم باشقىلار، مەيسىز مۇڭلۇق ئاڭلانماس بەزىلەرگە ناخشىلار، مەيسىز ھەتتا ئوينالماس ئۇسۇل ياكى تانسىلار، ئىزىمىزدىن كەلمەكتە مەيگە ئامراق ئىزچىلار، يۈرەلمەمدۇق بىز زادى ھەممە ئاۋام مەي ئىچمەي.
مەي ئىچمەسلىك گۇناھمۇ قېنى ئېيتقىن بۇرادەر، كۆتۈرگىنچۇ بېشىڭنى يىراقلارغا سال نەزەر، مەيگە دوست بوپ ئۆتكەندە يېتەر بىزگە كۆپ خەتەر، مەي ئىچكەنلەر ھايۋاندىن بولار ھەتتا بەك بەتتەر، يازدىم غەزەل سەن ئۈچۈن، كەلگەچ ئىلھام مەي ئىچمەي.
شەھىرى تۇرپان 2011.11.11
|