باشلىق بولسام بوپتىكەن
( ساترىك مۇسەددەس)
كۆرۈپ كۈندە خوشامەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، يۈرۈشلىرىم كارامەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، تېپىپ تاغدەك ئىناۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، سۈرۈپ ھۆزۇر ھالاۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، ئاشسا كۈندە تاپاۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، جىڭ گېپىم بۇ جامائەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
ئويلاپ قالدىم ئۆسۈشنى مەندە باشقا تاما يوق، بۇ كېسەلگە ئەزەلدىن بىرەر ياخشى داۋا يوق، ئارمانىم كۆپ مۇشۇنداق ئارمانلاردا ئادا يوق، تەييارلاندىم مەن لېكىن يۇقىرىدىن سادا يوق، كۆپلەپ قىلدىم تىلاۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، قىلسا چوڭام ساخاۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
نىمە ھەۋەس دەپ قالماڭ ئويلاپ قالسام ئۆسۈشنى، ئويلىماڭلار ھەرگىزمۇ بۇ نىيتىمدىن توسۇشنى، چىقىمچىلىق قىلماڭ ھەم كۆرسىتىمەن ئۈسۈشنى، تۈگە قۇشكەن دەپ قالماڭ مەن بىلىمەن ئۇچۇشنى، تىلەك بولۇپ ئىجاۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن قىلىڭلارچۇ ئىجازەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
چۈشۈپ ئېسىل پىكاپقا شەمۇ شەدە يۈرگۈم بار، رەڭلىك سورۇن پەيزىنى مېنىڭ شۇنچە سۈرگۈم بار، خۇش پۇراقلىق گۈللەرنى مېنىڭ يالغۇز ئۈزگۈم بار، يۇۋاشلارغا ھۆرپۈيۈپ،ھەم قاپاقنى تۈرگۈم بار، قىلساممۇ گەر خىيانەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، ئۆتكۈزسەممۇ جىنايەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
بۇرۇنقى شۇ رەھبەرلەر نىمانچىلا ئەخمەقتۇ، چاكار بولۇپ ئاۋامغا ئىشلەشلىرى بەك مەتۇ، سۈرمەي ھايات پەيزىنى كەتكەنلەرمۇ بەك كۆپتۇ، "يامانلارغا ئۈلۈم يوق"بەكمۇ توغرا نەق گەپتۇ، تۇتۇپ مەنمۇ ئاداۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، ئىشىتسەممۇ مالامەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
كېرىلەتتىم ،كۈلەتتىم رەھبەر بولغان شۇ كۈنى، ھىلە –مىكىر ،ساختىدا ئۇستاز تۇتۇپ تۈلكىنى، بېشىنىلا چاپاتتىم ئەكەل دىسە بۆكۈنى، ئارتار ئىدىم خەلققە نامراتلىقنىڭ يۈكىنى، ماڭا خەلقىم نەھاجەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، بولدۇم راسلا بىتاقەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
باشقۇرغۇم بار مېنىڭمۇ رەھبەر بولۇپ ھەممىنى، مەستخۇشلانغۇم بار يەنە تېتىپ ھوقۇق تەمىنى، تېتىتقۇم بار رەھبەر بوپ ئايىقىمنىڭ چەمىنى، سوكۈلدىسام ئۆيمۇ-ئۆي قىلىپ ئۆسۈش پەمىنى، بولماي ھەرگىز خىجالەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، كۆرۈنۈشتە بەك ھەيۋەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
شىپاڭشىتىپ قويرۇقنى يۇقىرىدىكى باشلىققا، تولدىرىمەن ئاسترىتتىن قازنىقىمنى ئاشلىققا، تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنى لىۋەن سۈمبۇل چاچلىققا، قايتۇرىمەن ئېنىقلا ئون سەككىزدەك ياشلىققا، شۇنداق قىلىپ خوشامەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، ماڭا كەلسۇن شۇ ئامەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
ئۆسۈپ كەتتى باشقىلار مەن نىمىشقا ئۆسمەيمەن، تەڭشەلمىگەن جاھاننى مەن نىمىشقا سۆكمەيمەن، توشۇپ كەتتى دەرتلىرىم مەن نىمىشقا تۆكمەيمەن، ئۆچۈپ كەتتى باشقىلار مەن نىمىشقا ئۆچمەيمەن، چەكمەي ئەمدى رىيازەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، ياغدۇرماڭلار ئاھانەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەپ ياقمامدۇ –يا قىلىقىم، نەپرىتىنى قوزغامدۇ كۆپلەپ سالغان سېلىقىم، ئاۋام بەرسە سۆيىنى ياشامدىكىن بېلىقىم، ئۇلار بەرگەن سۈت بىلەن ئۇيامدىكىن قېتىقىم، ياغدۈرالسام شاپادەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، بېرەلىسەم سائادەت باشلىق بولسام بوپتىكەن.
مەن دىگەندەك ئەمەسكەن رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى، كۆزلىرىمنى قىزارتقان ساناقلىقلا نەچچىسى، تەييار ئىكەن ئۈنداققا ھۆكۈمەتنىڭ دەككىسى، چۈشەر ئىكەن سولاققا باشلىقلارنىڭ ئەسكىسى، بولسا مەندە ساداقەت باشلىق بولسام بوپتىكەن، دىمەي ئەمدى تائەبەت«باشلىق بولسام بوپتىكەن»
ئۆز يازمام |