| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahdiyar46 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-18 22:38
بۇ دۇنيا ئابدۇللا توختى شاھدىيارى
سەن كۆزۈڭنى ئاچقاندا قۇچاق ئاچتى بۇ دۇنيا، ئېھتىياجىڭ چۈشكەندە تاشلاپ قاچتى بۇ دۇنيا. گاھى سىنىڭ بېشىڭنى سىلاپ ئۆتتى بۇ دۇنيا، گاھى دەريا - دېڭىزغا چىلاپ ئۆتتى بۇ دۇنيا. گاھى سىنى مەنزىلگە باشلاپ ئۆتتى بۇ دۇنيا، گاھى سىنى دەشتى-چۆل تاشلاپ ئۆتتى بۇ دۇنيا. دەشتى-چۆلدە چاڭقىساڭ شەربەت بەردى بۇ دۇنيا، سىنىڭ ئۈچۈن مەردانە كۆكرەك كەردى بۇ دۇنيا. ئىتتىن قورققان ھابدالنى يولۋاس قىلدى بۇ دۇنيا، مىۋە بەرگەن كۆچەتنى بولماس قىلدى بۇ دۇنيا. يۇلتۇز كۆرگەن كۆزلەرنى كۆرمەس قىلدى بۇ دۇنيا، سېخى مەردۇ- مەرتلەرنى بەرمەس قىلدى بۇ دۇنيا. تۆت تامنىمۇ جاھانغا قۇلاق قىلدى بۇ دۇنيا، شاخلىرىڭنى چاتىدى چوماق قىلدى بۇ دۇنيا. بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ سىنى كۈتتى بۇ دۇنيا، ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپ يالماپ يۇتتى بۇ دۇنيا. |
|